جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىنجاڭ شىركىتى قوللىغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك"شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس" نى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى

64 2009-03-30 11:30:53   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  

  2006-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا "جاھان كىزەر لوڭقىسى" نى تالىشىش بويىچە "شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10شەخس" نى باھالاش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىنجاڭ شىركىتى ئۆز ئالدىغا قوللىغان "ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى" لوڭقىسىنى تالىشىش بويىچە ئىككىنچى نۆۋەتلىك "شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس" نى باھالاش پائالىيىتى تۈنۈگۈن رەسمىي باشلاندى.

"ئۈچىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى" لۇڭقىسىنى تالىشىش بويىچە 2 - نۆۋەتلىك "شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس" نى باھالاش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئويۇشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى، بىڭتۈەن گېزىتى، بىڭتۈەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىنجاڭ شىركىتى ھەمكارلاشقان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى: "خەلقنى تەسىرلەندۈرۈش، شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرۈش" بولۇپ، 2006 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە ھەر قايسى كەسىپلەردە بارلىققا كەلگەن ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە شەخسلەر باھالاپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ئىش - پائالىيەتلىرى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىدۇ ھەمدە توغرا ئىجتىمائىي كەيپىيات ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت ۋە دەۋرگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى ۋە چاقىرىق كۈچى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىناق شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىلىدۇ. yanfun

 2 - نۆۋەتلىك "شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس" نى باھالاش پائالىيىتىدە نامزاتلارنى باھالاش شەرتى مۇنداق بولىدۇ: نامزاتلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، دەۋر تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، زور شان - شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ھەمدە جەمئىيەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە دېققىتىنى قوزغىغان بولۇشى؛ ھەر قايسى ساھە ۋە كەسىپلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ياكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان، دۆلەت دەرىجىلىك زور تەتقىقات تۈرلىرىدە ئاساسلىق تۆھپە ياراتقان بولۇشى؛ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەپ، ئادەتتىكى ئىش ئورنىدا ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان بولۇشى؛ ئۆز كۈچى بىلەن، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش مۇھىتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇشى؛ ئۆز كەچۈرمىشى ياكى ھەرىكىتى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى، ئىجتىمائىي قىممەت يۈزلىنىشى ھەم دەۋر روھىغا ۋەكىللىك قىلغان بولۇشى؛ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، ئائىلە، ھېسسىيات جەھەتتىكى ئىپادىسى كىشىلەرنى ئالاھىدە تەسىرلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاقى ۋە ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى نامايەن قىلغان ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە شەخسلەردىن بولۇشى كېرەك.

 نامزاتلارنى كۆرسىتىش خىزمىتى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋام قىلىدۇ، 3 خىل شەكىل، يەنى جەمئىيەت كۆرسىتىش، ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆرسىتىش ۋە تەشكىل كۆرسىتىش شەكلى قوللىنىلىدۇ. 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، باھالاش پائالىيىتىنىڭ كۆرسىتىش، باھالاش كومىتېتى 20 نامزاتنى بېكىتىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئامما قىسقا ئۇچۇر يوللاش، تورغا چىقىش ۋە خەت - چەك ئەۋەتىش قاتارلىق 3 خىل شەكىلدە كۆڭلىدىكى "شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس" كە ئاۋاز بېرىدۇ. 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باھالاش پائالىيىتى تەشكىلىي كومىتېتى ئامما ۋە كۆرسىتىش، باھالاش كومىتېتىنىڭ بەرگەن ئاۋازىغا قاراپ، 2 - نۆۋەتلىك "شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس" نى بېكىتىدۇ، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، 2 - نۆۋەتلىك "شىنجاڭنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس" نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.


 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博