• بلوگ ئۈچۈن eot ياساش

    2010-11-28

    Tag:

    بۇ يازمىغا مۇنداق ماۋزۇ قويساقمۇ بولاتتى: 5 مىنۇتتا eot ياساش، ھىچقانداق پروگرامما بىلىملىرىدىن خەۋرى يوق كىشىلەرمۇ تور بەتلەرگە eot ھۆججىتى ياساپ، ئۇيغۇرچە خەتلەرنى خەت نۇسخىسى يوق كومپيوتېردا نورمال كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. (ئەمما بىز بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلمايمىز، نەزىرىڭىزنى كۆپرەك win7 دىكى ئۇيغۇرچە فونت microsoft uighur ھەققىدىكى تېمىلارغا قارىتىڭ. windows 7 سېستىمىنىڭ ئۆزىگە مىكروسوفت شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە فونت ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان.)
    خوش. ئەمسە eot ياساشنى باشلايلى.
    ئاۋال سىزنىڭ تور بەت ئادرېسىڭىزنى http://palani.blog.com دەپ تۇرايلى.
    ئاۋال ماۋۇ يەردىن eot ياساش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ.
    چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتنى پرېستىن يەشكەندىن كېيىن قارىسىڭىز 3 دانە خەت نۇسخا ھۆججىتى ۋە بىر دانە Create my eot دەيدىغان ھۆججەت بار. يەنە بىر تېكست بار. ئوقۇپ قويۇڭ.
    ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ. رەسىم بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز.

    تەرتىپ رەسىمدە نومۇر قويۇپ بېرىلدى.
    1. باسقۇچ (رەسىمدىكى باسقۇچ) . Create My Eot نى قوزغىتىڭ.
    2. باسقۇچ: ياسىماقچى بولغان فونتنى تاللاڭ. بايا چۈشۈرگەن ھۆججەتتىكى UKIJTUZ0.EOT دىگەن ھۆججەتنى تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
    3.باسقۇچ: توربەت ئادرېسىڭىزنى قوشۇڭ. باسقۇچ 3 دە كۆرسىتىلگەن رامكىغا http://palani.blog.com نى يېزىپ، خەنزۇچە ‹قوشۇش› كونۇپكىسىنى بېسىۋېتىڭ.
    4. باسقۇچ: ساقلاش، ‹باشقىدىن ساقلاش› كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئىسىمدىن بىرنى قويۇپ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىر ئورۇنغا ساقلاڭ.
    خوش، ئەمدى 2 ئىش قالدى.
    Blogbus.com نىڭ ھۆججەت يوللاش بوشلۇقى ياكى ئۆزىڭىز بىلىدىغان سىرىتقا ئۇلىنىش قىلىشقا بولىدىغان ھۆججەت بوشلۇقىغا بايا ساقلىغان eot ھۆججىتىڭىزنى يوللاڭ.
    يوللاپ بولغاندىن كېيىن ھۆججەتنىڭ ئادرېسىنى كۆچۈرۋېلىڭ.
    ئەمدى تۆۋەندىكى كودنى خاتىرە دەپتەرگە (كومپيوتېردىكى) كۆچۈرۈڭ.

    @font-face { font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(http://sizning.eot); }
    يۇقارقى كودتىكى http://sizning.eot  دىگەن ئورۇننى ئۆچۈرۋېتىپ، ئۆزىڭىز باياتىن ياساپ بوشلۇققا يوللىغان eot ھۆججىتىڭىزنىڭ ئادرېسىنى يېزىپ قويۇڭ.
    ئەمدى بىر باسقۇچ قالدى. بۇ كودنى تولۇق كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ، Blogbus دا css ھۆججىتىنى ئېچىپ، ئەڭ ئۈستىگە چاپلاڭ. ئەگەر ئەڭ ئۈستىدە قۇرلارنى ئوڭغا توغىرلاش ھۆججىتى (rtl) ھۆججىتى بولسا، ئۇنىڭ ئاستىغا چاپلاڭ.
    ئەمدى ئىش پۈتتى.
    بۇ يازما تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن Blogbus ۋە Blogspot ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچىلاشقا ياردىمى بولۇش ئۈچۈن يېزىلدى.
    ئەسكەرتىش:
    بىز ukij tuz tom فونتىنى مىسال قىلدۇق، ئەگەر سىز باشقا فونت مەسلەن alpida نى ياسىغان بولسىڭىز يۇقارقى كودتىكى كود نامىنىمۇ ئۆزگەرتمىسىڭىز بولمايدۇ.
    يەنە مەسلە بايقالسا مۇشۇ يازما ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ، ياكى Email يېزىڭ.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • چۈشۈرسەم پىرىس ھۆججەت بۇزۇق دەپ چىقىۋالدىيا ؟
    تەكلىماكان回复fahru说:
    شۈنلېي ئارقىلىق چۈشۈرمەڭ. توركۆرگۈچنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشۈرۈش ئىقتىدارى ئارقلىق چۈشۈرۈڭ
    2010-12-16 18:27:28
  • Bolsa xetning chongkichiklikini ozgertip qoyghan bolsingiz
  • گۇگولدىن ئىزدەڭ
  • داڭلىق بلوەلارنى قانداق ئىزدەيمىز؟
  • Teklimakan apandi paqat elanlar korunup koydikan.
  • شۇنداق كونا تېما ئىدى،
    مەن رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ، رەتلەپ يېزىپ قويدۇم.
    بۇرۇنقىلار ئۇنداق قىلماپتىكەن. كونا تېما يېڭى شەكىل، كونا مەزمۇن يېڭىچە چۈشەنچە.
  • بۇرۇن بارغۇ بۇ دېتال، مۇنبەرلەردە يوللىنىپ بولغان كونا تېمىكەن بۇ.
  • مۇشۇنى قىلامىغان، رەھمەت سىزگە