ئاساسىي تېما : سېغىنىش ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئەمەسئاۋاتلىقى:161ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



گۈزەل ياشلىق
دەرىجىسى:داڭدار شەخىس


جەۋھەر پۈتۈك: 13

پۈتۈك سانى: 2907
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2933 نوقتا
پۇل : 29330 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:3295(سائەت)

 سېغىنىش ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئەمەس


 
     قىز مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپتۇ. قىزنىڭ كۆڭلى قاتتىق ئازار  يىگەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئۆزىدىن يۈز ئۆرىگەندەكلا بىلىنىدىكەن.  قىز ھەتتا ئۆلىۋىلىشنى ئويلاپتۇ. بۇ ئۆمرىدە ئىككىنچى مۇھەببەتلەشمەسلىككە    قەسەم بىرىپ، بۇ خەۋەرنى بىر يىگىتكە خەۋەر قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن  يىگىت كۈندە تېلفۇن قىلىپ، قىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ، قىزغا تەسەللىي  بىرىشكە باشلاپتۇ. ھەر كۈنى قىزىقارلىق ئۇچۇرلارنى يوللاپ قىزنى  كۈلدۈرىدىكەن. ھەر كۈنى كەچتە قىزغا ياخشى چۈش تىلەيدىكەن. مانا  مۇشۇنداق قىلىپ قىز ئاستا-ئاستا بۇرۇنقى شوخ ھالىتىگە قايتىپتۇ.  يىگىت يەنىلا ئاخشاملىرى قىزغا ياخشى چۈش ۋە ياخشى تىلەكلەر  تىلەيدىكەن. قىز مانا مۇشۇنداق ياخشى تىلەكلەر ئىچىدە شېرىن ئۇيقۇغا  كېتىدىكەن. بىر كۈنى قىز يىگىتنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالماپتۇ. كۆڭلى  بىر خىل ئۈمىتسىزلىككە ۋە تەشۋىشكە تولۇپتۇ. «ئەجىبا، مەن ئۇنى ياخشى  كۆرۈپ قالدىممۇ؟» دەپ سوراپتۇ قىز ئۆز-ئۆزىدىن. قىز بۇرۇن قىلغان  قەسىمىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۆزىنى يىگىتنى ئېسىگە ئالماسلىققا  مەجبۇرلاپتۇ. بىراق يىگىتنىڭ سايىسى يەنىلا قىزنىڭ كاللىسىدىن نىرى كەتمەپتۇ.قىزغا بۇنداق سېغىنىش غەلىتە بىلىنىپتۇ.. مۇھەببەتلىشىۋاتقاندىكى سېغىنىش يالقۇنلۇق ئوتتەك بولۇپ، توختىماستىن  يېلىنجاپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يوقۇتۇپ، پۈتۈن ئەس-يادىنى ئىگەللىۋىلىپ،  سېغىنىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايدىكەن. بىراق ھازىرقى بۇ سېغىنىشنى  قىزمۇ ئېنىق ئېيتىپ بىرەلمەپتۇ. ئۇ ھېچقاچان بۇنداق سېغىنىشنىڭ تەمىنى  تېتىپ باقمىغان ئىكەن. سۇس، ئەمما ئېللىق، ھەممىلا يەرگە تولۇپ تۇرغان،  خۇددى بىر ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قويۇلغان سامساق گۈلدەك، سۇس پۇرىقى پۈتۈن  ئۆيگە تولۇپ تۇرسىمۇ ئۇنى بايقىيالمايسىز...  قىز ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى قارار قىپتۇ.
     بىر كۈنى يىگىت  قىزغا تېلفۇن بىرىپ، يېقىندىن بىرى كۈنلىرىنىڭ قانداق    ئۆتىۋاتقانلىقىنى، خۇشال ياكى ئەمەسلىكىنى سوراپتۇ. پاراڭدىن پاراڭ  چىقىپ قىز يىگىتتىن قىز دوستىنىڭ بار-يوقلىقىنى سوراپتۇ. ئەگەر يوق  بولسا، بىرسىنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش نېيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز  سۇئال سورىغاندا، ئۆزىنىڭ يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ  تۇرسىمۇ، يەنىلا چاخچاق قىلغان قىپايەتكە كىرىۋاپتۇ. يىگىت شۇنداق    بولسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىز نەدىن كەلگەن جاسارەتنىڭ  تۈرتكىسىدىن : مېنى ئويلىشىپ باقسىڭىز قانداق؟ دەپ ساپتۇ. يىگىت خېلى  ئۇزۇنغىچە جىمىپ كېتىپتۇ. قىز ئۆزىنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلىپ  قويغانلىقىنى سىزىپ، بىر نېمىلەرنى يوقۇتۇپ قويىدىغاندەك ھېس قىپتۇ.  يىگىت خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئېغىز ئېچىپ: بىز يەنىلا مۇشۇنداق دوست  بولۇپ ئۆتسەك ياخشى دەپتۇ. «نېمىشقا؟ مېنىڭ نەرىمنى ياقتۇرمايسىز؟» دەپ  ياندۇرۇپ سوراپتۇ قىز يىگىتتىن. يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلغان جىمجىتلىقتىن  كېيىن، يىگىت ئاستا قىلىپ، خۇددى ھەر بىر ئېغىز سۆز قىزنىڭ قەلبىگە بارسۇن دىگەندەك دانە-دانە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
_بۇنىڭدىن كېيىن مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىز، ماڭا   ئوخشاش   تەسەللىي بىرىدىغان ئادەمنىڭ يوق بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن دەپتۇ.
     كۆز ياشلار ئېتىلىپ چىقىپتۇ. قىز ئاخىرى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. بىر خىل    سېغىنىش بار بولۇپ، ئۇ مۇھەببەت ئەمەسكەن. بۇ خىل سېغىنىش ئېللىق،  سىيلىق-سىپايە، باشقا مەقسەت ئارلاشمىغان، ئالاھىدە تەمىمۇ يوق،  شۇنداقلا ئىگەللىۋىلىش خاھىشىمۇ يوق...
 قىز بۇرۇن يىگىتنىڭ دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ خىل رەڭ بار دىگەنلىرىنى ئەسكە  ئاپتۇ. 
  قىزىل ـــــ ئوتلۇق ھېسسىيات ۋە قىزغىنلىق، بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ  كۈل قىلىۋىتەلەيدىغان كۈچ.
 كۆك ـــــ ئازاپ ۋە مەيۈسلۈك، ھەممە نەرسىنى سوۋۇتالايدىغان كۈچ. 
  يېشىل ـــــ ئېللىقلىق ۋە تەمكىنلىك، ھەممە نەرسىگە تەسەللىي  بىرەلەيدىغان كۈچ. 
  قىزىل رەڭلىك مۇھەببەت كۆك رەڭلىك ئازاپتىن كېيىنكى يېشىل رەڭلىك  سېغىنىش سىزنىڭ قەلب شورپىڭىز.  مۇھەببەتنىڭ ۋاقتى قانچىلىك بولالايدۇ؟ نەچچە ھەپتە، نەچچە ئاي ياكى  بولمىسا نەچچە يىل؟ مەيلى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ۋاقتى  ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىراق، بۇنداق سېغىنىشنىڭچۇ؟ ئۇنىڭ ۋاقتى ھەر قانچە  ئۇزۇن بولسىمۇ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. مۇھەببەت ۋە دوستلۇقتىن ھالقىغان  دوستلۇق دەل مۇشۇنداق سېغىنىشتۇر. 
 قەلبىڭىزنى توختىتىدىغان پورت تېپىڭ. شۇندىلا، قەلبىڭىزنى توختىتىپ  خاتىرجەم ئارام ئالدۇرالايسىز. 
 قەلبىڭىزنى قوغدايدىغان پەرشتە تېپىڭ. شۇندىلا، ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ  قويمايسىز. 
 ئۇنى تاپقىنىڭىزدا دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم سىز بولغان بولىسىز...


        مەنبە :  تەرمىلەر ژورنىلىدىن ئېلىنغان

تەن ساقلىق ، زور بايلىق .

Posted: 2009-03-29 13:05 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 1
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1 نوقتا
پۇل : 10 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:0(سائەت)

 

مەزكۇر ئەسەر مۇنبىرىمىزدىكى سۈزۈك خانىمنىڭ تەرجىمە ئەسىرى ،مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويغاچ ئاۋازلىق ئەسىرىمىزنىمۇ قۇشۇپ قويدۇم .
http://www.alkuyi.com
Posted: 2009-03-29 14:32 | 1 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1135
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1137 نوقتا
پۇل : 11370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1702(سائەت)

 

قادىركا .مۇشۇن كۈنلەردە سىز بەك رۇمانتىك بۇلۇپ كەتىڭىز ھە......
                                قايتىدىن تۇي قىلمايدىغان سىز ھە....

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-03-29 19:22 | 2 -قەۋەت


سىنى ئىزدەيمەن
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 35
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 35 نوقتا
پۇل : 350 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:4(سائەت)

 

ھەي مەنمۇ نەچچە قىزغا مۇشۇ يىگىتتەكلا گەپ قىلغىنىم ئىسىمدە جۇما ..........................................ھەي قىزلار مۇھەببىتىڭلارنى جەزمەن ياخشى قەدىرلەڭلار ، ئوغۇللارمۇ ھەم شۇنداق جۇما .......!!!

بۇرۇنقى لىنىيە مۇنبىرى ۋە چايخانىسىدىكىلەر ئۆزەڭلارنى ماڭا مەلوم قىلساڭلار : 918227999 : چ چ

Posted: 2009-03-29 23:31 | 3 -قەۋەت


يۈرۈكۈمنى يەپ كەتتى ئازاپ ...
دەرىجىسى:چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 262
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 262 نوقتا
پۇل : 2620 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:320(سائەت)

 

ئەشۇنداق سېغىنىش مۇھەببەت بولمىسا ، ئەمىسە ئۇ نىمىگە ھىساپ ؟


  قىزلار ئىچىدە بىرگە يايراپ كۈلەلمىدىم ....


Posted: 2009-03-29 23:40 | 4 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1135
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1137 نوقتا
پۇل : 11370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1702(سائەت)

 

ئارمان دەڭە مەندە ..
          مۇشۇ مۇنبەردىكى بىر قانچە تىمىنى ئۇقۇپ باشقىچە تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم...

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-03-29 23:43 | 5 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تەرمىلەر

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation