ئاياللار ئەۋرەت تۈكلىرىدىن ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلىش
-
ئاياللار ئەۋرەت تۈكلىرىدىن ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلىش
ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 6468 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللار ئەۋرەت تۈكلىرىدىمۇ بەدەن ساغلاملىقىغا بولغان نۇرغۇن سىگىناللار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئۇنداقتا تۈۋەندە بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى .
ساغلاملىق سىگىنالى 1:ئەۋرەت تۈكى ھەدىدىن زىيادە ئاز بولۇش .ئەۋرەت تۈكلىرىنىڭ ئاز بولۇشى تۈك ئازلىق كېسىلى بولۇپ ، ئەۋرەت ۋە قولتۇق تۈكلىرى ئېغىر دەرىجىدە ئاز ياكى كەمتۈك بولۇش ، بۇ ئاز بىر قىسىم ئاياللاردىكى بىرخىل كىسەللىكنىڭ بىشارىتىدۇر. بۇخىل ئايال بىمارلارنىڭ جىنسى بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەل بولماسلىق ، بويى پاكار ، ئەمچەكنىڭ يىتىلىشى ياخشى بولماسلىق ، سىرىتقى جىنسى ئەزا ئەتراپىدا ئاساسى جەھەتتىن تۈك يوق ، بۇنىڭدىن سىرىت ھەيىز توختاش ، كۆپىيىش ئىقتىدارىمۇ بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ . بەزى ئاياللارنىڭ قالقانبەز ئىقتىدارى تۈۋەن بولغانلىقتىن ، قولتۇق تۈكلىرىنىڭ بولماسلىقى، ئەۋرەت تۈكىنىڭمۇ ئىنتايىن ئاز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەمدە جىنسى ئىنتىلىشى تۈۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ . يەنە بەزى ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ مىقداردا قان چىققاچقا مىڭە ئاستى بېزىغا قان يىتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ ، ھەمدە مىڭە ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،ھەمدە ھەيىز توختاش ۋە ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بەدەن ئۇرۇق ، جانسىز ، جىنسى ئىنتىلىشى تۈۋەن بولۇش ، چاچ ۋە ئەۋرەت تۈكىنىڭ چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭلاشقا ، ئاياللار بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلغان ھامان چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك .ساغلاملىق سىگىنالى 2:ئەۋرەت تۈكى چۈشۈش.چاچقا ئوخشاشلا ، ئەۋرەت تۈكىنىڭمۇ ماددا ئالمىشىش جەريانىدىكى چۈشۈشى كېلىپ چىقىدۇ . ئەۋرەت تۈكى ئادەتتە ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ ، ھەر كۈنى تەخمىنەن 10-20 تال چۈشىدۇ . ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، جىنسى ھورموننىڭ ئاجرىتىلىپ چىقىشى تۈۋەنلىگەچكى ، تۈك خالتىللىرىنىڭ بارا بارا كىچىكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئەۋرەت تۈكلىرىنىڭ چۈشىشىنى تىزلەشتۈرىۋېتىدۇ ، ئەۋرەت تۈكى بارا بارا ئازلاپ كېتىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال . كېلىماكتىرىيە دەۋرىدىن كېيىن ، ئەۋرەت تۈكلىرىنىڭ چۈشىشى تىزلىشىپ كېتىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال . بىراق بەزى ياشلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ، ئېغىر دەرىجىدە ئەۋرەت تۈكلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى كېلىپ چىقسا ، بۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەك ، بۇ خىل ئەھۋال ئاساسلىقى مەلۇم كىسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن .ساغلاملىق سىگىنالى 3:ئەۋرەت تۈكى ھەدىدىن زىيادە كۆپ بولۇش .بۇ خىل ئەھۋال ئاساسلىقى مىڭە ئاستى بېزى ئۆسمە سەۋەپلىك بولىدىغان بولۇپ ، بۇ خىل بىمارلاردا بارماقلىرى توم بولۇش ، تىلى سېمىز ، جىنسى بەزلەرنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقان بولۇش ، تېرىسى سىلىق بولماسلىق ، ھەيىز توختاش ، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ . بۆرەك ئۈستى بەز پوستىلىقى زىيادە ئۆسۈش ھەمدە ئۆسمە پەيدا بولغان ئاياللاردا ، ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجرىتىپ چىقىشى كۆپ بولۇپ ، شۇ سەۋەپلىكئەۋرەت تۈكى كۆپ بولۇش ھەمدە دىلچىق سېمىز چوڭ بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ .ساغلاملىق سىگىنالى
4: ئەۋرەت تۈكى رەڭگى ئۆزگىرىش .ئ ئەۋرەت تۈكى ئاقىرىش، ساغىرىش ياكى قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىش ئەھۋاللىرى ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق ۋە روھى جەھەتتىكى ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
مەنبە: ساغلاملىق سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەگەر سىز توي قىلمىغان خانىم بولسىڭىز
2015-12-06 14:00:388101ئالاھىدە ئەسكەرتىش: خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلىتىش
2015-10-07 23:37:017587قىز ئاياللار سورۇنغا چىقالايدىغان، ئاشخانىغىمۇ ك
2015-11-30 18:08:415499قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 1-سان
2016-03-19 20:22:031263بۇ 10 ئىش ئاياللارنى ئۆمۈرلۈك ئازابقا قويىدۇ
2015-12-05 17:11:381754نېمە ئۈچۈن قىزلارغا ئەيدىز ئاسان يۇقىدۇ؟چوقۇم ئو
2016-01-22 18:20:312368ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئ
2015-08-10 00:16:532248ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بې
2015-11-29 14:55:521317
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-