قىش پەسلىدىكى ئاياللار جىنسىيەت ساقلىقىغا زىيانلىق ئادەتلەر
-
قىش پەسلىدىكى ئاياللار جىنسىيەت ساقلىقىغا زىيانلىق ئادەتلەر
ۋاقتى: 2016-10-16 ئاۋاتلىقى: 3863 قېتىمقىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ھەممىمىز قېلىن كېينىشىكە باشلايمىز. بولۇپمۇ قىش پەسلى، ئاياللار كېسەللىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلدىغان پەسىل. بۇ ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارى ئاسانلا تۆۋەنلەپ، پەسىل ۋە ھاۋا كېلىماتىدىن باشقا يەنە ئادەملەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىدىكى بىر قىسىم ساغلام بولمىغان ئامىللار تۈپەيلىدىن، بۇمۇ ئاياللار كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان ئامىللاردىن بولۇپ قالدى.يانفوندا كۆرۈش
قىش پەسلى ئەتتىگەن كەچلىك تېمپۇراتۇرا پەرقى چوڭ، ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن، بىئولوگىيەلىك سائىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بۇ ۋاقىتتا كېسەللىك ئەڭ كۆپ تارقىلدىغان ۋاقىت بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئاياللار بۇ ۋاقتىتا ئۆزىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
تار كىيىملەر ئاسانلا جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
قىش پەسلى كىرگەندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ئاق خۇنى كۆپ كېلىپ، غەيرى پۇراق پەيدا بولىدۇ، بۇ بولۇپمۇ كىيىمنى خاتا كىيىپ قالغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.
جىنىسي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بەزەنلىرى مىكروپلارنى يۇقتۇرۇپ قالغانلىقتىن بولىدۇ. ئەمما كۆپىنچىلىرى كىيىمنى خاتا كىيىپ قالغانلىقتىن گىرىپتار بولغان.
كۆپىنچە ئاياللار قىش پەسلىدە بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان ئىسسىقلىق ساقلاش ئىچ كىيىملىرىنى كېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق بۇنداق كىيىملەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى خىمىيەلىك تالا بولۇپ، ھاۋا ئۆتكۈزمىگەنلىكتىن نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. شۇڭا ئاياللار پاختىلىق كىيىملەرنى كۆپرەك كېيىشى، ھەرگىزمۇ خىمىيەلىك تالالىق كىيىملەرنى، ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان كىيىملەرنى كەيمەسلىكى لازىم، بۇنىڭدىن سىرت ئالاھىدە يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن جىنىسي يولنى تازىلىماسلىق كېرەك، قۇرۇق سۇدا سىرتقى جىنسىي ئەزانى يۇيۇسىلا كۇپايە.
كالتا ئىشتاننى كىرئالغۇدا يۇيۇش ئارقىلىق ياللۇغ پەيدا بولۇش
ئەگەر سىز ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىيەلمىگەن بولسىڭىز، كىرئالغۇ كېسەللىك تارقىتىدىغان نەرسە بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر ئاپتۇماتىك بولغان كىرئالغۇنى ئىشلىتىشكە ئامراق بولغانلىقتىن، بۇنىڭدىن سۇ ئاسانلىقچە چىقىپ كەتمەيدۇ، ھەمدە نۇرغۇنلىغان مىكروپلارنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى مىكروپلارنى ئاپتاپقا قاقلاش ئارقىلىق يۇقاتقىلى بولىدۇ، ئەگەر بۇ مىكروپلار كالتا ئىشتانلارغا چاپلىشىپ قالسا، ئاياللارغا بولغان زىيىنى كۆپ بولىدۇ.
شۇڭا سىزنىڭ كالتا ئىشتان قاتارلىق ئىچ كىيىملىرىڭىزنى قولىڭىزدا ئۇۋلاپ، قاتتىق سوپۇن بىلەن يۇيۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم، يۇيۇپ بولغان ئىچ كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ ھاۋا ئۆتىدىغان، ئاپتاپ جايلارغا قاقلاش لازىم.
ھەيز قەغىرى ئىشلىتىش ئارقىلىق ياللۇغ پەيدا بولۇش
نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھەيز قەغىزىنى جىنسىي يولىنى ئاسرىغۇچى نەرسە دەپ ئويلايدۇ. بىراق بۇنداق ئويلاش ئىنتايىن خاتا، چۈنكى ھەيز قەغىزىنى كۆپ ئىشلەتكەندە، ھاۋا ئۆتۈشمەي مىكروپلانىڭ جانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەللىكلەرنى تېخىمۇ تېز پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە قىسقا مەزگىل ھەيز قەغىزى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ھەم ئىشلەتكەندە كۈندە ئالماشتۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللارنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ قىچىشىشىدىكى
2015-10-07 19:40:225539ئاياللار قايسى خىل جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەڭ ئىنتىلى
2016-01-23 14:03:589873ئاياللار كېسەللىكىنىڭ تېخىمۇ كەسپىي ھەم ئۈنۈملۈك
2015-10-04 23:17:043152ئىرىگە كىچىك خوتۇن ئىزدىگەن ئايال
2016-01-13 14:36:005110ئەقىللىق ئاياللار ئەرلەرنىڭ بەش خىل ئېھتياجىنى چ
2015-12-30 17:18:596253بۇلارنى تاقاپ ياتقىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۆلۈمگە ئىتتى
2015-08-15 19:34:593488ئاياللار ئەڭ كۆپ دەيدىغان 15 يالغان سۆز
2015-12-08 13:20:022500بېسىم ئاياللارنى ئاسانلا ھاڭۋاقتى قىلىپ قويىدۇ
2015-08-10 00:30:242558
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-