-
Blog*bus ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى: يېشىل دالا (تار 600 پىكسىل) - [ئۇسلۇب]
2010-10-13
تەكلىماكان بلوگ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېشىل دالا ئۇسلۇبىنىڭ Blogbus نۇسخىسىنى ئۆتكەن يىلى ئىشلىگەن ئىدۇق. ھازىر چۈشۈرگىلى بولماس بولۇپ قاپتۇ. دوستلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قايتا تەمىنلىدۇق. بۇ ئۇسلۇب پەقت Blogbus دىن ئالغان بلوگدىلا ئىشلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشلىمەيدۇ. دىققەت قىلىدىغان بىر نەچچە نۇقتا شۇكى بۇ ئۇسلۇب BlogSpot نىڭ Son of moto دىگەن ئۇسلۇبى شۇ. بىز ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇق ھەم Blogbus سۇپىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يۆتكىدۇق. ئۇسلۇبنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى ئىجادىيەت ھوقۇقى ئىشلىگۈچى جەفىرى جونسون ئەپەندىگە تەۋە. ئۇيغۇرچە نۇسخىنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تەكلىماكان بلوگقا تەۋە. ئۇسلۇبنى سودا خاراكتېرىنى ئالغان پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەندە تورنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىجادىيەت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ. خەلقئارا سودا خاراكتېرىنى ئالمىغان بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش كىلشىمىگە ئەمەل قىلىڭ.
كۆرۈپ بېقىش ئورنى
چۈشۈرۈش ئورنى
قاچىلاش ئۇسۇلى
قاچىلاش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئوڭۇشسىزلىقلار بايقالسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس قىلىپ قويغايسىز. رەھمەت!
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论