بازار ئايلانغاندىمۇ قورال ئاسىدىغان ئىسرائىلىيە گۈزەللىرى

1790 2011-08-23 11:54:05   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئىسرائىلىيەدە مەيلى قېرى ئايال ياكى ياش قىز بولسۇن ھەممىسىلا يېنىغا قورال ئېلىپ يۈرۈشىدۇ ، ھەتتا قورال ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان سەتەڭلەرمۇ بازا ئايلىنىشقانلىرىدا ھەرخىل كۈچلۈك قوراللارنى ئېسىۋالىدۇ . لورېلىي ئىسىملىك ئىسرائىلىيىلىك بىر قىز ئۆزىنىڭ«ھەيۋەت »ۋە «كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان »قوراللىق تۇرقىنى سۈرەتكە تارتىپ بىلوگىغا چىقىرىپ باشقىلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىغا قويغان .

ئۇ يەنە :« ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەردە ياشايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ خىل كۆرۈنۈش بىر ئاز غەلىتە بىلىنىشى ئېنىق ، بىراق بىزگە ئۇنداق ئەمەس . بۇ يەردە ھەممە كىشىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ بىر خىلدىن قورالى بار ، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە . بۇ خۇددى ئۈچ ۋاق تاماق يىگەندەك ئادەتتىكى ئىش » دەپ يازغان .


 

لورېلىينىڭ بلوگىدىكى رەسىملىرىگە قارىغاندا ، بۇياش قىزلار قۇرۇقلۇق ئارمىيىسنىڭ ئەسكەرلىرى بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇلارنىڭ مىلتىقىدىكى M16 پىيادە ئەسكەرلەر مىلتىقى دېگەن بەلگىسىدىن ئۇلارنىڭ مەخسۇس ئەسكەرلەرنىڭ ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭغا قوشۇپ ، ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ قىز - ئوغۇل ھەممىسى ئۆيىگە دەم ئېلىشقا قايتىپكەلگەندىمۇقورالىنى ياندىن ئايرىمايدىكەن ، شۇندىلا ئۇلار ھاياتىنى ساقلاپ قالدىكەن .


ئىگىلىنىشكە قارىغاندا ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇندىن بۇرۇن ھەربىيلەر مەيلى قەيەردە بولمىسۇن چوقۇم قورال ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك ، شەھەر پۇقرالىرىنىڭ ناۋادا قورال قورال تۇتۇش گۇۋاھنامىسى بولسا ئۇلارمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشى كېرەك دەپ بەلگىمە چۈشۈرگەن . ئەگەر ئامما قورالىنى باشقا يەرگە قويۇپ ياكى باشقىلار ئۇنى ئوغرىلاپ ئادەم ئۆلتۈرسە ، قورال ئىگىسى تۈرمىدە ياتىدىكەن .

 

 


 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博