تەيۋەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 20-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە، گاۋشىيۇڭ شەھىرىدە تەيۋەنلىك بىر ئەر چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن قىز دوستىدىن پۇل ئالدىغاندا چاپلىشىۋېلىپ، پۇلنى ئېلىپ بولۇپ كۆرۈشكىلى ئۇنىمىغان دەپ رەنجىپ، يېنىغا ئىككى تال مېۋە ئاقلايدىغان پىچاقنى سېلىپ، قىز دوستىنىڭ ئۆيىگە قايتىدىغان يولىدا ئۇنى توسۇپ ياخشىراق ھېسابلىشىپ باقماقچى بولغان.
ئەمدى قىز دوستىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇرىشغا قىز دوستى باشقا بىر ئەر بىلەن بىر ماشىنىدىن چۈشكەن ۋە كوچىدىلا قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈپ خوشلاشقان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قىز دوستىغا بىر پىچاق سالغان، قىز دوستىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ، ئەگەر ئەر كىشى بولساڭ، مېنى شۇ پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈۋەت دېگەن. تەيۋەنلىك بۇ ئەر قىز دوستىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزنى بېسىۋالالماي جەمئىي 7 پىچاق سالغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىپ، ئارىدىن 5 سائەت ئۆتكەندە ساقچىغا ئۆزنى مەلۇم قىلغان، قىز دوستى گەرچە دوختۇرغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
گۇاڭشى نەننىڭ تاماكا زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدائوت كەتتى،قو...
شىنجىن شەھەرلوخۇ دابىر ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز يولدىن چىقىپ كېتى...
روسىيە قورال-ياراغ سودىگىرى بۇتېنىڭ ئايالى ئامېرىكىدا تۇرۇ...
تالىبانلار تۇتقۇن قىلىۋالغان شۋېتسارىيەلىك ئەر-ئايالنىڭ قۇ...
ھىندونېزىيە 2004-يىلدىكى ھىندى ئوكيان دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ 7 يىلل...
89ياشقا كىرىپمۇ پاراشوت بىلەن سەكرەشنى داۋام ئېتىپ كەلگەن شا...