بۇ 5 خىل ئەھۋالدىن ئالاھىدە ھەزەر ئەيلەڭ
-
بۇ 5 خىل ئەھۋالدىن ئالاھىدە ھەزەر ئەيلەڭ
ۋاقتى: 2016-07-30 ئاۋاتلىقى: 7415 قېتىمئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا، ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىكنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى، ئۆزىنىڭ پاكىزلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك سەۋەبلىك، تېخىمۇ ئاسان ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئاياللار جىنسىي ئەزاسىدىكى ھەر قانداق ئۆزگىرىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.يانفوندا كۆرۈش
1. جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىدىكى غەيرىيلىك
نورمال ئەھۋالدىكى ئاجراتمىلاردا پۇراق بولمايدۇ، ناھايىتى سۈزۈك، پاكىزە بولىدۇ. ئاجراتمىلارنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمىشە كېسەللىكنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۇرغۇن كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئاق خۇننىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. مەسىلەن: تەسۋىسىمان باكتېرىيە يۇقۇملانسا ئاق خۇندا پۇرچاق داشقىلىسىمان ئۆزگىرىش بولىدۇ؛ سۆزنەكتىن بولغان ئاق خۇندا سارغۇچ يېشىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق بولىدۇ. شۇڭا، ئاق خۇندىكى ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىش ئاياللار كېسەللىكىنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاپ ساقايتىشقا پايدىلىق.
تاشقى جىنسىي يول قىزىرىپ ئىششىش، قىچىشىش بەلكىم تاشقى جىنسىي يول ياللۇغىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. بۇ بىر خىل سەزگۈر خاراكتېرلىق رىئاكسىيە بولۇپ، ھەر قانداق نەرسىدىن غىدىقلىنىدۇ. يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىدىن باشلاپ كىيىۋاتقان كۇسارغىچە غىدىقلاش مەنبەسى بولالايدۇ. يەنە بىر خىل قىچىشىدىغان ئەسۋە بەلكىم تاشقى جىنسىي ئەزا قېتىشىش خاراكتېرلىق مۇخلىشىش سەۋەبتىن بولۇشى مۇمكىن. ئەسۋە (تاشما) بەلكىم قاپارتمىنىڭ سېگنالى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىزدە ياكى ھەمراھىڭىزدا قاپارتما ئالامىتى بولسا، بىرگە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك. دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش زۆرۈر. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللاردا ئېغىر دەرىجىدىكى قاپارتما بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تۇغۇتتا قاپارتما بالىغا يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.
3. غەيرىي پۇراق
نورمال ئاق خۇن پۇراقسىز بولىدۇ. ئەگەر سىزدە دائىم قاڭسىق پۇراق بولسا، بۇ بىر خىل باكتېرىيە خاراكتېرلىق جىنسىي يول كېسەللىكى (BV) ئالامىتىدۇر. دائىم فىزىئولوگىيە مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن پۇراق تېخىمۇ قاڭسىقلىشىپ كېتىدۇ. ناھايىتى ئاز سانلىق ئەھۋالدا، تازىلىق قەغىزى سېسىقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەر 4~8 سائەتتە بىر قېتىم قەغەز ئالماشتۇرۇشنى ئونۇتماڭ. ئەڭ ياخشىسى گىرمانىيەنىڭ بەللا ماركىلىق ئادەت قەغىزىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
4. كۆيۈشكەندەك تۇيغۇ بولۇش
مەسىلەن سۈيدۈك كۆپ بولۇش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىقنىڭ باش سەۋەبكارى بەلكىم باكتېرىيە خاراكتېرلىق سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشى بولۇشى مۇمكىن. ناھايىتى ئاز ساندا، تاشقى جىنسىي يولدا كۆيۈشۈش تۇيغۇسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ بەلكىم تەكرار ھالدا جىنسىي يول ياللۇغى، زەخمە ياكى باشقا ئەھۋاللارنى قوزغىتىپ قويۇشى مۇمكىن. تاشقى جىنسىي يول يالغۇز جىنسىي مۇناسىۋەتتىلا ئاغرىپلا قالماي، يەنە ئاياللار يول ماڭغاندا، تازىلىق ئۆيىگە كىرگەندە، ھەتتا ئارام ئالغاندىمۇ ئاغرىشى مۇمكىن.
5. قان كېلىش
جىنسىي يولدىن دائىم قان كەلسە، بۇ بەزى بىر كېسەللىكنىڭ ئالدىن شەپىسىدۇر. بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، بالىياتقۇ بوينى راكى، بالىياتقۇ تېرە ئۆسمىسى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش شۇنىڭدەك بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ شەپىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە جىنسىي يولدىن قان كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كېلىماتېرىيە دەۋرى ياكى ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش تەرتىپسىزلىكى، تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىنى خاتا ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىمۇ بالىياتقۇدىن تەرتىپسىز قان كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈپ، ۋاقتىدا داۋالىنىش تولىمۇ مۇھىم.
----------------
ئەگەر سىزدە ياكى ئايالىڭىزدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولسا، سىزنىڭ «خانزادىلەر گۆھىرى»نى ئىشلىتىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئىشەنچلىك شىپاسى يەنىلا خانزادىلەر گۆھىرىدۇر!
تېلېفون: 13369608844تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار بۆلۈم ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكىنى قىسقىچ
2015-11-12 18:43:391485يىگىتلەر جورا تاللىغاندا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇق
2016-01-16 16:10:171696ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار
2015-12-30 17:10:102370ئاياللار كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ «قارا ئىككىلەمچى ساغل
2015-12-06 13:58:4211874يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟
2016-01-07 01:42:28327110 مىنۇت ئاچچىقلىنىش 3000 كىلومېتىر يۇگۇرگەنگە ب
2015-12-09 20:59:501597ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنى بىزار قىلمايدۇ
2015-11-10 02:28:412546نىكاھتىن ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئون تۈرلۈك قا
2015-12-18 19:25:431735
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-