جوڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى خەلىقئارالىق كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى تۆۋەنلەتتى

02011-08-02 11:51:39   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    جوڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى1-ئاۋغۇستتىن ئىتىبارەن 38دۆلەت ۋە رايون بىلەن دۆلىتىمىزئارىسىدا سۆزلىشىش ،قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق  خەلىقئارالىق كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى زور دەرىجىدە  تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ،بەزى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى %50ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى ،ھەتتا %80تۆۋەنلىگەن جايلارمۇ بار ،بۇ قېتىم ئاۋرىستالىيە ،سىنگاپور ،گىرمانىيە ،فىرانسىيە ،ئەنگىلىيە ،كانادا ،ئىتالىيە كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئازراق تۆۋەنلىتىلگەن دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى ؛ئىتالىيە گىرمانىيە ،فىرانسىيە ،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە %50ئەترپىدا تۆۋەنلىدى .
    جوڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۆتكەن يىلى 1-يانۋاردا ئەنگىلىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت ۋە رايوننىڭ ؛1-ئىيۇندا ئامېرىكا قاتارلىق 10دۆلەت ۋە رايوننىڭ خەلىقئاراكەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى تۆۋەنلەتكەنىدى .