بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
قىزلار كىم ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك؟
-
قىزلار كىم ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-08-11 ئاۋاتلىقى: 1761 قېتىمبىز قىسىلىش، ئامالسىزلىق، كەينىمىزدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە ئالدىمىزدىكى غۇۋا يۇرۇقلۇقنىڭ ئوتتۇرسىدا گاڭگىراش ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. بەزىدە يېقىنلىرىمىز بىلەن مۇڭداشقىنىمىزدا، بالىلىقىمىزنى ئەسلەپ قېنىپ قېنىپ كۈلۈشكىنىمىزدە بىردەملىك غەمدىن خالاس بولغاندەك قىلىمىز-يۇ، ئەمما بىزنى تۆت تەرەپتىن قورشاپ تۇرغىنى ھېچكىمگە رەھىم قىلمايدىغان رېئاللىق. چارچاۋاتىمىز، ئويلاۋاتىمىز، ئىشلەۋاتىمىز، مىدىراۋاتىمىز....يانفوندا كۆرۈش
جەمئىيەتنىڭ يېرىم رولىنى تۇتۇپ تۇرۋاتقان قىز-ئاياللار بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ئېغىر خىرىسقا ۋە بېسىمغا دۇچ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. خىزمەت، ئائىلە ۋە باشقا بېسىملار ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرسىدا ھەرخىل زىددىيەتلەر تۇغۇلۋاتقان زامانغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپەيمەكتە. بەلكىم ھەر بىر خانىم قىزنىڭ يالغۇز ھالدا ئىگىز تاغقا ياكى كەڭرى دەريا بويىغا بېرىپ ئۈنى پۈتۈپ كەتكۈچە ۋارقىرۋالغۇسى، ئىچىدىن چىقىرىپ يىغلىۋالغۇسى كېلىدىغاندۇ. قىزلارنىڭ قەلبىنى ھەممە ئىشنى زىل ۋە ئەستايىدىل ئويلايدىغان، ئەقلىيلىكتىن كۆرە ھېسسياتقا بەكرەك تايىنىپ بىر ئىشلارغا مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە شۇ سەۋەپلىك ئورۇنسىز ئازار يەۋالدىغان قىز ئاياللار ھەممىدىن بەك چۈشەنسە كېرەك.
بىر ئائىلىدە قىز بولۇپ تۇغۇلۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەركىسى، بىر دانىسى بولۇپ چوڭ بولغان قىزلار ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغىنىدا باشقا ئائىلىنىڭ ئادىمىگە ئايلىنىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. توي قىلىش قىزلارنىڭ ھەم بەختى ھەم بەخىتسىزلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئىش. يېقىندا تورلاردا قىزلارنىڭ ئىشلىمەي ئائىلە ئايالى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلدىغان تېمىلار چىقتى. بۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن قىزلار خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەنمۇ بولدى. ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى رېئاللىقى قىزلارنىڭ ئائىلە ئايالى بولۇپ پۈتۈن زېھنى ۋە كۈچىنى ئائىلسىگە بېغىشلىشىنى توغرا قۇبۇل قىلالمىدى.
نېمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى بىرىنچىدىن، ھازىرقى تاشتىن قاتتىق جەمئىيەتتە بىرلا ئادەمنىڭ مائاشى ياكى تىجارەت قىلىپ تاپقان پۇلى بىلەن بىر ئائىلىنى باقماق ناھايتى تەس، يەنە كېلىپ 80-يىللىق 90-يىللىق ياشلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئىككىنچىدىن، ئەرلەرنىڭ ئايالنىڭ رولىنى چۈشىنىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى مۇئەييەن جەھەتتە ئاجىز. يەنى بىر ئايال كىشى ئائىلە ئايالى بولسا توقسان پىرسەنىت ئەرلەرگە بارا-بارا ئايالى قابىليەتسىزدەك بىلىنىدۇ (مەيلى ئۇ ئايالنىڭ ئوقۇش تارىخى قانچىىلىك بولسۇن). ئايال كىشىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان، ئۆزىنى قابىليەتسىزدەك ھېس قىلدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق كەيپىيات كېيىن يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاياللار پائال قاتنىشىدىغان، ئۇلارنى تەربىيەلەيدىغان ۋە يىتەكچىلىك قىلدىغان ئىلمىي تەربىيلەش ئورۇنلىرى يوق دىيەرلىك. يەنى ئاياللارنىڭ قابىليىتىنى ئاشۇردىغان ۋە ئىجادچانلىق كۈچىنى ئاشۇردىغان ئىجىتمائىي سەھنە يوق. مەسىلەن، بىر ئايال ئائىلە ئايالى بولدى دەيلى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئايالنىڭ ۋاقتى، ئائىلە، بالا، ئەر ۋە چوڭلار تۇغقانلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. دوستلىرى ئاز ساندا بولىدۇ. كۈنسېرى يېڭىلىنۋاتقان زاماندا ئايالنىڭ ۋاقتى بىر خىل رېتىمدا ئۆتىۋەرسە، ئۆگىنىش قىلىدىغان، يېڭى ئىدىيە پىكىرلەر بىلەن تونۇشىدىغان، ئاياللىق ساپاسى ۋە بالا تەربىيلەش ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە يىتەكچىلىك رول ئوينايدىغان تەربىيلەش ئاپپارارتلىرى بولمىسا، بۇ ئايالنىڭ ئىدىيىسى ئۆزى بۇرۇن ئۇچىراشقان جەمئىيەتتە توختاپ قالىدۇ. بالا تەربىيلەش يۇقرى ساپا ۋە يېڭلىق تەلەپ قىلدىغان زىل خىزمەت. بالىنى ئۆزىمىز ياشىغان دەۋىرنىڭ تەلىپى بويىچە تەربىيلەپ يىتىشتۈرسەك، بالىلار بىزدىن كېيىن قالغان دەۋىردە يەنى تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ كەسكىن دەۋىردە قانداق ياشايدۇ؟ شۇڭا، ئاياللارغا داۋاملىق تەربىيلىنىش ۋە ئۆگىنىش شارائىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئائىلە ئايالى بولۇشنى تاللاش ئاقىلانىلىك بولماسلىقى مۇمكىن. تۆتىنچىدىن، بىز تىرىشمىساق بولمايدۇ. باشقىلار بىر ھەسسە تىرىشقان بولسا بىز ئىككى ئۈچ ھەسسە تىرىشىشىمىز كېرەك. چۈنكى باشقىلار بىزنىڭ ئالدىمىزدا كەتتى. بىز ھازىرغىچە ئۇقۇم خاتالىقلىرى، ۋە ھەر خىل ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرى ئىچىدە ئېزىپ يۈرىۋاتىمىز. شۇڭا ئاۋال ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك. شۇ سەۋەپلىك مېنىڭچە خانىم قىزلار ھازىر قى دەۋىردە خىزمەتتىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك. مەيلى سىز توي قىلغان بولۇڭ ياكى توي قىلمىغان بولۇڭ، قىز ئاياللارنىڭ بەدەل تۆلەيدىغان تۇنجى ئادىمى ئۆزى بولۇشى كېرەك. ھازىرقى جەمئىيەتتە سىزنىڭ قەدىر قىممىتىڭىزنى ساقلاپ قالالايدىغان نەرسە دەل ئۆزىڭىز. سىز قىممەت يارىتىش ئۈچۈن ئىشلىشىڭىز كېرەك. ئۆز غورۇرىڭىزنى قوغداش ئۆزىڭىزگە ئىشىنىش ئۈچۈن ئىشلىشىڭىز كېرەك. (بۇ يەردە ھالال خىزمەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ). بەلكىم يىگىتلەر سىزگە ئىشلىمىسىڭىزمۇ سىزنى باقالايمەن دېيىشى مۇمكىن، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ سىزنى "بېقىلغۇچى" ئورنىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ. بەلكىم ئاتا ئانىڭىزنىڭ كۆپ پۇلى، يۈز ئابرويى چوڭ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كېيىنكى ئۆمرىڭىزگىچە ئاتا ئانىڭىزنىڭ پۇل مېلى، يۈز ئابرويى سىزگە مەڭگۈ ھەمرا بولۇپ بولالمايدۇ. شۇڭا، دەيمەنكى، سىز ھېچكىمگە ئۆزىڭىزنى بېغىشلىماڭ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزگە بېغىشلاڭ. بارلىق غايىلىرىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ. نىكاھ سىزنىڭ پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن، ئۇنى ئىزدەپ ياكى ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئۈچۈن ئاۋارە بولىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئاتا-ئانىڭىز قېرىنداشلىرىڭىز سىزدىن مەمنۇن بولغۇدەك ياشاش ئۈچۈن تىرىشىڭ. توي قىلغاندىن كېيىنمۇ قىسىلماي، مەردانە ھالدا ئاتا ئانا قېرىنداشلىرىڭىزدىن ھال سورىيالىغۇدەك، ئۇلارغا ياردەم قىلالىغۇدەك مادارىم بولسۇن دېسىڭىز، ئۆزىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ، بىرىنچى بولۇپ ئۆزىڭىزگىلا بەدەل تۆلەڭ. ھاياتىڭىزنىڭ يېرىم يولىدىكى گۈزەل ياشلىق پەيتىڭىزدە يېنىڭىزدا پەيدا بولغان كىشى مەيلى ئالدىڭىزدا قانچە ئېسىل كۆرۈلسۇن، ياكى قانچىلىك گۈزەل ۋەدىلەرنى بەرسۇن، ئۇنىڭ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا مەڭگۈلۈك بولۇش بولماسلىقىنى بىلمەيسىز. ئەگەر ئۇ نىكاھ بوسۇغىسىدىن ئاتلىسا ئەلۋەتتە قەدىرلەڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇڭ. ئەمما ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئاندىن باشقىلارنى.
قىسقىسى، قىممەت يارىتىش ئۈچۈن، قەدىرلىك بولۇش، ئەزىز، سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە بەدەل تۆلەڭ.
مەنبە: باغداش مۇنبىرىدىن
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەر زوقلىنىدىغان ئاياللارم
2016-01-01 15:56:242420داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-11-28 00:56:421633قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 2-سان
2016-03-19 20:22:571737ئەڭ يېڭى چاچ ئۆرۈش ئۇسۇللىرى
2016-02-03 18:38:595613تۇغماسلىق ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-11-28 01:03:393179تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىكى پەرھىزلىرى
2015-08-18 12:11:491849ھامىلدار ئاياللار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
2015-12-31 18:00:002028دالانچە چوڭ بەز ياللۇغى دېگەن نېمە؟
2015-11-10 03:13:541496
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-