ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2011-01-10

    يارغول قەدىمي شەھىرىدىكى سىرلار - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/98265548.html

    يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەتراپى 20-30 مېتىر ئىگىزلىكتىكى دۆڭلۈك. يارغول يىپەك يولىدىكى مەشھۇر شەھەر بولۇپ، 2000 يىلدىن ئارتۇقراق تارىخقا ئىگە. ئۇ 1961- يىلى  مەملىكەتلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بېكتىلگەن، بۇ شەھەر يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ئىپتىدائىي توپا شەھەر خارابىسى دەپ بېكىتىلدى.

        ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ بىنا قىلىنغان ۋاقتى ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى يېغىلىق دەۋرىگە توغرا كېلىدىكەن.يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولغان قۇس بەگلىكى تارىخ سەھنىسىگە چىققان، قۇس بەگلىكىنىڭ ئاستانىسى يارغول شەھىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خەن ۋۇدى يۈەنىپڭنىڭ 3-يىلى قۇس بەگلىكى پارچلىنىپ ئالدى قوس ۋە ئارقا قوس دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.< خەننامە >، < غەربىي يۇرت تەزكىرىسى>دە ئالدى قوس بەگلىكىنىڭ پايتەختى يارغول شەھىرىدۇر. دەريا سۈيى شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 450-يىلى ئالدى قوس بەگلىكى مۇنقەرز بولغاندا، بۇ شەھەر قۇچۇ خانلىقىنىڭ يارغول ئايمىقى بولغان. تاڭ تەيزۇڭ جېنگۇەننىڭ 14-يىلى خۇ جۈنجىنى ئەۋەتىپ قۇچۇنى تىنچىتقاندا، بۇ يەردە يارغول ناھىيىسىنى تەسىس قىلغان. غەربىي يۇرتتىكى ئەڭ ئالىي مۈلكىي -لەشكىرىي ئاپپارات ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئەڭ دەسلەپتە موشۇ يەردە تەسىس قىلىنغان. تاڭ دەۋرىنىڭ گۈللەنگەن ۋاقتىدىكى شائىر لى شىن بۇ يەرنىڭ كۆركەم قىياپىتىنى ئوبرازلىق تەسىۋىرلەپ: < كۈندۇزى باقساق بۇ يەر بەك قاينىغان، تېخىمۇ كۆركەم گۇگۇم پەيتىدە ئۇ > دېگەندەك مېسىرالارنى يازغان. بۇ مەزگىلدە يارغول شەھىرى گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يارغول شەھىرى ۋەيران بولۇپ، < قاقاس خارابە> گە ئايلانغان.

        كۆپ يىللاردىن بۇيان تارىخشۇناسلار ۋە ئارخىئولوگلارنىڭ بوشاشماي تىرشىچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئارخىئولوگىيە خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بەزىبىر سىرلىق تۈگۈنلەر داۋاملىق پەيدا بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق سىرلىق تۈگۈنلەرنىڭ بىرسى يارغول شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمىي قۇدۇق. ئارخىئولوگىيە خادىملىرى بۇ قەدىمىي قۇدۇقنى قازغاندا، قۇدۇقنىڭ ئون نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جايىدىن بىر لەخمىنى بايقىغان. بۇ لەخمە قايسى دەۋرگە مەنسۇپ؟ ئۇ نېمىگە ئىشلىتلگەن؟ بۇ مەسىلە ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى. بەزى مۇتەخەسىسلەر بۇ لەخمە 2000 يىل بۇرۇنقى ئالدى قوس بەگلىكىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئىشلىتلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئالدى قوس پادىشاھى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا موشۇ لەخمە ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن،دەپ قارايدۇ.

    يارغول قەدىمىي شەھىرىدە ھازىر پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ئۆيلەرنىڭ سانى 1000 غا يېتىدۇ. بىراق، بارلىق ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى يوق. ئەينى چاغدا ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى قانداق بولغىيتى؟ يۇمىلاق بولغىيمىتى ياكى تۈز بولغىيمىتى ؟ بۇ سىرمۇ ھازىرغىچە يېشىلمىدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىملارنى تەشكىللەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىنىڭ سىرىنى ئېچىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆگزىسنىڭ زادى قانداق شەكلدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلماقچى بولۇۋېتىپتۇ.

    يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 300 مىڭ كوۋادىرات مېتىر كېلىدۇ، شەھەر ئىچى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، جەنۇبتىن شىمالغا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان يول بويىدىكى ئولتۇراق رايونلار شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن، مەركىزىي كۈچىنىڭ شىمالىي ئۇچى ئىبادەتخانا رايونى بولغان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيلەرنىڭ كوچىغا قارايدىغان تەرىپىگە رۇجەك ئورنىتىلمىغان،بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇمۇ تېخىچە ئېچىلمىغان سىر.

    يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدا يەرئاستى ئىبادەتخانىدىن بىرى بايقالغان. بۇ ئىبادەتخانا كېمىر شەكلىدە قېزىلغان بولۇپ، ئىچىگە رەسىملەر سىزىلغان. راھىبلارنىڭ ياتاقلىرى ۋە ئىبادەت زالى پۈتۈنلەي يەر ئاستىدا ئىكەن. ئىلگىرى بۇ يەر كېپەن ئوغرىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئىبادەتخانىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نىسبەتەن مول بولۇپ، مىس ھەيكەل قاتارلىقلار بار.

    يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ جايلاشقان ئورنى ئېگىزلىكتە بولۇپ، ئەتراپى پۈتۈنلەي يارداڭلىق، بۇ خىل ھالەت شەھەرنىڭ تەبئىي مۇداپىئەسى بولغان. ئىلگىرى كىشلەر يارغول شەھىرىنىڭ سېپىلى بولمىغان،دەپ قارىغانىدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا غەربىي قىرغاقتىن ۋەيران بولغان تام بايقالغان، بۇ شەھەرنىڭ سېپلى دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ موشۇ بىر بۆلىكىدىلا سېپىل بولغانمۇ ياكى ھەممە يېرىدە سېپىل بولغانمۇ؟ ناۋادا موشۇ بىرلا بۆلىكىدە سېپىل بولغان بولسا، بۇ قانداق ھادسە؟ ھازىر يارغول شەھىرىنىڭ شەرق، غەرب، جەنۇبىدا ئۈچ قوۋۇق بار، بىراق، شىمالىدا قوۋۇق يوق، ئەگەر شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە سېپىل بولمىغان بولسا ، بۇ قۇۋۇقلار نېمىگە قويۇلغان؟ بۇ تېخىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا.

    سەيلە -ساياھەت كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپلا قالماستىن، جاھان يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرمۇش بىلىمىنى كۆپەيتىدۇ. ناۋادا يارغولدىكى موشۇ سىرلارغا قىزىقسىڭىز، تۇرپان دىياردىكى بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ كېتىڭ.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.