-
Blog*Bus ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى - [ئۇسلۇب]
2010-10-13
تورداش شياۋ مىڭنىڭە ئىنەك2 دىگەن ئۇسلۇبىدىن بۇرۇن ئىشلەنگەن ئىنەك1 ئىكەن. بۇنىڭ پەقەت رەڭگى يېشىل بولغاندىن باشقا جايلىرى ئالدىنقى ئۇسلۇبقا ئوخشايدۇ. بۇ ئۇسلۇب يۈكسەل تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان. ئىشلەتكەندە قانۇن ۋە ئەخلاققا رىئايە قىلىڭ.
كۆرۈپ بېقىش
چۈشۈرۈش ئورنى
قاچىلاش ئۇسۇلى
ئارامگاھتىكى مۇناسىۋەتلىك يازما
يۈكسەلدىكى مۇناسىۋەتلىك يازما
مەزۇر ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش ۋە قاچىلاش جەريانىدا ئوڭۇشسىزلىقلار كۆرۈلسە بىزگە ئىنكاس قىلىپ قويغايسىز، رەھمەت! -
Blog*bus ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى: يېشىل دالا (تار 600 پىكسىل) - [ئۇسلۇب]
2010-10-13
تەكلىماكان بلوگ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېشىل دالا ئۇسلۇبىنىڭ Blogbus نۇسخىسىنى ئۆتكەن يىلى ئىشلىگەن ئىدۇق. ھازىر چۈشۈرگىلى بولماس بولۇپ قاپتۇ. دوستلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قايتا تەمىنلىدۇق. بۇ ئۇسلۇب پەقت Blogbus دىن ئالغان بلوگدىلا ئىشلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشلىمەيدۇ. دىققەت قىلىدىغان بىر نەچچە نۇقتا شۇكى بۇ ئۇسلۇب BlogSpot نىڭ Son of moto دىگەن ئۇسلۇبى شۇ. بىز ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇق ھەم Blogbus سۇپىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يۆتكىدۇق. ئۇسلۇبنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى ئىجادىيەت ھوقۇقى ئىشلىگۈچى جەفىرى جونسون ئەپەندىگە تەۋە. ئۇيغۇرچە نۇسخىنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تەكلىماكان بلوگقا تەۋە. ئۇسلۇبنى سودا خاراكتېرىنى ئالغان پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەندە تورنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىجادىيەت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ. خەلقئارا سودا خاراكتېرىنى ئالمىغان بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش كىلشىمىگە ئەمەل قىلىڭ.
كۆرۈپ بېقىش ئورنى
چۈشۈرۈش ئورنى
قاچىلاش ئۇسۇلى
قاچىلاش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئوڭۇشسىزلىقلار بايقالسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس قىلىپ قويغايسىز. رەھمەت! -
Blog*Bus ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى: ئىنەك - [ئۇسلۇب]
2010-10-13
بۇ ئۇسلۇبمۇ بەك چىرايلىقكەن. بۈگۈن بىكار تۇرغاچ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم. بۇ يەردىن ئەسلى ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىڭ. چۈشۈرۈش ئورنى قاچىلاش ئۇسۇلى EOT ئۇلاش ئۇسۇلى بۇ ئۇسلۇب 2008-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بەلكىم كېيىنچە Blogbus سېستىمىسىدا ئۆزگىرىشلەر بولۇشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىدا ئىشلىمەسلىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئىنكاس قىلىپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. بلوگنى ئەلالاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار. بلوگدا پۇل تېپىشقا بولىدىغان پۇرسەتلەر . ئەسكەرتىش: بۇ ئۇسلۇب پەقەت Blogbus .com دىن ئالغان تورتۇرادىلا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئورۇنلاردا نورمال ئىشلىشى ناتايىن. ئۇسلۇبنى ئەسلى ئىشلىگۈچى شياۋمىڭ. ئۇيغۇرچىگە ئىشلىگۈچى تەكلىماكان بلوگ. ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە ھەرقانداق ئاقىۋەتكە تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ.