16 ياشتىن تۆۋەن (16ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )ئوپراتسىيە ئارقىلى داۋالىنىپ ساقىيدىغان نامرات بالىلار،ئاپتونوم رايۇنلۇق كېڭەشكە كومېتىتدا داۋالىنىش پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .بۇ قۇتۇلدۇرۇش پۇلىنى چېڭلۇڭ خەير-ساخاۋەت فوند تەمىنلىگەن ،بۇ قېتىمقى ئىئانە پۇلى 2مىلىيون .
28 -ئىيۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسىي كېڭەش ئورنى شىنىجاڭدا نامرات ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدا ئاخبارات يىغىنى ئاچتى . ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسىي كېڭەش كومېتىتىنىڭ مىنىستىرى لى شوۋشەننىڭ تونۇشتۇرۇلۇشچە ،ئاپتونۇم رايونلۇق بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ياخشى پۇرسەتتە ئاكتىپ بىلەن بىېيجىڭ چېنلۇڭ خەير -ساخاۋەت ئىشلىرى ئورگىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ ،بۇ ئورۇننىڭ شىنجاڭدىكى بالىلارغا تۇنجى قېتىملىق2مىلىيون ئىئانە پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى
5-ئىيۇل بىېيجىڭ چېنلۇڭ خەير -ساخاۋەت ئىشلىرى مىنىستىرى داڭچۈن خانىم، كىنو ئەرتىسى چېنلۇڭنىڭ شاگىرتى خېشاڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كومېتىتى بىلەن ‹نامرات بالىلار چوڭ كېسەللىكلەرنى دوختۇرخانىدا داۋالاش كېلىشىمنامە›نى تۈزدى . توختام تۈزۈش مۇراسىمىدە داڭچۈن خانىممۇنداق دېدى :‹ ،بۇ 2مىلىيون تۇنجى بۇلۇپ ئىئانە قىلىنغان پۇل ،بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بۇنداق ئىئانىنى كۆپلەپ توپلاپ تۇرىمىز ،شۇ ئارقىلىق يەنەنامراتلىق ساۋەبىدىن كېسىلىنى داۋالىتالمايۋاتقان بالىلارنى قۇتقۇزىمىز ،ئۇلارنى كېسەل ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ ،ساغلام تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىمىز›.
داۋالىنشقا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان بالىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزا-بازار،ناھىيەدىكى خەلق ئىشلىرى ئورنىغا بېرىپ نامراتلىق ئىسپاتى كېسىپ ،بەلگىلەنگەن دوختۇر خانىغا بېرىپ تەكشۈرتسە بولىدۇ ،بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش ئاغرىق بالىلارنىڭ بىر قېتىم بالنىستا يېتىش ۋە بىر قېتىملىق ئوپراتسىيە ھەققەنىلا كۆتۈرىدۇ .
شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرسىتىتى بىرىنچى تارماق دوختۇرخانىسى مەسلىھەت سوراش لىنىيىسى :0991-4363474 0991-4363614
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى مەسلىھەت سوراش لىنىيىسى :8562462-0991