• مىكرو بلوگ دىگەن نىمە؟

    2010-11-28

    Tag:Wiki

    يېقىندىن بۇيان مىكروبلوگ بىر قەدەر كۈچەيدى. مەسلەن QQ微博 , سىنا، 163 قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ مىكروبلوگ مۇلازىمىتى. ئۇنداقتا مىكروبلوگ دىگەن نىمە؟
    مىكرو بلوگ قىسقا يېزىلىدىغان بلوگ بولۇپ، ھەقىقىي مەنىسىدىن، پەيدا بولۇشىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرگەندە، ئەڭ ئەركىن، ئەڭ قىسقا يېزىلىدىغان بلوگ شەكلى. ئادەتتە تېلفوندىكى قىسقا ئۇچۇر، MSN, GoogleTalk قاتارلىق پروگراممىلاردا پاراڭلىشىپ كېتىۋېتىپلا يازغىلى بولىدىغان، يېڭىلىنى تېز بولغان بلوگنى كۆرسىتىدۇ.
    ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغان مىكروبلوگ (شۇنداقلا ئەڭ داڭلىق مىكروبلوگ) Twitter دۇر. ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بۇ مۇلازىمەتنى ئاچتى. ئەمما قىسقا ئۇچۇر، IM لار ئارقىلىق يېڭىلاش تېخى تولۇق ئەمەلگە ئاشمىدى. ئەمما كىچىك بولۇشى، يانفوندا يېڭىلاش قاتارلىقلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
    مىكروبلوگ ھازىرقى بلوگنىڭ ئورنىنى باسامدۇ؟
    Twitter بىلەن blogger ئوخشاش ۋاقتتا پەيدا بولغان، ھەم قۇرغۇچىسىمۇ بىر ئادەم. ئۇلارنىڭ ئالدىنقىسى مىكروبلوگ، كېيىنكىسى بلوگ. ئەھۋالدىن قارىغاندا مىكروبلوگ بلوگنىڭ تېز سۈرەتلىك كىچىك ھەجىملىك، كۆچمە شەكلى.
    ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەر مىكرو بلوگدىن پايدىلىنىپ تىجارەتىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • Yamini teximu beyitishingizgha tilek dashmen. Mikro Blog toghrisida teximu keng dairid tonushturush elip berishingizni umud qilimen.
  • Yamini teximu beyitishingizgha tilek dashmen. Mikro Blog toghrisida teximu keng dairid tonushturush elip berishingizni umud qilimen.