ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-28

    ئەخلاق ھەققىدە ھىكمەتلەر - [ھىكمەتلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41595664.html


    گۈزەل ئەخلاقا ئىگە بولۇش دېگەنلىك ،گۈزەل ئەخلاققا ئىەە ئادەمدەك قىياپەتكە كىرىۋېلىش ئەمەس،بەلكىم ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىپ گۈزەل ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشتۇر.باشقىلارنىڭ بىزنى ياخشى دېمىكى ئوڭاي ئەمەس،ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنىڭ ياخشى ئادەم بولمىقىدۇر.

    بىر ئادەمنىڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالەمنى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئىشلارنى قىلغانلىقىغا ئەمەس،بەلكىم كۈندۈلۈك تۇرمۇشنى قانداق ئۆتكۈزەەنلىكىگە قاراش كېرەك.

    بىز دەۋاتقان ئەخلاق مەلۇم قىلمىش ۋە ھەر خىل مەنپئەتنىڭ بىرىكمىسىدۇر. ئۇ تەلەي ياكى ئۆزىمىزنىڭ قايىللىقى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن.ئەرلەر ھامان باتۇرلۇققا تايىنىپ قەھرىمان بولغان ئەمەس،ئاياللارمۇ پاكلىقىغا تايىنىپ پاك ئاتالغان ئەمەس.ئەخلاق ھامان دەريا -دېڭىزدا يوقالغاندەك مەنپئەت قۇيۇنى ئىچىدە يوقىىلدۇ.

    باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىشبىر خىل ئەخلاقسىزلىقلا ئەمەس ،بەلكىم بىر خىل نومۇسسىزلىق ۋە پەسكەشلىك!چۈنكى ئاق كۆڭۈل ۋە ئالى پەزىلەتلىك كىشىلەر ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بەختسىزلىكىنى ئاشكارىلاشتىن شادلىق ئىزدىمەيدۇ.باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى خالايىق ئالدىدا دورايدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلمايدۇ.

    گۈزەل ئەخلاق گويا گۆھەر،ئۇ ساددا ئارقا كۆرۈنۈش ئالدىدا تېخىمۇ گۈزەل كۆرىنىدۇ،شۇنىڭغا ئوخشاشلا ،ئاددى ياسانغان،ئەمما سۇمباتلىق ،ئەستايىدىل ھەمدە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە كىشى ئادەمدە چەكسىز ھۆرمەت تۇيغۇسى ئويغىتىدۇ.

    تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ،قۇۋلۇق ئادەمنىڭ ھەقىقى ئەقىللىقلىقى ئەمەس،ئۇ پەقەت پايدا -مەنپئەت ئېلىشنىڭ ئەرزىمەس بىر خىل ماھارىتى . ئۇ بەزىدە كارغا كېلىپ قالسىمۇ ،لېكىن كىشىنى ئەبەدى ئالدىيالمايدۇ.مۇشۇ ئەرزىمەس ماھارەت بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىش ئاقمايدۇ.

    ئاياللىق -پاك -ئىپەتلىك بولغان،ئائىلە ئايالى ئۈچۈن ساداقەت ئېتىكابى ھېسابلانغان ،ئەر ئايالنىڭ يېرىم ئىلاھى بولغان ھالەتتە ئاياللاردا ئەخلاقى بۇزۇلۇش ئۆلۈم بىلەن تەڭ.

    مەنبە : ئەخلاقى ھەققىدە ھېكمەتلەر

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.