• بۇ ھايۋانلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى

    2010-11-28

    قوي: توپ ئاتىلىشى-پادا، ئايرىم ئاتىلىشى تۇياق، يېڭى تۇغۇلغىنى-قوزا. تۇغۇلۇپ سەل چوڭ بولغىنى پاقلان، ئەركىكى - قوچقار، تۇغمىغان چىشىسى-تۆل، تۇغقان چىشىسى-ساغلىق، پىچىۋېتىلگىنى-ئېرىك.
    كالا: توپ ئاتىلىشى پادا، ئايرىم ئاتىلىشى-باش(تۇياق)، يېڭى تۇغۇلغىنى - موزاي، تۇغۇلۇپ سەل چوڭ بولغىنى- توپاق، ئەركىكى بۇقا، تۇغمىغان چىشىسى - غونجۇن، تۇغقان چىشىسى- ئىنەك، تۇغۇپ سۈت چىقىدىغنى - سېيىر؛ تۇغۇش ئالدىدا تۇرغىنى - قىسىر؛ پىچىۋېتىلگىنى - (ئۇنتۇپ قاپتىمەن-كېيىن تولۇقلاپ قويىمەن.).
    ئىشەك؛ ئەركىكى - ھاڭگا. چىشىسى- مادا؛ توپ ئاتىلىشى-ئۇيۇر؛ ئايرىم ئاتىغاندا تۇياق مىقدار سۆزى بىلەن كېلىدۇ؛ يېڭى توغۇلغان بالىسى-تەخەي. ئاتتىن توغۇلغان بولسا ئېشەك قېچىرى.
    ئۆچكە؛ ئەركىكى- تېكە، چىشىسى-ئۆچكە؛ يېڭى تۇغۇلغان ۋە چوڭ بولغان بالىسى - ئوغلاق.
    ئات؛ توپ ئاتىلىشى - يىلقا؛ ئايرىم ئاتىلىشى - تۇياق؛ ئەركىكى - ئايغىر؛ چىشىسى- بايتال. يېڭى توغۇلغان بالىسى قولۇن. توغۇلۇپ سەل چوڭ بولغان بالىسى- تاي.
    تۆگە؛ ئەركىكى - بۇغرا؛ چىشىسى - بوتا.
    تۇڭگۇز؛ ئەركىكى - قاۋان؛ چىشىسى - مىكىجىن؛ بالىسى - توراي.
    تو خۇ؛ ئەركىكى خوراز، چىشىسى-مىكيان، يېڭى تۇغۇلغان بالىسى چۆجە؛
    كەپتەر (كەپتەرنىڭ ئاق، قارا، يېڭى توغۇلغان، قانچە ياشقا كىرگەن، ئۇچۇش ماھارىتى، پەيلىرىنىڭ ئەھۋالى.... قاتارلىقلارغا قارىتا كەپتەرۋازلار ئىشلىتىدىغان 100 خىلغا يېقىن ئايرىم-ئايرىم ئاتالغۇسى بار بولۇپ، رەتلەپ بولالمىدىم.)
    ئىت ؛ ئەركىكى ئىت؛ چىشىسى- قانجۇق، بېكار يۈرىيدىغىنى - لالما؛ تۇغۇش ئالدىدكىسى - كۇسا؛ يېڭى تۇغۇلغىنى - كۇچۇك (كۈچۈك).
    داۋاملىق... يېزىلىدۇ....
    بۇ يەردىكى ماتېرىيالدىن پايدىلىنىلدى





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.