-
2009-04-09
سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/attirgul-logs/37681920.html
سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى
ئاپتورى : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل 7-ئاي 1- نەشرىئاپتوردىن
ئەسسالام كىتابخان !
بۇ ، تارىخنىڭ سەۋدالىق يىللىرى يېزىلغان تەئەججۈپنامە . بۇنداق يىللارنى ئاپەت دەپ ئاتىساڭ ئاپەتلىرى تولىمۇ پاجىئەلىك . بۇنداق يىللارنى ئامەتلىك دەپ ئاتىساڭ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرىنى توپلاپ ، زۇلمەتنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ھېكمەتكە باي قىممەتلىك ئامەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ . بۇ ، ھەقىقەتەن سەۋدالىق يىللىرى ئىدى . سەۋدالىقنىڭ پاجىئەسى ئىچىدە ، سەرسانلىق ئىچىدە كۈتۈلمىگەندە كونا يوشۇرۇن خەزىنىگە ئېرىشىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى نۇرغۇن خەلق چۆچەكلىرىدە ئىسپاتلانغانغۇ ؟
مەن دانىشمەنلەردىن سەبىي بالىلارغىچە ئۈركۈگەن ، تېڭىرقىغان ۋە ئەندىشە ۋەھىمىسى ئىچىدە سەۋدالىق روھىيىتىگە ئەسىر بولغان يىللاردا ئۆزۈمنى سەۋدالىقتىن خالىي قىلالمىدىم . بۇ خىل سەۋدالىق ئۇزاق قەرەللىك ئۇيقۇ شارابىدەك مېنىمۇ ئۇزاق يىللارغىچە مەستلىك ئۇيقۇسىغا غەرق قىلغانىدى . قاباھەتلەرنى ھېس قىلىپ ھېكمەتلەرنى چۈشىدىم . بىراق ، چۈشىگەنلىرىم سەگەكلىك تەپەككۇرىدىن كۆرە تولاراق سەۋدالىق شىۋىرلاشلىرىغا ئوخشاپ كەتتى . مەن ھۆرمەتلىك كىتابخاندىن مېنى كەچۈرۈشىنى ۋە ساقىينىڭ ئىچۈرگەن شارابىغا تاقابىل تۇرالماسلىقىمنى چوڭقۇر ھېسداشلىق ئىچىدە نەزەرگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
<< سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى >> تۈن مونولوگلىرى سۈپىتىدە سەۋدالىق يىللىرىدىكى سەۋدالىق خاتىرىسى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن .
<< سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى >> كاككۇكنامىدىن باشلىنىپ ، مارجاننامە ، سۇمۇرغنامە ، جاھاننەما ئارقىلىق داۋاملىشىپ ، نىجاتنامىدە ئاخىرلىشىدۇ . مەن بۇ بەش نامىنى نەشر قىلىش ئويىدا يازمىغانىدىم ، كىشىلەرگە كۆرستىشكىمۇ ئەندىشە قىلاتتىم . يەنە نېمىشقىدۇر ئەينى يىللارنىڭ تەپەككۇر ھودۇقۇشلىرىنى جامائەتچىلىككە تاپشۇرغۇم كەلدى . بۇنىڭدىن مەقسىتىم ، زامانداشلىرىمنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ۋە گۆدەك پەرزەنتلەرگە ھەقىقىي يورۇقلۇق ، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىقنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت .
评论
دائىم كىلىپ تۇرسام بولغۇدەك.
سىزمۇ بىز تەرەپلەرگە پاتپات ئۆتۈپ قۇيارسىز .
بولسا ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز ،
رەھمەت سىزگە
مانا بۇ فىلىم ئادرىسى، ئەگەر خالىسىڭىز بلوگ ئۇلىنىشى قىلىپ كويارسىز .