بالىلارنىڭ مېڭىسىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەر

530 2009-04-28 11:15:40   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

      7 ~ 8 ياشلىق بالىلار مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تەخمىنەن %90 ىگە باراۋەر بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بالىلارغا مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بەرگەندە، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتىغا زور پايدىسى بولىدۇ.
      بالىلارنىڭ مېڭىسىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا، بىرىنچىدىن زۆرۈر بولغان قۇرۇلما ئاقسىلىنى تولۇقلاش كېرەك (قۇرۇلما ئاقسىلى ئادەتتە مېڭە، يۈرەك، ئۆپكە، جىگەر، تال، ئۇرۇقدان ۋە مۇسكۇل توقۇلمىلىرىدىكى ھۈجەيرىلەردە كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ مېڭەyanfun ھۈجەيرىلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىب ھېسابلىنىدۇ)؛ ئىككىنچىدىن گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر (تەركىبىدە ناترىي، كالىي، كالتسىي، ماگنىي بولغان، ئادەم تېنىدە ئىشقارلىق خاراكتېرغا ئىگە بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن كۆكتات، مېۋە - چېۋە، كالا سۈتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ) نى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
      بالىلارنىڭ مېڭىسىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەردىن ئادەتتە ياڭاق، قارا كۈنجۈت، چېچەكسەي، تېرىق، كۆممىقوناق، موگۇ، لامىنارىيە (خەيدەي)، سويا (دادۇر)، كاشتان، بانان، سەۋزە، ياڭيۇ، كاۋا، بامبۇك نوتىسى، ئالما، تۇخۇم سېرىقى، پېدىگەن، باش پىياز، كالا سۈتى، دۇفۇ، خاسىڭ، ياۋا ئۆردەك، بۆدۈنە، شۇنداقلا ھايۋاناتلارنىڭ مېڭىسى ۋە ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىقلار بار.


      خەنزۇچە «ساقلىق ساقلاش» ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博