ئاساسىي تېما : دادىڭىزدىن نىمىلەرنى ئۈگەندىڭىز؟؟ئاۋاتلىقى:210ساقلاش | ئۇلىنىش كوپىيىلەش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما



دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 290
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 292 نوقتا
پۇل : 2920 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:168(سائەت)

 دادىڭىزدىن نىمىلەرنى ئۈگەندىڭىز؟؟

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:
نۆۋەتتىكى پۈتۈك بابۇر تەرىپىدىن جەۋھەرلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.(2009-03-30)
    دادا ! دىسە ھەممە ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى تىتىرەيدۇ!دادىمىزنى ھەممىمىز ياخشى كۇرىمىز!!!ئۇلار سۇزلىگەن تارىخلىرىنى نەچچە قىتىم سۇزلەپ بولسىمۇ يەنە ئاڭلايمىز!! تاماق ۋاقتىدا ئۇلار كەلمىگۇچە تاماققا قول ئۇزاتمايمىز!!ئۇلار تىلىپ بەرگەن تاۋۇز قوغۇنلارنى شۇنداق ياخشى كۇرۇپ يەيمىز!!!دادام بىلىپ قالمىسۇن دەپ تېخى يۇشۇرۇن ئىشلارنى قىلىپ كىتىمىز لىكىن دادىلار ھامان بىلىدۇ لىكىن ئۇلار بىلمەسكە سىلىۋالىدۇ!! ئىشقىلىپ ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدە دادىلار ئۇلۇغ!!!  ئۇلار يېرىم خۇدا!ئۇلار بىزنىڭ بارلىقىمىز!بىزنىڭ بايلىقىمىز !بىزنىڭ مەنىۋى تۈۋرىكىمىز!!! ئۇلار شىر بولسا بىز شىرنىڭ بالىلىرىمىز!ئۇلار توشقان بولسا بىز توشقان بالىلىرىمىز!!!
 قىنى دوستۇم!قىنى كەلگۇسىنىڭ دادىلىرى ! سىلەر شۇنداق ئىسل سۈپەت، پەرىشتە دادىلىمىزدىن نىمىلەرنى ئۇگەندىڭىز!!بۇ تېمىنى ئوقۇغان مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل مەيلى دادا مەيلى ئاپا بولسۇن ھەممىڭلارنىڭ دادىلىرىڭلارنى بىر 10 مىنۇت ئەسلەپ بېقىشڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن@!! ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىسىل سۈپەتلىرىنى بۇ باسباسقا قالدۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!
 

ئۇنتۇپ كەت!!!

Posted: 2009-03-30 11:29 | [پۈتۈكچى]


دەرىجىسى:ئىلاھى چەۋەنداز


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 290
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 292 نوقتا
پۇل : 2920 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:168(سائەت)

 

  مەن دادامنىڭ ئاق كۇڭۇللىگىنى ئۇگەندىم، ئۇ نىڭ يەنە باشقىلارغا سوداقىلىپ بېرىدىغان باھانى بەك تالاشمايدىغان مەرتلىكىنى ئۇگەندىم، ئۇنىڭ كۇپرەك خىيال سۇرىدىغان ئاز گەپ قىلىدىغان، بالىلىرىغا دىمەكچى بولغان گەپلىرىنى ، تەربىيلىرىنى ئاپام ئارلىق يەتكۇزۇپ ئارلىق ساقلايدىغان  خاراكتىرىنى ياخشى كۈرىمەن!!!

ئۇنتۇپ كەت!!!

Posted: 2009-03-30 12:02 | 1 -قەۋەت


ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە ...
دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 17

پۈتۈك سانى: 2240
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 2274 نوقتا
پۇل : 22740 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:6178(سائەت)

 

مۇنداق جاۋابلار ئېسىمدە :
4 يېشىمدا : دادام ئالامەت كۈچلۈك جۇمۇ ! قىلالمايدىغىنى يوق !
7 يېشىمدا : دادام بەك بىلىملىك جۇمۇ ! قىلالمايدىغىنى يوق !
14 يېشىمدا : ھەجەپ قاتتىق قول دىسە ! ھەممە ئىشمغا ئارلاشقان !
21 يېشىمدا : دادام ئازراق مۇتىئەسسىپمۇ نىمە ؟
25 يېشىمدا : كۆز قارىشى كونىچە، بىلىمى يېتەرلىك ئەمەس !
35 يېشىمدا: دادام نىمىشقا باي دادىلاردىن ئەمەستۇر ؟
45 يېشىمدا :ئىشلاردا دادام بىلەن مەسلەھەتلەشسەم كۆڭلۈم يورۇپ قالىدۇ-دىسە ...
55 يېشىمدا :دادام ھەقىقەتەن تەدبىرلىك ئىدى، ئەپسۇس ... كېتىپ قالدى ...
65 يېشىمدا : رەھمەتلىك دادام ئىشلارنى بەكمۇ توغرا ئويلايدىكەندۇق ...
75 يېشىمدا : دادام يول باشلىغۇچى ، مەن ئارقىدىن ئەگشىش ئالدىدا ...

To be or not to be

Posted: 2009-03-30 12:58 | 2 -قەۋەت


ئادەم مۈجمەللىكنى ساقلىشى كېرەك
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 2

پۈتۈك سانى: 774
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 778 نوقتا
پۇل : 7780 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:175(سائەت)

 

دادامنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۇ يەر_بۇ يەردىن ئۆگىنىپ،كەمچىلىكلىرىنى ھەسسىلەپ ئۆگىنىۋاپتىمەن.
دادام رەسىم سىزىدۇ،مۇزىكا چالىدۇ،شېئىر يازىدۇ،تارىخنى ياخشى بىلىدۇ...بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قولۇمدىن كەلمەيدۇ.
دادام ئازراق خىيالپەرەس،ئازراق بىپەرۋا،ئازراق ئۇششۇق(ئاغرىپ قالسا)،ئازراق بەتخەج،ئازراق رەھىمسىز...مەن بۇلارنى نەچچە
ھەسسىلىۋەتتىم.
تەبىئىي پەنگە ئىشلەيدىغان كاللىسى بىلەن  يۇمۇرلۇق مىجەزى،تەتۈر تەپەككۇر قىلىشى ئانچە_مۇنچە مەندە بار.

بەزىلەرگە قول بېرىش ھاجەتسىز،ئۇلارغا پۇتۇڭنى سۇنساڭلا،كۇپايە!

Posted: 2009-03-30 13:16 | 3 -قەۋەت


دەرىجىسى:باشقورغۇچى


جەۋھەر پۈتۈك: 12

پۈتۈك سانى: 263
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 287 نوقتا
پۇل : 2870 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1135(سائەت)

 

    دادامغا ئەڭ قول قويىدىغان دادامنىڭ رەتلىكلىكى، تىرىشچانلىقىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۈگىنەلمىدىم. كىچىككىنە بوشلۇقۇم بولسلا شۇ يەرنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يۈرۈۋاتىمەن.

    دادامنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ياخشى ئۈگىنىۋاپتىكەنمەن.

Posted: 2009-03-30 14:33 | 4 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 47
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 47 نوقتا
پۇل : 470 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:39(سائەت)

 

ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇستازىمىز.
Posted: 2009-03-30 16:08 | 5 -قەۋەت


كۈلۈپ ياشاڭ !!!
دەرىجىسى:يېڭى ئابونت


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 32
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 32 نوقتا
پۇل : 320 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:7(سائەت)

 

ئەسلى دادامدىن ئۈگەنگەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى يازماقچى ئىدىم ،لېكىن <<دادا>>دىيىشىمگە بوغۇزۇمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك ،دىماقلىرىم ئېچىشىپ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىگە ئېقىپ چۈشتى،...
دادا مەن سىزدىن ئۈگىنىدىغان نەرسىلەر تېخى نۇرغۇن ئەمەسمىتى 

كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر~

Posted: 2009-03-30 19:58 | 6 -قەۋەت


ھەي....قىزلار.......
دەرىجىسى:زېرەكچاق


جەۋھەر پۈتۈك: 1

پۈتۈك سانى: 1135
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 1137 نوقتا
پۇل : 11370 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:1702(سائەت)

 

مەسئۇليەتچانلىق .ئاق كۈڭۈللۈكىنى ئۈگۈنۈپتىمەن.....
                               



ئايدىل كۈڭۈلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ......

ھەي....قىزلار قاچانمۇ ئەسلڭلارنى تاپاسىلەر

Posted: 2009-03-30 22:54 | 7 -قەۋەت


دەرىجىسى:پالۋان


جەۋھەر پۈتۈك: 4

پۈتۈك سانى: 89
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 97 نوقتا
پۇل : 970 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:18(سائەت)

 

دادا بولغاندا ئاندىن دادامنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىۋاتىمەن! دادامدىن ئىقتىسادچانلىق، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى، ئاۋامغا، بىچارە ياۋاشلارغا تۆۋەن پېئىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگىنىپتىمەن.
Posted: 2009-03-31 22:22 | 8 -قەۋەت


ئېتىقاد - مىللەتنىڭ جېنى .
دەرىجىسى:تۈر مەسئۇلى


جەۋھەر پۈتۈك: 0

پۈتۈك سانى: 640
باشقا تېمىلىرىم ئابروي : 640 نوقتا
پۇل : 6400 RMB

تۆھپە قىممىتى: 0 نوقتا
لىنىيەدىكى ۋاقىتى:383(سائەت)

 

     دادامنىڭ ، كونىلارنىڭ بىر گېپى بار  « كالا ھارۋىسىدا توشقان قوغلايدۇ » دەيدىغان ، خۇددى شۇنىڭدەك سەۋرىچانلىقىنى ئۆگىنىۋالدىم دىسەم ئوشۇقلۇق قىلماس دەيمەن .
      ھىلىھەممۇ شۇنداق  « قۇرئان ياسىن » نى  مۇشۇ يېشى بىلەن بىر ھەپتە ئىچىدە يادا ئېلىپ ئۆزلەشتۇرۇپ بولدى . ئىرادىسىگە بەك قايىلمەن. ئەمما مەندە بۇ خىل روھ بەك بەك كەمچىل .
      پىنسىيىگە چىققاندىمۇ جىم يۈرمەيدۇ . يۇرتى غۇلجىغا بېرىپ بىر ئاي باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ ئائىلە نەسەبنامىسىنى پۈتتۈرۈپ كەلدى. تەھرىرلىدۇق . مەن كومپىيوتېردا ئۇرۇشقا باشلىدىم . ئاللاھ خاھلىسا ، نەشىرگە بېرىپ كۆپەيتىپ ئائىلە ئەزالىرىغا ، ئورۇق - تۇققانلارغا قالدۇرماقچى . ئۆزىنىڭ گېپى بويىچە « قىيامەتلىك مىراس » كەن.
      دوست- يارەنلىرى، ئىلگىركى خىزمەتداشلىرى بىلەن دائىم ياشانغانلار سانوتورىسىگە بېرىپ بورت ئوينايدۇ. ئۆزىنىڭ گېپى بويىچە بىر مەيدان بورت خۇددى بىر مەيدان جەڭگە ئوخشايدىكەن .  تاكتىكا ، ستىراتىگىيە ، ئەقىل - پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن ئويۇن بولۇپ ئەرلەرنىڭ ئۇرۇش خۇمارلىقىنى باسىدىكەن .  ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا كورلىغا بېرىپ ياشانغانلار بورت مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلىقنى ئېلىپ كەلدى. ئەمدى كۆڭۈل ئاچىدىغان ، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىغان بۇ خىل ئويۇن كەسپىگە ئايلانغاندەك ، چوڭ ئاكام بىلگىيەدىن سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلغان بورت كالتىكى  ( تايىقى ) شۇنچىلىك خوش قىلىۋەتتىكى ......... ھازىرغىچە  ئايرىم خۇرۇم خالتىغا قاچىلاپ ماشىنىسىدىن ئايرىمايدۇ .

       سوزلىسەم ، سۆزلىسەم تۈگىمەيدىغاندەكلا ........................
      دادامسىز كۈنلىرىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن .........................
      سۆيۈملۈك دادامنىڭ تەن ساقلىقىنى ، ئۆمرىنى  چىن دىلىمدىن ئۆتۈنۈپ ، ئۆتۈنۈپ تۇرۇپ ئاللاھتىن تىلەيمەن !~~~

توۋا دەيمەن ، دادام بىلەن بالام ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان بولۇپ قالغىنىمغا ؟!~~~~

Posted: 2009-04-01 16:54 | 9 -قەۋەت
باس باس مۇنبىرى >> تىل ئۆگىنىش

Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064

Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation