دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى يەر شارى سودا يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن يەر شارىنىڭ ئېھتىياجى زور ھەجىمدە ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، يەر شارى سودىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە چىكىنىپ كىتىشتەك ۋەزىيەتنى كۈتۈۋالىدىكەن.
بۇ يىل 1-ئايدىكى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2009-يىلى دۇنيا سودىسى %2.8 ئەتراپىدا ئازىيىدىكەن. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2009يىلى يەر شارى سودا سوممىسى %2.1 تۆۋەنلەپ، 1982-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش بولىدىكەن. ئەمما دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا پاسسىپ قاراش كۆپرەك تىلغا ئېلىنغان،. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل دۇنيا سودا سوممىسى %9 تۆۋەنلەيدىكەن. جۇملىدىن تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر ئېغىر زەربە رايونى بولۇپ قالىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلقى ئېكىسپورت %10 تۆۋەنلەپ كىتىدىكەن.
2008-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن، سودىنىڭ چىكىنىشى كۆرۈنەرلىك بولدى. گەرچە بۇلتۇر يەر شارىنىڭ سودا ئومۇمى مىقدارى %2 ئاشقان بولسىمۇ، بىراق كىيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ، سودىنىڭ ئېشىشى تەدىرىجى ئاستىلىدى. ئېھتىياج تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، كۆپچىلىك ئىمپورت قىلىشنى خالىمىدى، بۇنىڭ بىلەن يەر شارىنىڭ سودىسىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرى بىلەن، خەلقئارا سودىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئومۇمى مىقدارى تارايدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى رامىنىڭ دىگىنىدەك، پۇل مۇئامىلە كىرزىسى كاپىتالنىڭ تارىيىشىغا سەۋەپ بولدى، سودىنىڭ چىكىنىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنە بولالمىدى.
جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى دۇنيا ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى چېن فېڭيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل تاۋارلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلىدى بولۇپمۇ نېفىت ئاساس قىلىنغان كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلىدى، شۇڭا دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىر قەدەر زور چۈشۈشنى پەرەز قىلغان ئىدى. ھەمدە بۇ پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ھازىرغىچە يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىي ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىلىدە تۇردى، پاسىسىپ قاراشمۇ پەرەزدىكىدەك بولىۋاتىدۇ. دوكلاتتا كۆرستىلىشىچە، بۇلتۇر 9-ئايدا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۇنيادىكى ئاساسلىق تەرەققى تاپقان ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئايلىق ئىمپورت- ئېكىسپورت سوممىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. بۇ پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. سودا ئەسلىدىلا كاپىتال ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ. شۇڭا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ چىكىنىشى سودىدا بەكرەك گەۋدىلەندى. چېن فېڭيىڭنىڭ كۆز قارىشىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاپ كىتىدۇ، ئۇ كاپىتال مەبلىغىنى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىستىمالنىڭ تارىيىشىدىن، كاپىتال بازاردىن مەھرۇم قالدى، بۇلتۇر يەر شارىنىڭ مەبلەغ سوممىسى %13، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 3 ئېيىدا %19 تۆۋەنلىدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دىيىلىدۇ: نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، مۇناسىۋەتلىك پەرەزلەرنىڭ بىر قىسمى يەنە تۈزىتىلىشى مۇمكىن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش شۇكى، يەنە بىر ھەپتىدىن كىيىن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى لوندۇندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا دوكلات ئېلان قىلىپ، يىغىندىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بىرىشى، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرىگە ۋەزىيەتنىڭ مۈشكۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ سودىنى پىشاڭ قىلىپ بۇ ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان2008-يىلى دۇنيا بويىچە ئىمپورت- ئېكىسپورت جەھەتتە ئالدىنقى 20 ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەت تەرتىبىدىن قارىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن2007-يىلىدىكى تەرتىپ بىلەن ئوخشاش بولغان. ئېكىسپورت رەت تەرتىبىدە گېرمانىيە 1 تېرلىيون 470 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېكىسپورت ئومۇمى سوممىسى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، جۇڭگو 1 تېرلىيون 430 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېكىسپورت سوممىسى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، ئامېرىكا 1 تېرلىيون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېكىسپورت سوممىسى بىلەن 3-ئورۇندا تۇرغان. ئىمپورت رەت تەرتىبىدە، ئامېرىكا 2 تېرلىيون 170 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، گېرمانىيە 1 تېرلىيون 210 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، جۇڭگو 1 تېرلىيون 130 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
2007-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، يۇقارقى 3 دۆلەتنىڭ 2008-يىلىدىكى ئىمپورت- ئېكىسپورت ئومۇمى سوممىسى سەل- پەل ئاشقان. ئەمما بۇ ئاساسلىق2008-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىقتسادنىڭ ئاشقانلىقىدىن بولدى، ئەينى ۋاقىتتا سودىنىڭ پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىشى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى. ئەمما2008-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمدىن باشلاپ، پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ پارتلىشى ۋە ئۈزلۈكسىز يامرىشى تۈپەيلى، پۇلنىڭ قىس بولۇشى، كۆچمە مەبلەغنىڭ يىتىشمەسلىكى ئېھتىياجنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، بۇنىڭ بىۋاستە ئاقىۋىتى ئىمپورتنىڭ ئازىيىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولدى. بۇنىڭدىن سودا بىلەن ئىقتسادنىڭ ماس قەدەمدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بۇ يىلقى يەر شارى سودىسىنىڭ ناچار بولىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن، ئەمما بەزى ياخشى ئالامەتلەرمۇ تىلغا ئېلىنغان، مەسىلەن: ۋيېتنام، جۇڭگو ۋە سىنگاپورنىڭ ئىمپورت ئومۇمى مىقدارى 2-ئايدا 1-ئايغا قارىغاندا%32، %17 ۋە %1 ئاشقان. يەككە ئايدىكى سانلىق مەلۇماتتا مەسىلىلەرگە يىتەرلىك چۈشەنچە بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئېيتقاندەك بۇ سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشىشىدىكى ئاساس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئېكىسپورت %2دىن %3 گىچە تۆۋەنلەيدىكەن، ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىدا مۆلچەرلەنگەن %9.2 لىك نىسبەتكە سېلىشتۇرغاندا، بۇ سانلىق مەلۇماتتىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىراتېگىيىسى ئېكىسپورتنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىغا تۈركە بولغان، 1982-يىلدىن بۇيان، دۇنيا سودىسى ئاساسەن ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى، ناۋادا ئېكىسپورت تۆۋەنلەپ كەتسە، مۇشۇ دۆلەتلەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر ۋە سەلبى تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
دوكلاتتا جۇڭگو مىسال قىلىنغان بولۇپ، بۇ دۇنيا سودىسىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىگە ئانچە بەك ئۈمىدۋار بىلەن قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. دوكلاتتا مۇنداق دىيىلىدۇ: جۇڭگونىڭ بۇ يىل 2-ئايدىكى ئېكىسپورتىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىرگە، ئېكىسپورت كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. 2-ئايدا ئېكىسپورت ئومۇمى مىقدارى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 26 تۆۋەنلەپ، 1-ئايدىكىدىن %28 چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭغا قارىتا چېن فېڭيىڭ مۇنداق دەپ قارىدى:تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر ئېكىسپورتى چىداشلىق بۇيۇملارنى ئاساس قىلسا، جۇڭگو تۇرمۇش ماتىرياللىرى ئاساس قىلىنغان چىداشلىق بۇيۇملارنى ئاساس قىلىدۇ. چىداشلىق بۇيۇملارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ تارىيىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىشى كۆپ مىقداردا ئازىيىشى مۇمكىن، مۇتلەق ئېھتىياج ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى بولغاچقا، جۇڭگونىڭ ئېكىسپورت مىقدارىدا زور ھەجىمدە تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما ھەر قايسى ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىنىڭ ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، جۇڭگونىڭ ئېكىسپورتى مۈشكۈل رىقابەتكە يولۇقىشىمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولۇپ قالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، گەرچە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە يۆنۈلىۋېلىش دەرىجىسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تاشقى ئۈنۈمى تېخى تولۇق يوقالغىنى يوق، دەپ قارىدى.