تەيۋەندىكى 28-ئىيۇل مۇنداق خەۋەر بەردى :خۇاليەن شەھرىدە بىر نىقاپلانغان ئوغرى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ئېھتىيات قىلىپ ئايىغىنى سېلىۋەتكىنىدى ،ئەمما ئۇ ھېچ ئىش قىلمايلا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى .ئۆي ئىگىسى ئايال مۇنداق دېدى : شۇ چاغدا مەن يۇيۇنۇپ بۇلۇپ كىيىم ئالماشتۇرۋاتاتتىم ،تۇيۇقسىزلا بۇرنۇمغا سېسىق پۇراق ئۇرۇلدى ،ئېھتىيات بىلەن قارىسام يالاڭئاياغ بىرى ئۆيۈندە تىمىسقىلاپ يۈرۈپتۇ ،ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى تاقىدىم -دە،ساقچىغا تېلفۇن بەردىم .