ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار مول مەزمۇنلۇق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، "1- ئىيۇن" خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى كۈتىۋالدى. تۆۋەندە جايلاردىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى:
تۈنۈگۈندىن باشلاپ، شىخەنزە شەھىرى ئۆسمۈر- بالىلار مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، تۈرلۈك ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى قويۇش، مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، "1- ئىيۇن" خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، ئۆسمۈر- بالىلارنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايەن قىلدى. شىخەنزە شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسىدىكى شياۋ شى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ئۆسمۈر- بالىلار مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا جەمئىي 5 تۈرلۈك مۇسابىقە تەسىس قىلىندى. يەنى بارابان ئەترىتى ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى، نەق مەيداندا رەسىم سىزىش، ھۆسن خەت يېزىش مۇسابىقىسى، گۈزەل- سەنئەت، خەتتاتلىق، فوتوگراف ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، ئۆسمۈر- بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى قاتارلىلاردىن ئىبارەت. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە رەڭدار مەكتەپ تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، ھازىرقى ئۆسمۈر- بالىلارنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ياخشىلىقنى چۈشۈنۈشى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان سەمىمىي مېھىر- مۇھەببىتى نامايەن قىلىندى.
بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەندە خوتەندىكى كىچىك دوستلار قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىچىك دوستلارنى ئۇنتۇپ قالماي ئۇلار بىلەن بىللە خوشال- خورام بايرام ئۆتكۈزدى. خوتەن شەھىرى جياشىڭ يەسلىسىدىكى بالىلار، دارلىتامدىن كەلگەن كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئويۇن ئوينىدى ھەمدە بۇ بالىلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەپ، چاتما رەسىم قاتارلىق بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىنى سوغا قىلىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. يېتىم قىز گۈلجامال مۇنداق دېدى: بۈگۈن جياشىڭ يەسلىسىدىكى بالىلار بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزۈپ بەك خوشال بولدۇق.
بۇ يىل 1- ئىيۇن بالىلار بايرىمىدا، ئالتاي ۋىلايىتى 5 كۈنلۈك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ "بىخ" لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ھەر قايسى ناھىيە، شەھەردىن كەلگەن 11 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى. قابا بىلەن چىڭگىل ناھىيىسىدىكى ئىككى مەكتەپنىڭ كىچىك پۇتبولچىلىرى قالتىس ماھارىتى بىلەن يامغۇرغا قارىماي مۇسابىقە كۆرۈشكە كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھەر قېتىم ۋارتاغا توپ تېپىلسە ياكى توپ كىرسە مۇسابىقە مەيدانىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، كىچىك توپچىلارغا مەدەت بېرەتتى. تاماشىبىن بۆكىنبېك مۇنداق دېدى: تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى بىزنى تەسىرلەندۈردى. ئۇلار بىزگە بىر ئالاھىدە سوغا تەغدىم قىلدى، بۇ يىللىق بالىلار بايرىمى بەك ئەھمىيەتلىك بولدى، مەنمۇ بارلىق كىچىك دوستلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.