
ئاپئاق تونغا ئورالغان ئۇلانباتۇر شەھىرىدىكى دەل – دەرەخلەر
29 – مارت سەھەردىن باشلاپ ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىدىكى شىنئەنمېن چېگرىسى ئىچىدىكى ئۇلانباتۇر قاتارلىق بىر قىسىم شەھەرلەردە قار يېغىپ ، قارنىڭ قېلىنلىقى 50 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن . بۇلتۇر قىش كىرگەندىن بۇيان ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقى رايونلىرىدا ھۆل – يىغىن مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولغان بولۇپ ، بۇ يىل باھار پەسلى كىرىپلا بۇ جايلاردا ئارقا – ئارقىدىن قار ياغقان ، باھار پەسلىدە ياغقان بۇ قار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا پايدىلىق بولسىمۇ ، لېكىن قاتناش راۋانلىقىغا بىر ئاز قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن .