ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2011-01-10

    جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگېنېزى مەسىلىسى - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/98263068.html

    جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگېنېزى مەسىلىسى
        رۇسچە تور بەتلەردىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەركىزىي ئاسىياغا ئاىت ماتېرىياللارنى ئىزدىسىڭىز ، ئۇنىڭدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ رۇس تىلىدا يېزىپ ئېلان قىلغان خېلى كۆپ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بارلىقىنى كۆرۈشىڭىز ھەتتا ئۇنىڭ بەزىلىرىنى توردىن چۈشىرىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. تۆۋەندىكى تور بەتكە نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى موسكۋادا نەشىر قىلدۇرغان بىر پارچە ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى قويۇلغان ئىكەن.http://www.knyazev.org/biblio/Nabidjan%20Tursun.pdfبۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ،تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ 1997-يىلى موسكۋادا نەشىر قىلىنغان كىتابى " جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگېنېزى مەسىلىسى" رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان بولۇپ، ئىككى باپقا بۆلۈنگەن مەزكۇر مونوگرافىيىلىك ئەمگەككە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى، پروفېسسور، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى، ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايېۋ كىرىش سۆز يازغان، چىڭگىز ئايتماتوف ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇاۋىن پرېزىدېنتى ئاكادېمىك، تارىخ پەنلىرى دوكتورى رۇستان راخمانالىيېۋ ۋە رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى شەرق تارىخى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇستازى ، پروفېسسور دمىترىي ۋاسىلىيېۋ باھا يازغان.ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېۋ كىرىش سۆزىدە ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپلىگەن مەملىكەت ئالىملىرىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخىدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى، ئېتنىك تەرەققىياتى شۇنىڭدەك ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىنى سىستېمىلىق يورۇتۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇ تەتقىقاتلاردا نەبىجان تۇرسۇننىڭ يازغان مەزكۇر ئەمگەكنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى .ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېۋ " دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىۋاتقان مونوگرافىيە ياش ئالىم نەبىجان تۇرسۇننىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ، بۇ كىتاب ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئاىت ماتېرىياللار جۈملىدىن ئىلگىرى مەلۇم بولغان ماتېرىياللارغا نىسبەتەن بىرىنچى قېتىملىق سىستېمىلاشتۇرۇش ھەم ئانالىز ئېلىپ بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئەمگەك خەنزۇ تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئۈستىدىن سېلىشتۇرما تەتقىقات قىلىش مۇمكىنچىلىكى يارىتىپ بېرىدۇ" دەپ يازىدۇ. ئۇ، خۇلاسە سۈپىتىدە مونوگرافىيىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ، " مەزكۇر مونوگرافىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگېنېزىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى "يەرلىكلىك" مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا قوشۇلغان كۆرۈنەرلىك تۆھپە" دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ.نەبىجان تۇرسۇننىڭ " جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگېنېزى مەسىلىسى" ناملىق مەزكۇر مونوگرافىيىسى كىرىش سۆز، مۇقەددىمە ، خاتىمە ۋە ئىككى باپ ھەم پايدىلانغان ئەسەرلەر كۆرسەتمىسى شۇنىڭدەك ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مۇقەددىمە قىسمىدا ئۇيغۇر ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە رۇسىيە ۋە غەرب ئالىملىرىنىڭ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى، جۇڭگودا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە خاتىرە قالدۇرۇش ئەنئەنىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگېنېزىغا ئاىت مۇنازىرىلىق نۇقتىلار ۋە باشقىلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.مونوگرافىيىنىڭ بىرىنچى بابى 1949-يىلىدىن ئىلگىرى جۇڭگو ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتلىرى ، بولۇپمۇ، خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ، كۆز قاراشلىرى شۇنىڭدەك تارىخچىلىقتىكى سىياسىي ئاساسقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار نۇقتىلار يورۇتۇلىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئالىملىرى ئارىسىدا ئىككى خىل نۇقتىىنەزەر مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم-جۇڭغارىيە ۋادىسىنىڭ ئەڭ قەدىمى ئاھالىسى ھەم ئاساسىي ئېتنىك تەركىپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا ، يەنە بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تارىخىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىپ چۈشەندۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت 9-ئەسىردىن كېيىن بۇ زېمىندا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئەكسىچە "خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئاھالىسى" ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما، مەزكۇر مەسىلىلەردە ۋاڭ رىۋېي ، لى فۇتوڭ، دىڭسۇ ۋە باشقا ئالىملار كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇش بىلەن بىرگە ئۇلار ئارىسىدا ئىختىلاپلار داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئاپتور يەنە ئۇيغۇر تارىخچىسى م. بۇغرا بىلەن خەنزۇ تارىخچىسى لى دوڭفاڭنىڭ 40-يىللاردا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئېتنىك مەنبەسى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىسى، تەيۋەن ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى ھەم ئۇلار بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئالىملىرى ئارىسىدىكى ئىلمىي ساپا ۋە كۆز قاراش پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىدۇ. " جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگېنېزى مەسىلىسى ناملىق مەزكۇر مونوگرافىيىنىڭ ئىككىنچى بابى 1949-يىلىدىن كېيىنكى يېڭى سىياسىي ئاتموسفېرادا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر ئېتنىك تارىخى تەتقىقاتلىرىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ مەزگىلدىكى تارىخشۇناسلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مېتودى بويىچە ئايرىم ئېتنىك كىملىك ۋە ئېتنىك تارىخى تىكلەش جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېتنىك تارىخىنى تۈرك تارىخىدىن، مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدىن ئايرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باشتىن ئاخىرى تارىختىكى ۋە ھازىرقى باشقا تۈركىيە خەلقلەردىن مۇستەسنا ھالدا، ئۆزىگە خاس ھەم ئۆز ئالدىغا شەكىللىنىش ، تەرەققى قىلىش مۇساپىسىنى باسقانلىقىنى كۆرسىتىشكە شۇنىڭدەك غەرب تارىخشۇناسلىقى ھەم تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىكى تەتقىقاتلاردىكى ئەنئەنىۋى كۆز قاراش ھېسابلىنىدىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئېتنىك-مەدەنىي مەنبە، ئورتاق ئېتنىك تەرەققىياتقا ئىگە بولغانلىقى ۋە ئورتاق ئېتنىك سىياسىي گەۋدە ئاستىدا ياشىغانلىقىدەك نۇقتىىنەزەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى مۇھىم ئىدىيىۋى ئاساس قىلغان.مەزكۇر بابتا، 20-ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر تارىخىي تەتقىقاتىدا زور يۈكسىلىش بولغانلىقى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات قوشۇنى يېتىشىپ چىققانلىقى، بۇ مەزگىلدىكى تەتقىقاتلاردىكى ھالقىلىق ھەم مۇنازىرە خاراكتېرلىق نۇقتىنىڭ ئۇيغۇر ئېتنوگېنېزىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان قەدىمىي باغلىنىشلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغانلىقى، مەزكۇر مەسىلىلەردە پروفېسسور دۇان لىانچىننىڭ خەنزۇ ئالىملىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېتنوگېنېزىنى قەدىمكى جۇڭگو تارىخىي مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان "گۇيفاڭ"لارغا باغلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېتنوگېنېزىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 18-ئەسىرگە تۇتاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كۆز قارىشىنىڭ باشقا ئالىملار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئالىملىرى بىردەك ھالدا "ئۇيغۇرلار پەقەت 840-يىلىدىن كېيىن شىنجاڭدا پەيدا بولغان" دېگەن كۆز قاراشقا قوشۇلمىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى فېڭ جياشېڭ، چېن سۇلو، گۇ باۋ قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىشتىن ئىلگىرىلا تەڭرى تاغ ئەتراپىدا ياشىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. "ئۇيغۇرلار 9-ئەسىردىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەن خەلق" بىلەن " ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن ئىلگىرىلا بۇ زېمىندا ياشىغان، " دېگەن كۆز قاراش ئىزچىل مۇنازىرە تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بۇ مەسىلە بەلگىلىك دەرىجىدە سىياسىۋىيلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ھەر ئىككىلا گۇرۇپپا مەلۇم خاھىش ۋە مۇددادىن چىقىش قىلغان. پروف. گۇ باۋ گەرچە "840-يىلىدىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا ياشىغان" دەپ قارىسىمۇ، بۇ پىكىرنى فېڭ جياشېڭ، چېن سۇلو ۋە باشقىلار قوللىسىمۇ بىراق ئۇلار ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىم-جۇڭغارىيە ۋادىسىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئاھالىسى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىنىڭ تارىم-تەڭرىتاغ ئەتراپى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.مەزكۇر بابتا يەنە ت. ئالماس ۋە دۇان لىانچىن ۋە باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېتنوگېنېزى ھەققىدىكى كۆز قارىشى سىخىمىلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە مەزكۇر كۆز قاراشلار رۇسىيە ئالىملىرى، غەرب ئالىملىرى، ياپونىيە ۋە تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ نۇقتىىنەزەرلىرى بىلەن قىسقىچە سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېتنوگېنېزى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "يەرلىكلىك" (ئاۋتوختونلۇقى) مەسىلىسى ئاسانلا ھازىرقى زامان دۆلەت چۈشەنچىسى بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان "ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ ئەسلى ئاھالىسى ئەمەس، ئۇلار موڭغۇلىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن خەلق ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا پەيدا بولغانلىقىغا ئاران مىڭ يىل ئەتراپىدا بولدى" دەيدىغان تەشۋىقات تۈسىنى ئالغان پىكىر ئىلمىي ساھەدىن ھالقىپ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تارىخىي ساۋات ماتېرىياللىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭدا ياشايدىغان باشقا مىللەت ئاددىي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىلەر پەيدا بولغان. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن مەزكۇر مونوگرافىيىسىنى يېزىشتا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار ئاساسلىقى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 90-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رۇسىيە، غەرب، جۇڭگو ، ئۇيغۇر ، ياپونىيە ، تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئىلمىي نەتىجىلىرى بولۇپ، ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋە نەشىر قىلىنغانلىقىغا 10 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر پايدىلىنىش ئەھمىيىتى بولسا كېرەك ! نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ ئەسەردىن باشقا يەنە بىر كىتابى “جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى مەسىلىسى” ناملىق مونوگرافىيىسىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىمۇ مەلۇم.
     
    مەنبە: ئۇيغۇر بىز  مۇنبىرى

    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.