
ئەركىن ئېمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، لى جى، خۇ ۋېيلار ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر قۇرۇلۇشقا ئۇل سالدى.
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى ئۈرۈمچى شەرقى خېنەن يولىنىڭ شىمالىي، خۇڭگۇاڭ تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي يان تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ قۇرۇلۇشقا 1 مىڭ 89 مو يەر ئىشلىتىلىدۇ. بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشقا جەمئىي 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن پۈتتۈرۈلىدۇ. كۆرگەزمە مەركىزىدە 6 ئاساسىي كۆزگەزمە زالى تەسىس قىلىنىدۇ، كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئىچى - سىرتىدا تەخمىنەن 8 مىڭ يايما ئورنى تەسىس قىلىشقا بولىدۇ، يىغىن مەركىزىگە 4 مىڭ ئادەم سىغىدۇ. شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن غەربىي رايوندىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئۇل سېلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى، مەقسەد - ئۈرۈمچى - سانجى رايونىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا يۈزلەنگەن خەلقئارا ئىلغار ياساش كەسپى بازىسى، ئېنېرگىيە بايلىقى ھەمكارلىق بازىسى، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى ۋە زامانىۋىي خەلقئارا سودا مەركىزى،
مۇلازىمەت كەسپى مەركىزى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، رايونلار ئالاقە مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش؛ مەۋقەنى شىنجاڭغا قارىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىدىغان تاشقى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، قۇرۇلۇش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشنى؛ ھەر قايسى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىن ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە خېرىدار چاقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى؛ ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنى ھۆكۈمەت خاتىرجەم بولىدىغان، ئامما رازى بولىدىغان نادىر قۇرۇلۇش، نامايەندە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.