ئاساسىي تېما : تــــــوردىن بـــــــــاشــــــــلانـــــــــغان مـــــۇھــــەبــــبەتئاۋاتلىقى:465ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



مەڭگۈ سويىمەن!
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 9
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 11 نوقتا
پۇل : 110 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 تــــــوردىن بـــــــــاشــــــــلانـــــــــغان مـــــۇھــــەبــــبەت

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك موللام تەرىپىدىن ئىلگىرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-03-31)
     
       بۈگۈن كۆڭلۈم تۇلىمۇ يېرىم ، بەلكىم زىبانى كۈتۈپ تاقەتسىزلىنىپ شۇنداق بولغاندىمەن . قورساق ئاچسىغۇ بىر ئامال قىلىپ ، تاماق يەپ تويغۇزغىلى بۇلىدىكەن ، لىكىن يېرىم بولغان كۆڭۈلنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ھەقىقەتەن تەس ئىكەن . تۇرۇپ -تۇرۇپ كوت -كوتىمدىكى تۇنۇش ئىسىمغا <<ئەسسالام ، سىز بارمۇ ؟>>دىگەن خەتنى ئەۋەتىپ قۇياتتىم ، لىكىن ھېچقانداق سادا كەلمىگەندىكىن ، تېخىمۇ تاقەتسىزلىنىپ جىلە بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم ، مانا تېخى بايا ئالغان تاماكامنىمۇ ئارقا -ئارقىدىن ئۇلاپ چىكىپ يېرىم بۇلۇپ قالغانىدى . <<توۋا ... مەن نىمە بولدۇم ھە . باشقىلار توردىكى مۇھەببەت ، خۇدايىمغا ئامانەت دىسە كۈلۈپ قۇياتتىميۇ ، ئەمدىلىكتە ...>>باش -ئاخىرى چىقماس سۇئاللار ، ئارامسىز ، تاقەتسىز كۈتۈش مىنى بارا -بارا قىيناپ ئازاب ئىسكەنجىسىگە ئالغانىدى . قارىمۇ -قارشى ھىسىيات ، ئاخىرى يوق ، چىگىش ،گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە تۇرۇپ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى بىر-بىرلەپ ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ...
     شۇ كۈنى بىر كۈنلۈك ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بۇلۇپ ، بىردىنلا ئىشخانىدا ئۆزۈم يالغۇز قالغانلىقىمنى ھىس قىلغان ئىدىم ، باشقا خىزمەتداشلىرىم ئاللىبۇرۇن خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيلىرىگە ياكى ئاللىقانداق ئولتۇرۇشلارغا ئۇزاپ كىتىشكەنىدى . ئىشخانىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ خىياللار قوينىغا بەند بۇلۇش  ، خۇددى ئۇزۇن يىل دەرد چەككەن ئادەمدەك ئارقا -ئارقىدىن ئۇلاپ تاماكا چىكىش   ، يەنە قانداقتۇر تور بەتلەردىكى ھىكايىلارنى ئوقۇش ... مانا بۇلار مىنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالغاندەكلا ماڭا ھەمراھ ئىدى ... يېقىندىن بۇيان توردا <<چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت >>ناملىق ئەسەرنى تۇللۇق ئوقۇپ كىلىۋاتاتتىم ، بۈگۈنمۇ شۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئوقۇيمەن دەپ ۋاقىتنىڭ بۇنچە تېز ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي  قاپتىمەن . قورسىقىم ئاچمىغان بولسا سائەتنىڭ ئاللىبۇرۇن 10دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سەزمىگەن بۇلاتتىم .سىرتقا چىقىپ قارىسام شارىلداپ  يامغۇر يېغىۋاتاتتى . ئۆينىڭ ئارلىقى خېلى بولغاچقا ، ئامالسىز يەنە يامغۇرنىڭ توختىتىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم . ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ سەل كىچىكىپ باردىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئايالىم ۋە بالامنى خاتىرجەم قىلغاندىن كىيىن ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاۋازلىق چايخانىلىرىغا كىرىپ بېقىش نىيتىدە كامران دەپ تىزىملاتتىم . كامران - بەلكىم بۇ ئىسىمىمنى  بەك ياخشى كۆرسەم  ياكى <<چالىقۇش >>رومانىدىكى ئەشۇ گۈزەل ناتىۋان قىز پەرىدەنىڭ سۈيۈملۈك يارى بولغان شۇ كىشىگە ھەۋەس قىلسام كىرەك ...چايخانىدا پەقەت 10نەچچە ئادەملا بار ئىدى . يەنە قاغىش تەككۈر زىرىكىشلىك ... يەنە ئىچىم پۇشتى ! چايخانىدىن چىقىپ كىتەي دەپ تۇرىشىمغا  تۇيۇقسىز ئىكراندىكى پەرىدە ئېسىمىلىك تورداشقا خەت يېزىپ باققۇم كەلدى :
  -ياخشىمۇسىز ؟ كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن ! ئەگەر ئالدىراش بولمىسىڭىز بىردەم پاراڭلاشساق بۇلامدۇ ؟
<<كەچلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن ! >>قارىماققا ناھايىتى ئاددى ئېيتىلغان سۆز بولغىنى بىلەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىمىغانغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغاندەك ، يەنە كىلىپ ماڭا جاۋاپ خەت يازغۇچىنىڭ پەرىدە ئىسىملىك تورداش ئىكەنلىكىدىن ئۆزەمچە خۇش بۇلۇپ كەتتىم .
-ياخشى ، رەھمەت ! سىزنىڭمۇ كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن ! سىزنىڭ ماڭا ئۇچۇر قايتۇرغانلىقىڭىزدىن بەكمۇ خۇشال بولىۋاتىمەن . پەقەت سىزنىڭلا ۋاقتىڭىز بولسا سىز بىلەن پاراڭلىشىشقا قۇلۇم كۆكسۈمدە !
خۇشاللىقىمدىن ياكى بىردەملىك بولسىمۇ زىرىكىشلىك ھاياتىمغا خاتىمە بىرىدىغانلىقىمدىن خۇشال بۇلۇپ ئۇنىڭغا شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىمدا چىھرىمدە ئىللىق كۈلۈمسىرەش ئۇرغۇپ تۇراتتى.
-رەھمەت . سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن ، ئۇچۇرىمغا جاۋاب قايتۇرغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇشالمەن . ئەگەر ئەيىبكە بۇيرىمىسىڭىز ماڭا نىمىشقا پەرىدە دىگەن ئىسىم بىلەن تىزىملاتقىنىڭىزنى ئېيتىپ بىرەمسىز ؟
-نىمىشقىكىن بۇ ئىسمنى بەك ياخشى كۆرىمەن . <<چالىقۇشى >>دىگەن روماننى ئوقۇپ باققانمىدىڭىز . بايا كامران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپ شۇنداق ھەيران بولغان ئىدىم .
-ھە ، مۇنداق دەڭ . سىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمىڭىزكەن دە ئەسلى ! 
-ياق پەرىدە دىگەن مىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىم ئەمەس . <<چالىقۇش >>رومانىدىكى پەرىدەگە بەكمۇ ھىېسداشلىق قىلىمەن . تېخى بەزىدە شۇ قىز بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھاياتىنى سېلىشتۇرۇپ بۇنچىۋالا ئوخشاپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قالىمەن . سىز بىلەن تۇنجى پاراڭلىشىپلا بۇگەپلەرنى قىلىپ كەتسەم مىنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ...

-ياقەي ، نىمىشقا خاتا چۈشەنگىدەكمەن . تېخى مىنى ئۆز كۈرۈپ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىڭىزدىن خۇشال بولسام بۇلىدۇ ...
-رەھمەت ، مىنى توغرا چۈشەنگەنلىكىڭىزگە !
-نىمىگە رەھمەت ئېيتىسىز . رەھمەت دىگۈدەك گەپ بولمىدىغۇ تېخى ... سىزنىڭ يۇرتىڭىزنى سورىسام بۇلارمۇ ؟رەنجىپ قالماسسىز ؟
-رەنجىپ قالغۇدەك ھېچقانداق ئىش يوق ... بۇلىدۇ . مەن غۇلجىدىن ، سىز ...؟
-مەن ئۈرۈمچىدىن . بۈگۈن راست گەپ قىلسام سىز بىلەن كۈرۈشكىنىمدىن شۇنداق خۇشالمەن ....
-....
-سىز بارمۇ ؟ گەپ قىلمايسىزغۇ ؟!
-....
-پەرىدە ...سىز بارمۇ ؟ نىمىشقا گەپ قىلمايسىز ؟...
-....
-چىقىپ كەتكەن ئوخشايسىز ... ئەمىسە ياخشى ئارام ئېلىڭ ، ياخشى چۈش كۈرۈڭ !
بىردەملىك قىزغىن پاراڭلىشىپلا ئۇنىڭ جىمىپ كىتىشىدىن تېخىمۇ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى . كومپىيوتىر ئىكرانىغا بىرھازا تىكىلىپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سادا كەلمىگەندىن كىيىن ئامالسىز كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپ ئۆيگە قايتىشقا تەييارلاندىم . ئاڭغىچە يامغۇرمۇ توختاپ قالغان بۇلۇپ ، سىرتتىن ۋەھىمىلىك جىمجىتلىق چىقىپ تۇراتتى .
 يولدائۆزۈم يالغۇز كىتىۋاتىمەن ، بۈگۈن مىنى تازىمۇ پالاكەت باسقان بىر كۈن بولدى دىسە ... باشقا ۋاقىتلاردا ئۇيان -بۇيان ئۆتۈشۈپ ، تېخى خېرىدار تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كىتىدىغان تاكسىكەشلەرمۇ ، تاكسىنىڭ قارىسىمۇ كۈرۈنمەيتتى . يامغۇردىن كىيىن ھاۋا بىر ئاز سوۋۇپ قالغان بۇلۇپ ، يېلىڭ كىيىنىۋالغاچقا توختىماي تىترەيتتىم . ئىسسىق ئۆيگە تېزراق قايتىش ئۈچۈن قەدەملىرىمنى تېزلىتىپ يۈرۈپ كەتتىم ، خىيال ئاسمىنىمدا بۈگۈن توردا تۇنۇشقان ، چىرايىنىمۇ كۈرۈپ باقمىغان ، مەۋھۇم دۇنيادىكى پەرىدەنىڭ سىماسى بىر پەيدا بۇلۇپ ، بىر غايىپ بۇلاتتى ...
 
   
داۋامى بار...
 

بۇ دۇنيادا پەقەت سىنىلا سۆيىمەن!

Posted: 2009-03-29 12:37 | [پۈتۈكچى]


يانغىن
دەرىجىسى:تەكلىپلىك يازغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 17
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 23 نوقتا
پۇل : 230 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:52(سائەت)

 

كامران ئەپەندىنىڭ يېڭى ھىكايسىنى ئوقۇيدىغان بوپتىمىزدە ئەمدى ...
بېشىنى ئۇقۇپلا ئاخىرىغا قىزىقىپ قالدىم ، كامران -پەرىدە ... باشلىنىش ياخشى چىقىپتۇ . ئاخىرىنى تېزراق بىز بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرگەيسىز ...

ئادەمسەن ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر ،
ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر .
تېز پۈكۈپ ياشىما ،يالۋۇرما ھەرگىز ،
دىيارىڭ شىنجاڭ ،مىللىتىڭ ئۇيغۇر .

Posted: 2009-03-29 13:20 | 1 -قەۋەت


يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ ...
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 262
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 262 نوقتا
پۇل : 2620 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:320(سائەت)

 

ئاخىرىغا بەك ئۇزۇن تەقەززا قىلىۋەتمىگەيسىز ....


  قىزلار ئىچىدە بىرگە يايراپ كۈلەلمىدىم ....


Posted: 2009-03-29 13:42 | 2 -قەۋەت


مەڭگۈ سويىمەن!
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 9
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 11 نوقتا
پۇل : 110 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

بەكمۇ ئۇزۇن تەقەززا قىلغۇم  پەقەتلا يوق ، بىراق بۇ مىنىڭ ئۆتمۈشۈم ، شۇنداقلا ھېكايەمدىكى ئاشۇ پەرىدەنىڭ ئۆتمۈشى ... شۇڭا تورداشلارنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن !

يانغىن ئەپەندىنىڭ ئەسىرىمنى ياقتۇرغانلىقىغا كۆپ رەھمەت !

بۇ دۇنيادا پەقەت سىنىلا سۆيىمەن!

Posted: 2009-03-29 13:49 | 3 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1135
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1137 نوقتا
پۇل : 11370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1702(سائەت)

 

داۋامىنى بالدۇراق يۇللاپ بەرگەن بۇلسىڭىز..كامران
                                                          داۋامىنى كۈتىمەن....

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-03-29 19:44 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 74
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 76 نوقتا
پۇل : 760 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:124(سائەت)

 

داۋامىنى تېزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن . قىزىقىۋاتىمەن .

 نەشتىرى تۇرۇپ بىر توپ ھەرىلەر ،بىر-بىرىنى چېقىشمايدىكەن،
نەشتەرسىز تۇرۇپ ئادەملەر كەڭ ئالەمگە  پېتىشمايدىكەن.

Posted: 2009-03-29 23:13 | 5 -قەۋەت


سىنى ئىزدەيمەن
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 35 نوقتا
پۇل : 350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4(سائەت)

 

ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان ئالەم ئىدى بۇ ، ئەمدى بۇ مەۋھوم تور دۇنياسىمۇ ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولۇپ
كىتىۋاتىدۇ  دەيمەن توۋا..................... كامران --- پەرىدە ...........

      كۆكيار -----پەرىدە ........ مىنىڭمۇ شۇنداق پەرىدە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئۈتكۈزگەن شۇنداق تەسىرلىك
بىر  ھىكايەم باتى  ..... ئۇ ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ھىكايىنى يېزىپ ، مەن بىر مەزگىل ئىاچقان مۇنبەردە ئېلان
قىلغان ئىدى . <سۆيگۈ قاتىلى> دىگەن نام بىلەن .  ئەپسوس مەلوم سەۋەپلەر بىلەن مۇنبرىم تاقىلىپ قىلىپ ، بىر
مۇنچە نادىر ئەسەرلەر يوق بولدى دە ئەپسوس ............

بۇرۇنقى لىنىيە مۇنبىرى ۋە چايخانىسىدىكىلەر ئۆزەڭلارنى ماڭا مەلوم قىلساڭلار : 918227999 : چ چ

Posted: 2009-03-29 23:56 | 6 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 39
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 39 نوقتا
پۇل : 390 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4(سائەت)

 

داۋامىغا دىھقەت قىلىمەن!
لىكىن ئاشۇ چالىقۇشى دىگەن رومان توغۇرلۇق بەك تولا ئاڭلاپ كەتتىم.ئۇ زادى قانداق رومان نىمە تەسۋىرلىنىدۇ.بىلىدىغانلار بولسا ئازراق مەزمۇنىنى دەپ بەسڭلار بوپتىكەن.
Posted: 2009-03-30 18:29 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 815
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 817 نوقتا
پۇل : 8170 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:869(سائەت)

 

بولسا ئۆيدە خۇتۇن بولغاندىكىن توردىكى قىزلارغا مۇھەببەت باشلىماڭ.



بىلىملىكنىڭ باھاسى يوق، بىلىمسىزنىڭ ساپاسى.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن

Posted: 2009-03-31 17:05 | 8 -قەۋەت


گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2907
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2933 نوقتا
پۇل : 29330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3295(سائەت)

 

مۇشۇنداق يېزىپ قاچانمۇ تۈگۈتەر بۇ كامرانجان ... قارىسام ئاخىرىدا خېلى ئىشلار چىقىدىغاندەكلا تۇرىدۇ 

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-31 17:14 | 9 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 9
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 9 نوقتا
پۇل : 90 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3(سائەت)

 

كامران ئەپەندى،ئۆيدىكى پەرى ۋە ئوماق پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن بولسىمۇ تېزدىن ئۆيگە قايتىڭ،ئەگەر يامغۇردا بەك ئۇزاق ئايلىنىپ كەتسىڭىز يەنىلا ئۆيدىكى پەرى ئەسقېتىپ كالارمىكىن.

سەھرا گۈزىلى

Posted: 2009-03-31 19:04 | 10 -قەۋەت


مەڭگۈ سويىمەن!
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 9
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 11 نوقتا
پۇل : 110 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

كۆپچىلىكنى بەكمۇ تەقەززا قىلىپ قويۇپتىمەن ، تولىمۇ خىجىل بولىۋاتىمەن ، چۈنكى مەن يېزىقچىلىقنى ئەمدى باشلىغان ، شۇڭا قەلىمىم بەك ئاستا ، كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .  بەزىلەرنىڭ رەددىيەسى مىنى بۇ  ھېكايەمنى يېزىشتىن توختىتالمايدۇ . 

ئاللا خالىسا داۋامى مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە يوللىندۇ ... 

بۇ دۇنيادا پەقەت سىنىلا سۆيىمەن!

Posted: 2009-03-31 19:30 | 11 -قەۋەت


دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 3

پۈتۈك سانى: 212
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 218 نوقتا
پۇل : 2180 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:81(سائەت)

 

ھېچقىسى يوق، بىز ساقلايمىز. داۋامىنىڭ ئەسەرنىڭ سۈپەتلىك چىقىشىغا تىلەكداشمەن.
Posted: 2009-03-31 20:56 | 12 -قەۋەت


كۆيىۋاتقان گۈل
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 40
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 40 نوقتا
پۇل : 400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:2(سائەت)

 

بەك ياخشىكەن ئاخىرنى تىزراق يوللىۋەتكەيسىز...رەھمەت  
Posted: 2009-03-31 21:44 | 13 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1 نوقتا
پۇل : 10 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

بەك ياخشى چىقىپتۇ
Posted: 2009-04-01 16:59 | 14 -قەۋەت


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 9
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 9 نوقتا
پۇل : 90 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3(سائەت)

 

ھارمىغايسىز كامران ئەپەندى، داۋامىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىپ چىقىشىڭىزنى تىلەيمەن!!!!!!

سەھرا گۈزىلى

Posted: 2009-04-01 18:10 | 15 -قەۋەت


اللا ئۆزەڭ بىر نىمە دېگىن!
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1 نوقتا
پۇل : 10 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1(سائەت)

 

كامران ئەپەندى ، ھېكايىنى تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز ، مەن ھېكايىڭىزنىڭ داۋامىغا بەكمۇ تەقەززارمەن !

قانداق قېلىشىمنى بىلەلمىدىم !

Posted: 2009-04-01 23:42 | 16 -قەۋەت


ئاشىق
دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 400
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 400 نوقتا
پۇل : 4000 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:63(سائەت)

 

داۋامى  تىزراق  پۈتسۈن  كامرانجان.

ئەنقا

Posted: 2009-04-01 23:58 | 17 -قەۋەت


مۇھەببەت راسلا مەۋجۈتمۇ؟
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 168
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 168 نوقتا
پۇل : 1680 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:589(سائەت)

 

داۋامىغا تەشنامەن داۋامىنى ئوقىغىچە كۆزۈم تۆت ،بۇرنۇم بەش بۇلۇپ كىتىدىغان بولدىدە.

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىمانىمىزنى كامىل قىلغاي.......

Posted: 2009-04-02 02:30 | 18 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> ھىكايە ۋە نەسىرلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation