ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2011-01-10

    موڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتقان ئۇيغۇرلار - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/98265126.html

    ئابدۇراخمان ئەبەي
    موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇلار ياشىغان قەدىمىي ئەللەرنىڭ بىرى.مىلادىيە9-ئەسىردە ئورخۇن-يېنسەي(ئاناساي)دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئاساسىي قىسمى غەربىي جەنۇبقا-ھازىرقى شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئاخىرقى قېتىم كۆچكەندىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدا قالغان بىرقىسىم ئۇيغۇر دەسلەپتە موڭغۇل-شىرۋى قەبىلىسىگە،كېيىن موڭغۇللارنىڭ كەرەي قەبىلىسى ۋە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان نايمان،مەركىت قەبىلىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى ياكى موڭغۇللارغا ئاسسىمىلياتسىيە بوپكەتتى.13-ئەسىردە چىڭگىزخان موڭغۇل دالاسىدىكى بارلىق قەبىلىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلگەن موڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى.ئۇ يەنە 1279-يىلدىن1368-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىختىكى بۈيۈك ئىمپېرىيە يۈەن سۇلالىسىنى بەتپا قىلدى.1911-يىلى يانۋاردا موڭغۇل خانى چارروسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن<ئاپتونومىيە>ئېلان قىلدى.كېيىن موڭغۇل خەلق ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ،1921-يىلى 11-مارتتا موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.1945-يىلى فېۋرالدا ئەنگلىيە،ئامېرىكا،(سابىق)سوۋېتلەر ئتتىپاقى باشلىقلىرى يالتا يىغىنىدا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش شەرتى بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالدى.1946-يىلى5-يانۋاردا جوڭگو ھۆكۈمىتى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلدى.موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى يەر كۆلىمى1مىليون564مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر،نوپوسى3مىليون14مىڭ(2009-يىللىق ئىستاتىستىكا).ئارىدىن توپتوغرا مىڭ يىل ئۆتكەندە،يەنى19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىردا ئاتۇش،قەشقەر،خوتەن،ئالتايدىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سودا-سېتىق بىلەن(تاشقى)موڭغۇلىيە تېررىتورىيىسىگە قايتا كىرىشكە باشلىدى.ئاق كۆڭۈل موڭغۇل خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدەك قىزغىن،ئادىل مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋالدى ھەمدە ھۆكۈمەت ئۇالرغا موڭغۇللار بىلەن تەڭ-باراۋەر ياشايدىغان ھوقوق بەردى.
             موڭغۇلىيەگە ئەڭ دەسلەپتە بارغان ئۇيغۇرلار ئالتايدىكى ھەمراجان،سەلەي باي،ھوشۇر ھاجىم قاتارلىق سودىگەرلەر بولۇپ،ئۇلار مىلىچماللار،يەنى چاي،يىپ-يىڭنە،كېىيىم-كېچەك،دورا-دەرمەك سودىسى قىلىدىغانلار ئىدى.ئۇ چاغدا (تاشقى)موڭغۇلىيە جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغاچقا،ئارىدا چېگرا ۋە رەسمىيەت بېجىرىش مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.بۇ سودىگەرلەر ئاپارغان ماللىرىنى ئۇ يەردىكى موڭغۇل چارۋىچىلار بىلەن تۈلكە تېرىسى،قۇندۇز تېرىسى،بۆكەن مۈڭگۈزىگە تېگىشىپ قايتاتتى. بۇ ماللارنى ئالتايدا ئىچكىرىدىن كەلگەن خەنزۇ سودىگەرلەر يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالاتتى.شۇڭا،بۇ سودا ئەتكەس مال سودىسى دەپ قارىلاتتى،شۇڭا بەزىدە يەرلەك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىناتتى.
         20-ئەسىرنىڭ20-يىللىرى شىنجاڭ بىر مەزگىل تىنچ،مۇقىم بولدى،خەلىق تۇرمۇشى بىر ئاز ياخشىلىنىپ،سودا-سېتىق جانلىنىپ كەتتى.خوتەن تەرەپلەردە ھىندىستان،پاكىستان(ئۇ چاغدا پاكىستان تېخى مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس ئىدى)چېگرا سودىسى؛قەشقەر تەرەپتە(سابىق)سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوش،نەمەنگان،ئەنجان چېگرا سودىسى؛ئىلى،چۆچەك تەرەپلەردە تاشكەنت،ئالما-ئاتا چېگرا سودىسى جانلىنىپ كەتتى.بۇ چاغدا ئالتاي تەرەپتە موڭغۇلىيە  چېگرا سودىسى تازا گۈللەنگەنىدى.ئاتۇش،قەشقەر،خوتەندىن ئالتايغا كەلگەن نۇرغۇن سودىگەر موڭغۇلىيەگە مىلىچماللارنى يۆتكەپ سودا قىلاتتى ھەمدە كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقانىدى.
          20-ئەسىرنىڭ20-يىللىرىدن كېيىن شىنجاڭدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ بولدى،خەلق جان قايغۇسىدا پاراكەندە بوپكەتتى.قۇمۇل،تۇرپان،گۇچۇڭ،ئالتايدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر ياشلار ھۆكۈمەتنىڭ ئەسكەرلىككە تۇتۇۋېلىشىدىن قورقۇپ ۋە ياكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن قۇمۇل،جىمىسار،ئالتاي چېگرالىرىدىن تۈركۈملەپ موڭغۇلىيەگە قېچىپ ئۆتۈشكە باشلىدى.موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇلارنى مۇساپىرلار قاتارىدا كۈتۈۋېلىپ خوبدا،،ئۆلگەي ئۆلكىلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى.
        دادامنىڭ بوۋىسى،يەنى مېنىڭ ئۇلۇغ بوۋام سوپاخۇن دېگەن كىشى ئەسلىي ئاتۇش ئازاقتىن بولۇپ،نەچچە ئەۋلاد موزدوزلۇق بىلەن ئۆتكەن ئادەملەر ئىكەن.1820-يىللاردا ئاتۇش ئازاقتىن نۇرغۇن ئادەم يېڭى بوز يەر ئېچىش،چارۋا بېقىش ئۈچۈن ھازىرقى كاتايلاق(ئەسلىدە كاتتا يايلاق بولۇپ،قېلىن يۇلغۇن،توغراقلىق ئىكەندۇق)قا كۆچكەن.ئۇلۇغ بوۋام  سوپاخۇنمۇ يۇرت بىلەن بىللە كاتايلاققا كۆچۈپ كېلىپ يەنە موزدوزلۇقىنى قىلغان.بوۋام مەمتىلىمۇ كاتايلاقتا بىر ئۆمۈر موزدوزلۇق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنىكەن.
             دادام ئەبەيدۇللا 1914-يىلى ئاتۇش كاتايلاقتىن18يېشىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە چىققان.ئاۋۋال شىخۇ،چۆچەكلەردە،ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى شەمەي دېگەن شەھەرلەردە سودا قىلغان.1924-يىلى ئالتايغا كېلىپ،موڭغۇلىيەنىڭ خوبدا شەھىرى بىلەن ئالتاي ئوتتۇرىسىدا مىلىچمال سودىسىس قىلغان.1928-يىلى موڭغۇلىيەنىڭ زاپخۇن شەھىرىدە موڭغۇلىيە بويىچە تۇنجى قېتىم قوغۇن تېرىغان.دادامنىڭ ئەسلىي تولۇق ئىسىم فامىلىسى ئەبەيدۇللا مەتىلى ئىدى.تاشقى موڭغۇلىيەدە قازاقلار ئەركىلەتمە ئىسىم بىلەن<ئەبەيلەم>دەپ چاقىرىپ ئەبەيلەم بوپقالغان،موڭغۇللار بولسا تېخىمۇ قىسقارتىپ ئەبەي دەپ ئىسىم قويۇۋالغان.ھازىر بۇ <ئەبەي>دېگەن نامنى مەن ۋە بالىلىرىم ئەۋلادلىرىمىزنىڭ فامىلىسى قىلىپ قوللاندۇق.ئاپامنىڭ دادىسى يۈسۈپئاخۇن ياقۇپ كېرىيەلىك خۇمدانچى بولۇپ،1918-يىلى ئالتايغا چىقىپ بىناكار بولغان،ئالتايدا توي قىلغان.1934-يىلى نويابىردا ئالتايدا ئاق ئورۇسلار قازاق،ئۇيغۇر،خەنزۇلارنى بۇلاپ قىرغىن قىلىدۇ.چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانام 13 ياشتىكى ئاپامنى ئېلىپ تاغقا قېچىپ كېتىۋاتقاندا چوڭ ئانامغا ئوق تېگىپ يولدا ئۆلۈپ كەتكەن.چوڭ دادام يۈسۈپئاخۇن ئاپامنى ئېلىپ موڭغۇلىيەگە قېچىپ بارغان.1937-يىلى دادام بىلەن ئاپام خوبدا شەھىرىدە توي قىلغان ھەم بالىچاقىلىق بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.
           20-ئەسىرنىڭ30-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى موڭغۇلىيەنىڭ خوبدا،ئۆلگەي،زاپخۇن،ئۇلانباتور،ئورخۇن شەھەرلىرىدە توپ-توپ ئۇيغۇر مەھەللىسى پەيدا بولدى،ئۇيغۇرلارنىڭ بازارلىرى شەكىللەندى.قىرلاردىن شەھەرلەرگە كىرگەن چارۋىچى موڭغۇللار  ئۇيغۇرلارنىڭ پولۇ،مانتا،لەڭمىنىنى يېمەي قايتمايتتى.ئۇلار يەنە  ئۆيدە قالغان خوتۇن-بالىلىرىغا گىردە،سامسىلارنى ئەكىتەتتى.بۇ بازاردا تۆمۈرچىخانا ،ساتىراشخانا،سەيپۇڭخانا،موفاڭ(ئات تۈگمىنى)،ياغاچچىلىق دۇكانلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى.
        ئاقسۇلۇق بەكرى موللام1930-يىللاردا ئۆلگەي شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەندە دەريادىن ئۆستەڭ ئېلىپ دەريا بويىدىكى تېرىلغۇ يەرگە سۇ ئېلىپ چىقىپ،موڭغۇلىيە بويىچە تۇنجى بولۇپ سەۋزە،ياڭيۇ،شوخلا،تەرخەمەك،كاللەكبەسەي تېرىغان.شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپتىكى300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى ئاشخانىسىنىڭ كۆكتات مەسىلىسى ھەل بولغان.بەكرى موللام ئۆلگەي شەھىرىگە بىر مەسچىت سالدۇرغان.ئۇ،1940-يىلللاردا خوبدا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ چوڭ ئاشخانا ئچقان،ئۇ ئاشپۇزۇلنىڭ پولۇ،مانتا،لەڭمەن،ئۈگرىلىرى موڭغۇلىيەدە شۇنداق داڭ چىقارغانكى،موڭغۇل خېرىدارلار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ يەيدىغان بولغان.1980-يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۆلگەي شەھىرىنىڭ تارىخىنى يازغاندا بەكرى موللىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
          ئۇ يىللاردا خوبدا،ئۆلگەي شەھەرلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئىدارە-جەمئىيەت ئىشخانىلىرىدىن باشقا خىش ۋە كېسەكتىن سېلىنغان ئۆيلەر يوق دېيەرلىك ئىدى.چۈنكى،موڭغۇللار قىش-ياز كىگىز ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەنىدى.ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئولتۇرىدىغان ئۆيلەرنى،ئاندىن سودا دۇكانلىرىنى كېسەك بىلەن سېلىپ بىناكارلىق كەسپىنى شەكىللەرندۈردى.بارا-بارا ھۆكۈمەتنىڭ قەۋەتلىك خىزمەت بىنالىرىنىمۇ ئۇيغۇر ئۇستاملار كۆتۈرە ئېلىپ سېلىشقا باشلىدى.قەشقەرلىك ئۆمەر،داۋۇت دېگەن كىشىلەر ئۆلگەي شەھىرىدە خۇمدان قۇرۇپ كۆك خىش پىشۇرغان،ھاك كۆيدۈرۈپ پۈتكۈل شەھەرنىڭ قۇرۇلىشىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىىشلىگەن.خوبدا شەھىرىنىڭ ھازىرقى كوچا بويلىرىدىكى بەھەيۋەت تېرەكلەرنى ئابدۇراخمان سابىت دېگەن كىشى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ پىلانلاپ قويدۇرغان.70يىلدىن بۇيان بۇ تېرەكلەر ناھايىتى باراقسان يوغىناپ،خوبدا شەھىرىگە ھۆسىن قوشتى.ھازىرقى خوبدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت بىناسىنى شۇ يىللاردا تۇرپان لۈكچۈنلۈك ياقۇپ ئۇستام دېگەن كىشى سالغانىدى.
          ئۇ يىللاردا موڭغۇللار خاس چارۋىچى خەلق بولغاچقا،دېھىقانچىلىقتا پەقەت ئاز دائىرىدە ئارپا،تېرىقتىن باشقىنى تېرىمايتتى.شىنجاڭدىن بارغان ئۇيغۇرلار دېھقان خەلق بولغاچقا،بۇ زېمىنى بىپايان،تۇپرىقى مۇنبەت،سۆيى ئەلۋەك ئەلدە ئەركىن دېھقانچىلىق قىلىشقا باشلىدى.دەسلەپكى يىللاردا موڭغۇللارنىڭ بىر قويغا بىر قوغۇن تېگىشكەن ۋاقىتلىرىمۇ بولدى.دائىم دېگۈدەك ئاشلىق قەھەتچىلىكى بولۇپ تۇرىدىغان بۇ دۆلەتتە بىردىنلا نەچچە مىڭ مولاپ دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن ناھايىتى رازى بولدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى قانچىلىك يەتسە شۇنچىلىك دېھقانچىلىق قىلىشىغا رۇخا\سەت قىلدى،بارلىق دېھقانچىلىق بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى.كېيىنكى يىللاردا دېھقانچىلىق قىلغانلارغا ياردەم پۇلى بېرىش،يىغىم مەزگىللىرىدە ئەسكەرلەرنى ئەكىلىپ زىرائەتلەرنى ياردەملىشىپ يىغىپ بېرىش ئىشلىرىنى قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇلىيەدىكى ئىجتىمائىي ئورنى تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى.شۇ يىللاردا موڭغۇلىيەدە نەچچە مىڭ مو يەردە دېھقانچىلىق قىلىدىغان،نەچچە مىڭ تۇياق قوي،نەچچە يۇز تۇياق تۆگە،ئات،كالىسى بار ئۇيغۇر بايلار بارلىققا كەلدى.پىچان ناھىيەسىنىڭ چوقۇتام كارىزىدىن بارغان باي ساۋۇت(لەقىمى تەتۈر)دېگەن كىشىنىڭ1937-يىللاردا3000تۇياق قوي،200تۇياق ئات،200تۇياق سېغىن كالا،60تۇياق تۆگىسى،1500مو يېرى بولۇپ،بۇغداي،ئارپا تېرىيتتى.بۇنىڭدىن باشقا باي ئىبراي،يۈسۈپئاخۇن باي،ئەبەيلەم(دادام)،ياقۇپ تۆمۈرچى،تۇنىياز باي،ھوشۇراخۇن باي،قارا كېرەم باي،تۇردىئاخۇن،تىيىپئاخۇن دېگەن كىشىلەر موڭغۇلىيەدە خېلى چوڭ بايلاردىن بوپقالدى.دادام ئەبەيلەم خوبدا شەھىرىنىڭ نەمىن دېگەن يېزىسىدا300مو يەرگە بۇغداي،ئارپا،قوغۇن تېرىيتتى.دادامنىڭ قوغۇنى موڭغۇلىيە بويىچە ئەڭ داڭلىق بولۇپ،ھەريىلى پايتەخت ئۇلانباتور شەھىرىگىمۇ نەچچە ئون ماشىنا قوغۇن يۆتكەيتتى.بۇندىن باشقا500تۇياقتىن ئارتۇق قوي،100نەچچە تۇياق ئات،100تۇياق كالا،50نەچچە تۇياق تۆگىسى بار ئىدى.مەن 1953-يىلى5-مارت سەھەردەئاشۇ خۇبدا شەھىرىدىن سەككىز كىلومېتىر يىراقتىكى دېھقانچىلىق مەيدانى-نەمىن دېگەن يەردە ئائىلىمىزنىڭ تۆتىنچى پەرزەنتى بولۇپ تۇغۇلغانىكەنمەن.ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ھەنىپەئالىمئاخۇننىڭ ئاپىسى بورىسقان مىنىڭ كىندىك ئاپام بولغانىكەن.ئۇدا ئۈچ قىزدىن كېيىن تۇغۇلغان ئوغۇل پەرزەنت كۆرگىنىگە خۇش بوپكەتكەن دادام يەرلىك قازاق-موڭغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە مەن تۇغۇلغان كۈنى كەچتە قوي سويۇپ قۇلۇم-قوشنا ۋە يىراق-يېقىندىكى دوستلىرىغا چىلداقان(ئۇيغۇرلارنىڭ بۆشۈك تويىغا ئوخشايدۇ)قىلىپ بەرمەكچى بوپتۇ.چۈشتىن كېيىن ئىككى قوينى سويۇپ قازانغا سالغان چاغدا سۇمۇنلۇق(ناھىيەلىك)ھۆكۈمەتتىن جىددىي ئۇقتۇرۇش كېلىپ؛شۇ كۈنى ئەتىگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ(دوۋزىقى)داھىيسى سىتالىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى،پۈتكۈل موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ بۇ چوشقىغا30كۈن قارىلىق تۇتىدىغانلىقىنى،بۇ 30كۈن ئىچىدە ھەرقانداق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى،كىمدى كىم كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرسا قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دادام ئوغۇل پەرزەنت كۆردۈم دەپ يۇرتقا بېرىدىغان چىلداقان چاينى بېرەلمەي بىر ئايدىن كېيىن بەرگەنىكەن.
          1938-يىلدىن باشلاپ موڭغۇلىيەدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ<چوڭ تازىلاش>سىياسىتى ھۆكۈم سۈرۈپ،دۆلەت ئىچىدىكى ئاتاقلىق زىيالىيلار،پارتىيە،ھۆكۈمەت،جامائەت ئەربابلىرى،پۇلدار بايلارنى تۇتقۇن قىلىش(ھەپسىگە تاشلاش)باشلاندى.ئۇلارغا كوممۇنىزىمغا قارشى،چەتئەلگە باغلانغان دېگەن بەتناملار چاپلانغانىدى.ئۇلار تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاققا ئاستىدا ئۆلتۈرۈلدى.دۆلەت بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان50نەچچە مىڭ ئادەم ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇر زىيالىيلار،ئۇيغۇر بايلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىنلا مىڭدىن ئارتۇق كىشى بار ئىدى.پىچان چىقتىملىق سابىت ھامۇت دېگەن كىشى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ كاتتا باي ئىدى.1938-يىلى تۇتقۇن باشلانغاندا ئۇ قورقۇپ ئۆيىدىكى20كىلوگرام ئالتۇن-تىللانى يوشۇرماقچى بولىدۇ.بىر كۈنى كېچىدە ئۇ ئىنىسى بىلەن بىر كالىنى سويۇپ بارلىق زىقچە ئالتۇن،تىللانى بىر پارچە كىگىزگە ئوراپ ياغاچ ساندۇققا سالىدۇ،ساندۇقنى كالا تېرىسىنىڭ تۈكى بار تەرىپىدە ئوراپ،ئاندىن كالا تېرىسىنىڭ ھۆل تەرىپىنى يۇمشاق تۇز بىلەن تۇزلاپ،قىل ئارغامچا بىلەن باغلاپ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى تاغ باغرىغا كۆمۈپ قويغىلى ماڭىدۇ.سابىت ھامۇتنىڭ توققۇز ياشلىق ئوغلى ئابدۇراخمان ئۇلارغا ئەگىشىپ تاغ باغرىغا ئاز قالغاندا دادىسى كۆرۈپ قېلىپ،ئالتۇن كۆمگەن يەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بالىسىنى تىللاپ ھەيدېۋىتىدۇ.ئۇلار ئالتۇنلىرىنى تاغنىڭ كەينىگە كۆمۈپ قويۇپ3-كۈنى كېچىسى ساقچىلار ئاكا-ئۇكا ھەرئىككىسىنى تۇتقۇن قىلىدۇ.ئۇلار شۇ كەتكەنچە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئايالى ئايخان ئوغلى ئابدۇراخمان بىلەن ھېلىقى تاغ باغرىنى نەچچە ئايغىچە تولا كولاپ ھەممە يەرنى قېزىۋېتىدۇ،لېكىن ئالتۇن تىللالارنى تاپالمايدۇ.شۇ قېتىمقى<چوڭ تازىلاش>موڭغۇلىيەدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە غايەت زور يوقىتىش ۋە پاجىئە بولدى.
         موڭغۇلىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولغاچقا نىكاھ مەسىلىسى ئۇلارغا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئەكەلدى.كېيىن شىنجاڭدىن ئائىلە بويىچە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار بالىلىرى چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزئارا قۇدىلاشتى.يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر قازاق قىز-ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇردى.بىرقىسىم ئۇيغۇر موڭغۇل ئاياللار بىلەنمۇ تۇرمۇش قۇردى.20-ئەسىرنىڭ40-يىللىرىغا كەلگەندە موڭغۇلىيەدە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆسۈپ يېتىلدى.ئەپسۇس،موڭغۇلىيەدە ئۇيغۇر مەكتىپى يوق ئىدى،ئەۋلاد تەربىيەسى تاشقى موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا يەنە بىر  يېڭى قىيىنچىلىقنى تاشلىدى.كېرىيەدىن بارغان يۈسۈپئاخۇن ياقۇپ دېگەن خۇمدانچى(ئاپامنىڭ دادىسى ،يەنى مېنىڭ چوڭ دادام بولىدۇ)1940-يىلى مەخسۇس خۇمدان قۇرۇپ كۆك خىش پىشۇرۇپ،خۇبدا شەھەر مەركىزىدە ئالتە سىنىپلىق بىر ئۇيغۇر مەكتەپ سالدى.بۇ مەكتەپ ھازىرمۇ خۇبدا شەھىرىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت ئابىدىسى قىلىپ ساقلىنىۋاتىدۇ.ئەمما،بۇ مەكتەپ پۈتكەن بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئوقۇش باشلىيالمىدى.چۈنكى،ئۇيغۇردىن ئوقۇتقۇچى تېپىلمىدى،بىر-ئىككى ساۋاتلىق ئادەم چىققان بولسىمۇ يېتىشمەيتتى.ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇر تىلىدا دەرسلىك يوق ئىدى.ئاخىر بۇ مەكتەپنىڭ<ئۇيغۇر مەكتىپى>دېگەن نامى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ،ئۇيغۇر بالىلىرى يەنىلا موڭغۇل تىلىدا ئوقۇشقا باشلىدى.ئەپسۇس،كېيىنكى يىللاردا بىزنىڭ ئائىلىدە شۇنداق بىر پاجىئە بولدىكى،چوڭ ئاچام تۇردىخان موڭغۇلىيەدە موڭغۇل تىلىدا ئوقۇدى،ئوتتۇرانچى ئاچام رەۋىخان ئاتۇشتا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ئوقۇدى.كىچىك ئاچام زورە بورتالا  شەھىرىدە ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا مەكتەپ پۈتتۈزدى.ئۈچ ئاچام ساۋاتلىق بولسىمۇ ئەمما ئۇلار بىر-بىرىنىڭ يازغان خەتلىرىنى ھەرگىز ئوقۇيالمايتتى.
          20-ئەسىرنىڭ40-يىللىرىدا موڭغۇلىيەدە كولخوزلىشىش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.ئۇيغۇرلار بۇ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشكە ناھايىتى ئاكتىپ قاتناشتى.گۇچۇڭلۇق ھېيتاخۇن روزى موڭغۇلىيە ئۆلگەي ئۆلكىسىنىڭ ئاقچى دېگەن كولخوزىغا رەئىس بولۇپ سايلىنىپ،بۇ كولخوزنى ناھايىتى تېزلا ئەڭ ئىلغار كولخوز قىلىپ قۇرۇپ چىققاچقا،1952-يىلى موڭغۇلىيە دۆلەتلىك ئەمگەك قەھرىمانى بولۇپ مۇكاپاتلاندى.كەنجىئاخۇن دېگەن ئاتۇشلۇق كىشى كۆپ يىل ئاشۇ ھېيتئاخۇن رەئىسكە مۇئاۋىن بولۇپ كولخوزنىڭ مالىيىسىنى باشقۇردى.ئاتۇشلۇق قارا كېرەم دېگەن كىشى خوبدا شەھىرىدە بىر كولخوزنىڭ ئورۇنباسا رەئىسى بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشلىدى.قارا كېرەم يەنە تاشقى موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ يىگىت بېشى ئىدى.ئۇ بىر ھەپتىدە بىر قېتىم مەشرەپ ئۇيۇشتۇراتتى.داپ،دۇتار بىلەن قايناپ كەتكەن بۇ مەشرەپكە موڭغۇللارمۇ كېلىپ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى.تىيىپئاخۇن دېگەن كىشى خوبدا بويۇنسۇمۇل ئۇيغۇر16-كولخوزىغا رەئىس بولغانىدى.ئۇيغۇر ياشلار كۆپلەپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە قاتناشتى.خوبدا،ئۆلگەي شەھەرلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىمۇ خېلى كۆپ ئۇيغۇر ھۆكۈمەت مەمۇرى بولۇپ ئىشلەيتتى.گۇچۇڭدىن بارغان ياسىن دېگەن كىشى ئايالى خالىدەم بىلەن خوبدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمىكىگە ناخشىچى،ئۇسسۇلچى بولۇپ كىردى،كېيىن ياسىن خوبدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ باشلىقى بولدى.1962-يىلى <موڭغۇلىيە خەلق ئارتىسى>دېگەن ئەڭ ئالىي شەرەپكە ئېرىشتى.موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا ئىزچىل ھالدا دوستانە  مۇئامىلە قىلاتتى.جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى مەزگىلىدە موڭغۇلىيە جۇڭگو خەلقىگە زور ياردەم بەردى.1938-يىلى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو چاخار ئۆلكىسىگە ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا200نەپەر ئەسكەر بىلەن نۇرغۇن قورال-ياراغ ھەمدە ئاشلىق ئەۋەتتى.بۇ 200نەپەر ئەسكەر ئارىسىدا20نەچچە ئۇيغۇر جەڭچى  بار ئىدى.بۇ جەڭچىلەر ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن بولغان نەچچە قېتىملىق جەڭگە قاتناشقان،ھەممىسى جەڭدە قۇربان بولغان.بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پىچانلىق ئابدۇل دېگەن يىگىت1940-يىلى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايۇنىدىكى بىر ئۇرۇش مەيدانىدا ياپونلارغا ئەسىرگە چۈشكەن چاغدا باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ،ياپونلارنىڭ بىر پولكوۋنىكىنى ئېتىۋەتكەن.ياپونلار ئۇنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىنمۇ نەيزىلەپ،قىيما-چىيما قىلىۋەتكەن.2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلانباتور شەھىرىدە مەخسۇس خاتىرە مۇنارى تۇرغۇزۇپ،ئىسىملىرىنى ئويغانىدى.
          1939-يىلى2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى.1941-يىلى22-ئىيۇل ھېتلىر گېرمانىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاجاۋۇز قىلدى.موڭغۇلىيە دەسلەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆپلەپ ماددىي ياردەم بەردى،كېيىن ئالدىنقى سەپكە نەچچە ئون مىڭ پىدائىي ئەسكەر ئەۋەتتى.بۇ پىدائىيلار ئىچىدە ئۇيغۇر جەڭچىلەرمۇ بار ئىدى.ئۇلارنىڭ كۆپى ئۇرۇشتا قۇربان بولدى.ئىسمائىل،تۇرسۇن دېگەن ئۇيغرۇ يىگىتلەر ئۇرۇشتا پىداكارلىق بىلەن1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ پولكوۋنىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.تۇرپان ئايدىڭكۆللۈك سەيدۇل دېگەن يىگىت 1939-يىلى موڭغۇلىيە ھاۋا ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ ئۇچقۇچى بولغان.موڭغۇل ئۇچقۇچىلارنىڭ تىلى كەلمەي ئۇنى سەيسانوپ دەپ چاقىراتتى.2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىپ ئالدىنقى سەپكە بىرنەچچە كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتكەن.سەيسانوپ ئاشۇ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ بىرىدە ئۇچقۇچى ئىدى.ئۇ،لېنىنگرادتىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا فاشىستلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بىر ئىستىھكامىنى پارتلىتىپ،قىزىل ئارمىيەنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يول ئاچقان.ئۇ،بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئالتۇن ئوردېنغا ئېرىشكەن.ئۇرۇشتىن كېيىن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۇلانباتور،موسكۋالاردا ئوقۇتۇپ ئالاھىدە تەربىيلەپ،ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىدا ئىشلەتتى.ئىسمائىل دارغا(دارغا-موڭغۇل تىلىدا باشلىق دېگەن سۆز)موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەھكىمە باشلىقى دەرىجىلىك ۋەزىپە بىلەن مۇھىم خىزمەتلەردە بولدى.ئۇ 1947-يىلى ماشىنا ۋەقەسىدە ئۇلانباتوردا قازا قىلدى.سەيسانوپ1950-يىلى خوبدا شەھىرىدە ئۆپكە تۇبىركىليوز كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.
         تۇرسۇن دارغا ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇلانباتور شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە ئورۇنباسار باشلىق بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشلىدى.ئاقسۇلۇق ھەسەنئاخۇن دېگەن ئۇيغۇر شوپۇر ئالدىنقى سەپتىن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا ئۆپكىسىگە ئوق تەگسىمۇ،قەيسەرلىك بىلەن ماشىنىنى ھەيدەپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن موڭغۇلىيەدە<1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى>دېگەن شەرەپ ئوردىنىغا ئېرىشتى.2-دۇنيا ئۇرۇشىدا موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار قورامىغا يەتكەن بالىلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس قىلىپ ئالدىنقى سەپكە جەڭگە ئەۋەتتى.ھەربىر ئائىلە نۇرغۇن مال-مۈلكىنى ھۆكۈمەتكە تەقدىم قىلىپ،فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشقا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشتى.
          2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن موڭغۇلىيەنىڭ ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلدى.كولخوزلىشىشمۇ ناھايىتى تېزلەشتى.ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ،سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا ئۆزلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى.
         موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى،كەڭ قورساقلىقى،مېھرىبانلىقى بىلەن ئاشۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئاجايىب يارقىن ھەم ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى.مەن كىچىكىمدىن باشلاپ موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ ھەقتە ئاجايىپ تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلىغانىدىم.شۇ ھېكايىلەردىن ئىككىنى سۆزلەپ بەرسەملا ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ؛
        گۇچۇڭلۇق تۆمۈر نىياز دېگەن كىشى1926-يىلى موڭغۇلىيەگە بارغانىدى.ئۇ،خۇشپېئىل،كۆپكە قابىل،قولى گۈل سودىگەر ئادەم ئىدى.ئۇ خوبدا شەھىرىدە سودا قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تولىمۇ كۆپ موڭغۇل بىلەن تونۇشۇپ،بۇرادەرلىشىپ كەتتى.خوبدا چېگرا شەھەر بولغاچقا مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر تۇراتتى.تۆمۈر نىياز بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تامىقىنى كۆتۈرە ئالدى.ئۇنىڭ ئادەملىرى ھەركۈنى نەچچە يۈز لېس بولكا پىشۇراتتى،نەچچە ئون داش قازاندا تاماق قىلاتتى،ئەسكەرلەرنىڭ قىشلىق يېقىلغۇ ئوتۇنىنىمۇ تەمىنلەيتتى.ئۇچاغدا ھۆكۈمەت بىنالىرىنى سالىدىغان خىشمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ماشىنا ئارقىلىق توشۇلاتتى.تۆمۈر نىياز بىر چوڭ خۇمدان سېلىپ،يىلىغا مىليوندىن ئارتۇق خىش پىشۇرۇپ ئەسكەرلەرنىڭ ياتاق،ئىشخانىلىرىنىمۇ سالدرۇدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوبدا شەھىرىدە داڭلىق ئادەم بوپقالدى.موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى موڭغۇل چېگراسىغا كىرگەن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئالدى بىلەن<نېمە ھۈنىرىڭ بار؟>دەپ سورايتتى،ئەگەر تۆمۈرچى،ياغاچچى،سەيپۇڭلۇق ھۈنىرىم بار دېسە ئۆز ئالدىڭغا تىجارەت قىل دەيتتى.ئەگەر<ھۈنىرىم يوق>دېسە<تۆمۈر نىيازنىڭ يېنىغا بار>دەپ ئەۋەتىپ بېرەتتى.1930-يىللاردا تۆمۈر نىيازنىڭ قولىدا كۆكتات تېرىيدىغان،ئوتۇن توشۇيدىغان،خىش قويۇپ خۇمداندا پىشۇرىدىغان،تامچىلىق،ئاشپەزلىك قىلىدىغان300دەك ئۇيغۇر يېتىمچى بار ئىدى.
        شۇ يىللاردا تۆمۈر نىياز ناھايىتى چىرايلىق بىر موڭغۇل قىز بىلەن تونۇشۇپ،بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالدى.ئۇلار توي قىلىدىغان چاغدا موڭغۇل قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قەتئىي قوشۇلمىدى.ئۇلار<بۇ ئۇيغۇر قىزىمىزنى مۇسۇلمان قىلىۋېتىدۇ،بەرمەيمىز>دېدى.بۇ ماجىرا ئىككى-ئۈچ ئايغا سوزۇلدى.تۆمۈرنىياز ئاخىر خوبدا شەھىرىنىڭ باشلىقىنى تېپىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ،ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندى.ھېلىقى شەھەر باشلىقى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ؛<ھەممىمىز بىر خۇدانىڭ بەندىسى،بۈيۈك بۈزرۈكۋار پادىشاھىمىز چىڭگىزخانمۇ يالغۇز قىزى ئەلئالتۇننى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىنگە ياتلىق قىلىپ،ئۇنى ئۆزىنىڭ5-ئوغلى قىلىۋالغان.تۆمۈر نىيازمۇ ئۇيغۇر يىگىت.مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل،قۇلى گۈل،پاراسەتلىك يىگىتتىن بىر قىزىڭنى ئايامتىڭ،بۈگۈنلا تويىنى قىلىپ بەر،قىزىڭنىڭ بەختى كەپتۇ>دېدى.
        ئۇلار ئاخىرى توي قىلدى،تۆمۈر نىياز ئۇ موڭغۇل قىزغا مەريەمخان دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدى،ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەتتى.ئۇلار بەش بالىلىق بولۇپ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ناھايىتى بەختلىك ياشىدى.ھەتتا تۆمۈر نىياز موڭغۇلىيە بويىچە ناھايىتى ئابرويلۇق ئادەمگە ئايلاندى.
        1936-يىلى ئىيۇندا كولخوز رەئىسى ھېيتئاخۇن روزى بىرنەچچە خىزمەتچىسى بىلەن خوبدىدىن ئۇلانقۇم ئايمىقىغا بېرىپ موڭغۇللاردىن300تۇياق ئات سېتىۋالىدۇ.ئۇ،ئاتلارنى ھەيدەپ قايتىش سەپىرىدە بىر كۆل بويىغا كەلگەندە قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ.بەدىنى چىقىپ ئاغرىيدۇ،قىزىيدۇ،تىتىرەيدۇ.ھەرخىل سەۋەبنى قىلىپ باقسىمۇ زادى بولالماي يېتىپ قالىدۇ،كېچىسى نەپىسى قىسىلىپ ھاسىراشقا باشلايدۇ.ھېتئاخۇن ئاخىر شۇ يەرلىك بىرنەچچە موڭغۇلنى چاقىرتىپ تۆگىدىن بىرنى سېتىپ بېرىشنى،300ئاتقا ئون كۈن قاراپ تۇرۇشنى تاپىلايدۇ.ئاندىن ھەمراھلىرىغا يەنە؛<مېنى تۆگە بىلەن تېز ئېلىپ مېڭىڭلار،يولدا ئۆلۈپ قالسام ئۆلۈكۈمنى يولدا يەرلىككە قويۇۋەتمەي چوقۇم خوبدىغا-ئۆيگە يەتكۈزۈڭلار>دەيدۇ.
         ھېلىقى موڭغۇللار ھېيتئاخۇننىڭ ئەھۋالىنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ؛<بىزنىڭ بىر لامايىمىز بار،ئۇ كېسەل كۆرەلەيدۇ،ئەكىلەيلى>دەيدۇ-دە،ئات بىلەن تېز بېرىپ بىر سېمىز لامانى باشلاپ ئەكىلىدۇ.
        لاما تېۋىپ ھېيتئاخۇننى كۆرۈپ؛<تېزدىن سېمىز قويدىن بىرنى سويۇڭلار>دەيدۇ.ئاندىن ئۈچ قاپ چۆپ دورىنى قاينىتىپ تولۇق ئىچكۈزىدۇ-دە،قېلىن ئوراپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ،ئارقىدىنلا يېڭى قاينىغان شورپىدىن بىر داس ئېلىپ سورۇپ-سورۇپ ئېغىز كۆيمىگۈدەك بولغان چاغدا ھەممىنى ئىچكۈزىدۇ.ئاندىن يېڭى سويغان قوينىڭ تېرىسىگە يۆگەپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ.ھېيتئاخۇن ئەتىسى چۈشتە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بۇرۇنقىدەكلا ساقىيىپ قوپىدۇ،تاماق يەيدۇ،تالاغا چىقىدۇ.چۈشتىن كېيىن ھېلىقى لاما ئۇنىڭ تولۇق ساقايغانلىقىنى كۆرۈپ كەتمەكچى بولىدۇ.
       ھېيتئاخۇن ناھايىتى مىننەتدار بولغان ھالدا خىزمەتچىلىرىگە تېۋىپ لاماغا ئېسىل ئاتتىن بىرنى كۆركەم ئىگەر بىلەن جابدۇپ يولغا سېلىپ قويۇشنى بۇيرۇيدۇ ھەمدە ھېلىقى لاماغا؛<ئەگەې سەن بولمىساڭ مەن ئۆلۈپ قالاتتىم،مېنى سەن قۇتۇلدۇرۇۋالدىڭ،مەن ساڭا بىر ئېسىل ئات تەقدىم قىلىمەن مىنىپ قايت>دەيدۇ.ھېلىقى لاما ؛<مەن ساڭا ئۈچ قاپ چۆپ دورا بەردىم،سەن ماڭا ئۈچ سوم بەرسەڭ بولىدۇ،ئات ئالسام بولمايدۇ>دەيدۇ.ھېيتئاخۇن؛<ئۆز رازىلىقىم بىلەن بېرىمەن،ئال>دەيدۇ.لاما؛<ئۇنداق كۆپ نەرسە ئالسام ھارام بولىدۇ،خۇدا ئالدىدا يۈزۈم قارا بولىدۇ،ئالمايمەن>دەيدۇ.لاما؛<ئۈچ سوم ئالسام بولدى،ئوشۇق ئالمايمەن،گۇناھكار بولمايمەن>دەيدۇ.ھېيتئاخۇن 100سومنى زورلاپ لامانىڭ قوينىغا سېلىپ قويىدۇ.لاما پۇلنى يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا  قويۇپ ئۆزرە ئېيتىدۇ.ئۇ يەنە؛<ئۈچ سوم ئالىمەن،بىرتىيىن ئارتۇق ئالمايمەن،ئەمما ئات بىلەن ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويساڭ ياق دېمەيمەن>دەيدۇ.ھېيتئاخۇن ئاخىر ئۈچ سوم پۇل بېرىپ،ئۆز ئېتى بىلەن لامانى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ.
         1949 ـ يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. جۇڭگو بىلەن مۇڭغۇلىيە ھۆكۈمەتلىرى ناھايىتى تېزدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ سوتسىيالىزم لاگېردىكى ئەڭ يېقىن سەپداشلاردىن بوپقالدى. بۇ خۇش خەۋەر موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قالتىس خۇشھال قىلدى. ئۇلار شىىنجاڭدىكى ئۇزاق يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقلىرىنىڭ ئاخىر تۈگىگەنلىگىنى، شىنجاڭدىمۇ موڭغۇلىيەگە ئوخشاش  كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ۋەتەننى سېغىنىش، ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى قايتىدىن  ئۇرغۇدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى 20 ـ 30 يىلدىن بۇيان ھامان بىر كۈنى ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتمەي يەنىلا جۇڭگو گىراژدانى سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇۋاتقانىدى.
        موڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1952 ـ يىلدىن باشلاپ رادىيو ئارقىلىق شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلىرىنى ئاڭلاشقا باشلىدى. ھەر قېتىم خەۋەردىكى شىنجاڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنى ئاجايىپ خۇشھال قىلاتتى. بەزىلەر ئۆز يۇرتىدىكى بىرەر يېڭى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالسا شۇ كۈنى قوي سويۇپ مېھمان چاقىراتتى. بولۇپمۇ رادىيودىن پاتەم قۇربان، پاشا ئىشانلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندا ھاياجانلىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيەتتى.
       1952 ـ يىلى كۈزدە خوبدا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىرنەچچە قېتىم كېڭەشكەندىن كېيىن يۈزنەچچە ئادەم ئىمزا  قويۇپ شەھەر باشلىقى لويسىن بالدىنغا «جۇڭگوغا قايتىپ كېتىمىز» دەپ ئىلتىماس سۇندى. ئۇلار ئارقا ـ ئارقىدىن بىرنەچچە قېتىم ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپ «ئىلتىماسىڭلارنى مەركەزگە يوللىدۇق، تېخى جاۋاپ كەلمىدى» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. 1954 ـ يىلىنىڭ بېشىدا موڭغۇلىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن خوبدا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەھەلىسىگە بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى چۈشتى. ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن تەپسىلىي سۆزلىشىپ، ئۇلاردىن «نىمە ئۈچۈن كېتىسىلەر؟ يەرلىك ھۆكۈمەت چەتكە قاقتىمۇ؟ كەمسىتتىمۇ ياكى موڭغۇللار بىلەن باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدىڭلارمۇ؟ كۆڭلۈڭلار رەنجىگەن يەرلەر بارمۇ؟»دېگەن مەزمۇنلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇيغۇرلار: موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى، پەقەت ۋەتەننى سېغىنغانلىقىنى، شۇڭا قايتىشنى تەلەپ قىلغنلىقىنى، ئېيتتى . بۇ ئۆمەك يەنە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ  جۇڭگوغا قايتىپ كېتىشىنى  تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەبى، ئۇلارغا رۇخسەت بەرسە بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە قايتا ـ قايتا پىكىر ئالدى.
       1954 ـ يىلى كۈزدە موڭغۇلىيەنىڭ رەئىسى سېدىنبال خىزمەت تەكشۈرۈپ خوبدا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ئۇيغۇرلار مەھەلىسىگە كەلگەندە يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەر ـ ئايال رەئىس سېندىبالغا كوللېكتىپ ئىمزا قويغان ۋەتىنى جۇڭگوغا قايتىش ئىلتىماسىنى سۇندى. رەئىس سېدىنبال ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر شىنجاڭغا كېتىمىز دەيسىلەر، تەلىپىڭلار توغرا، ئادەم بالىسى ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنىدۇ. بىراق، جۇڭگو ئازاد بولغىلى ئاران تۆت ـ بەش يىل بولدى، تېخى قىيىنچىلىق تۈگەپ كەتكىنى يوق. موڭغۇلىيە ئازاد بولغىلى 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بىز تېخى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتىمىز. ھازىر شىنجاڭغا بارساڭلار قىينىلىپ قالىسىلەر، يەنە 10 يىلدىن كېيىن بارساڭلار بولىدۇ. مەن ھەربىي ئادەمگە 3000 سومدىن پۇل بېرەي، ئالاھىدە خەت بېرەي، سىلەرنى ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يەتكۈزۈپ قوياي. سىلەر ھازىر بالىچاقا، ئۆي ـ مۈلىكۈڭلارنى قوزغىماڭلار. ئۆزۈڭلار بىر يىل تۇرۇپ ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنى، ۋەتىنىڭلارنى كۆرۈپ كېلىڭلار. كۆرۈپ كېلىپ ئاندىن كۆچۈپ كېتەيلى دىسەڭلار بىر يارىشىقىدا يولغا سېلىپ قويايلى. خوتۇن ـ بالىلىرىڭلار موڭغۇلىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شىنجاڭنى كۆرگىنى يوق، ئۇ يەرگە بېرىپ كۆنەلمىسە قىينىلىپ قالىسىلەر، سىلار شىنجاڭغا بېرىپ كەلگىچە ئائىلەڭلەرگە ، مال ـ چارۋاڭلارغا ھۆكۈمەت ياردەملىشىپ قاراپ تۇرسۇن» دېدى.
        شۇ ھامان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا بوپكەتتى: «بۇ موڭغۇللار بىزنى ئالداۋاتىدۇ. بىزنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىپ بالىلىرىمىزنى ئېلىپ قالماقچى. بىز بىراقلا كۆچۈپ كېتىمىز، بالىلىرىمىزنى تۇغقانلارغا كۆرسىتىمىز» دېيىشتى.
      رەئىس سېدىنبال ئامالسىز قالدى ـ دە: «بولىدۇ، ئۈچ يىللىق پاسپورت بېرەيلى، كۆنەلمەي، ئۈچ يىل ئىچىدە يېنىپ كەلسەڭلار بىز يەنە قارشى ئالىمىز. رەسمىيەتلەرنى مەن ئولانباتورغا بارغاندىن كېيىن بېجرىپ بېرىمەن» دېدى.
       1955 ـ يىلى يانۋاردا رەئىس سېندىبالنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقى ۋە بۇ ئىلتىماسنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە يوللىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى.
       1955 ـ يىلى مارتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇلىيەدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر كەلدى. ئارقىدىنلا موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇشىنىڭ تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇشى يېتىپ كەلدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بىرنەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۇزۇتىلىدىغانلىقى، بىرىنچى تۈركۈمدە ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسى جۇڭگودىن كەلگەنلەر ھەمدە ھازىرغا قەدەر جۇڭگو گىراژدانى سالاھىيىتى بىەلن تۇرۇۋاتقانلار پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە قايتسا بولىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ سەپەر يولى خوبدا ـ ئۇلانباتور ـ بېيجىڭ ـ ئۈرۈمچى ئارقىلىق بولىدىغانلىقى ، ھازىردىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە سەپەر تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزۈشى، قۇرۇجايلىرى ۋە مال ـ چارۋىلىرىنى ھۆكۈمەتكە ساتسىمۇ، شەخسلەرگە ساتسىمۇ بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. شۇ كۈنىلا تۈنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەر بايرام خۇشھاللىقىغا چۆمدى. بۇر پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيىدە يىغا ـ زار كۆتۈرۈلدى.
       1955 ـ يىلى 5 ـ مايدا خوبدا شەھىرىدىن 24 ئائىلىك ئۇيغۇر 10 دانە گاز ماشىنا بىلەن ئۇلارنباتورغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلارنى كېيىنكى قېتىمغا قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى، موڭغۇل، قازاق دوست ـ بۇرادەرلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ مىڭغا يېقىن  ئا دەم ئۇزىتىپ چىققانىدى. دادام ، ئاپام ھەر ئىككىسى جۇڭگودىن بارغان ھەم موڭغۇلىيەدە جۇڭگو گىراژدانى سالاھيىتى بىلەن تۇرغاچقا، ئۈچ ھەدەم بىلەن مېنى ئېلىپ ئالتە جان كىشى تۇنجى تۈركۈمدە بېيجىڭ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
        ئۇلار خوبدا شەھىرىىدىن پايتەخت ئۇلانباتورغا يەتتە كۈندە يېتىپ باردى. ئۇلانباتوردىمۇ ئۇلارغا جۇڭگوغا قايدىغان ئۈچ ئۆيلۈك ئۇيغۇر قېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى تۈركۈمدە. جۇڭگوغا قايتىدىغان ئۇيغۇرلار 27 ئائىلە، 94 ئادەم بولدى. ئۇلار ئۇلانباتوردا رەسمىيەت بېجىردى، سودا ـ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۇلارغا ئۇزىتىش چېيى بەردى.
        ئۇ چاغدىكى ئايروپىلانلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئاران 24 ئادەم سىغاتتى. شۇڭا، ئۇلار تۆت قېتىمغا بۆلۈنۈپ ماڭىدىغان بولدى. بىرىنچى قېتىملىق ئايروپىلاندا ماڭغانلار 1955 ـ يىلى 28 ـ مارت ئەتىگەندە ئۇلانباتوردىن ئۇچۇپ، چۈشىن كېيىن بېيجىڭ ئايرودرومىغا قوندى. بىزنىڭ ئائىلە ئاشۇ بىرىنچى قېتىملىق ئايروپىلاندا كەلگەنىدى.
        موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇش پىلانى موڭغۇلىيەدىكى جۇڭگو كونسولخانىسى ئارقىلىق جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا، ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا تاپشۇردى ھەمدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇش قىلىپبۇ مۇھاجىرلارنى بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ كۈتۈۋېلىشنى، شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپشۇردى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مۇئامىلە باشقارمىسىغا ئۇقتۇرۇپ، 24 ياشلىق خىزمەتچى مۇھەممەت سامساققا بېيجىڭغا بېرىپ موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانىدى.
       تۇنجخ تۈركۈم مۇھاجىرلار بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە مۇھەممەت سامساق تېخى بېيجىڭغا كېلىپ بولالمىغانىدى. مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئايرودرومدا ئالاھىدە كۈتۈۋالدى. ئۇ چاغدا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دۇڭسى دېگەن يېرىدە ئىدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتېتى ئىشخانا بىناسىنىڭ كەينىدىكى بىر ئوچڭ قورۇنى ئىجارىگە ئېلىپ، ھەر بىر ئائىلىگە بىر ئېغىزدىن ئۆي تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بېيجىڭغا كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇھەممەت سامساقمۇ ئۈرۈمچدىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى دەرھال يىغىن ئېچىپ موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ تاكى ئۆز يۇرتلىرىغا بېرىپ بولغانغا قەدەربارلىق ياتاق، تاماق، قاتناش، داۋالىنىش خىراجەتلىرىنى ھۆكۈمەت كۆتۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. بۇ مېھمانلارنى يەنە بېيجىڭدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىگە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ مەزگىلدە بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتاتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس سەيپىدىن ئەزىزىي ئۆزى يېتىشەلمىگەچكە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۆلكىلىك شۆبە بيۇروسى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەئىدۇللا سەيپۇللايوفنى مېھمانلارنى يوقلاشقا ئەۋەتتى. سەيپۇللايوف ھەربىر ياتاققا كىرىپ مېھمانلارنى يوقلىدى ، رەھبەرلەرنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ ، قايتىدىغان چاغدا مۇھەممەت سامساققا مۇئاۋۋىن رەئىس سەيپىددىن ئەزىزىينىڭ «ۋەتەنگە قايتقان قېرىنداشلارنى ساق ـ سالامەت ئۈرۈمچىگە يۈتكۈزسۇن» دېگەن يوليورۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
       ھەر ئۈچ كۈندە ئۇلانباتوردىن بېيجىڭغا بىر قېتىم ئايروپىلان قاينايتتى. شۇنداق قىلىپ تۇنجى تۈركۈمدە ۋەتەنگە قايقان مۇھاقخر ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ـ كېيىن ئون نەچچە كۈندە بېيجىڭغا كېلىپ بولدى.  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇھاجىرلارنى مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن بېڭجىڭدىكى تىيەنتيەن باغچىسى، گۇگۇڭ خان سارىيى، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق  ئورۇنلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. 7 ـ ئاي مەزگىلى بېيجىڭ ناھايىتى ئىسسىق بولغاچقا موڭغۇلىيەنىڭ سالقىن تاغلىرىدىن كەلگەن بۇ مۇھاقىرلارىڭ ياشقا چوڭلىقرى ئاغرىلىپ كەتتى. چوڭلاردىن بىر نەچچىسى دوختۇرخانىدا بىر نەچچە كۈن داۋالىنىپ ئاران ساقايدى. شۇنىڭ بىلەن ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان باشقا ئورۇنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا بېڭيجىڭدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار شىئەندە ئالتە كۈن تۇرۇپ يەنە بىر قىسىم يەرنى ساياھەت قىلدى. 9 ـ ئاۋغۇست پويىز بىلەن لەنجۇغا يېتىپ كەلدى.
       ئۇ چاغدا تۆمۈر يول تېخى لەنجۇدىن ئۆتمىگەنىدى. لەنجۇ بىلەن ئۈچۈمچى ئوتتۇرۇسىدا ئاپتوموبىل قاتنىشى ناھايىتى قىس بولغاچقا، مۇھاجىرلار لەنجۇدا بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدى. چوڭلار ئىسسىققا چىدىماي يەنە ئاغرىپ كەكتتى. شۇ كۈنلەردە سەيپىدىن ئەزىزىي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئېلىپ لەنجۇغا يېتىپ كەلدى. مۇھەممەت سامساق بىر قىسىم مۇھاجىر ۋەكىل بىلەن سەيپىدىن ئەزىزىينىڭ ياتىقىغا كىرىپ، بىر ھەپتىدىن بۇيان قاتناشنىڭ ھەل بولمىغانلىقى، چوڭلارنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى دوكلات قىلدى. سەيپىدىن ئەزىزىي ئاغرىپ قالغانلارنى ئەتە ۋەكىللەر ئولتۇرغان ئايروپىلاندا ئۆزى ئېلىپ كېتىدىغانلانى ئېيتىپ، شىنجاڭنىڭ لەنجۇدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن جىددىي سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن ئولجا قالغان «دوتكى» ماركىلىق ئۈچ چوڭ ماشىنىدىكى شىنجاڭغا ئېلىپ ماڭغان يۈكلەرنى چۈشۈرگۈزۈۋېتىپ، قالغانلارنى يۈك ـ تاقلىرى بىلەن ئورۇنلاشۇتۇپ بەردى. شۇنداق قىلىپ موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان مۇخاجىر ئۇيغۇرلار 1955 ـ يىلى 5 ـ مايدا موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى خۇبدا شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 21 ـ ئاۋغۇست، يەنى 109 كۈندە ساق ـ سالامەت ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.
       ئۈرۈمچىدە بۇ مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋېلىش ھەم ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىش خىزمىتىگە شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى مەسلۇل بولدى ھەمدە پالتاخۇنباي سارىيىنىڭ ئارقسىسدىكى خلەق ئىشلار ناھارىتىنىڭ بىر قەۋەتلىك مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردى.
      خەلق ئىشلار ناھارىتى ئۇلارنى ئۇرۇمچىدە بىرنەچچە كۈن دەپ ئېلىپ شەھەرنى كۆرۈشكە ھەمدە يۇرتلىرىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىقا قويۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ خىراجختى ئۈچۈن ھەربىر چوڭ ئادەمگە كۈنىگە ئىككى يۈەن بالىلارغا بىر يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى تارقاتتى. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە بىر گىرام ئالتۇن 2.68 يۈەن ئىدى. بىر ئادەم بىر كۈندە ئاشپۇزۇلدىن ئۈچ ۋاخ تاماق يېسىمۇ بىر يۈەننى خەجلەپ بولالمايتتى.
      شۇ كۈنلەردە يەنە سەيپىدىن ئەزىزينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلارنى نازارىتى موڭغۇلىيەدىن كەلگەن مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنى تىزىملاپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە ياكى ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. كورلىلىق ئابدۇراخمان سابىت دېگەن كىشى ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيەسىدىكى ئادەم بولغاچقا، كورلىدىكى موڭغۇل مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلدى. باي ئىبراي دېگەن كىشىنىڭ تىللا ، سارا دېگەن ئىككى قىزى موڭغۇلچە ئوقۇغان، موڭغۇلىيەدە خوبدا ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمەككە ئورۇنلاشتۇردى. ئىككىنچى كەلگەن مۇھاجىرلاردىن ھيېتئاخون روزىنى ئالتاي شەھەرلىك سودا كوپىراتىپىغا مۇئاۋىن دېرىكتورلۇققا، غاپپار دېگەن كىشىنى ئۆلكىلىك موڭغۇل مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا، بۇسارە بەگرىنى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ موڭغۇل تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلدى.
      مۇھاجىر ئۇيغۇر ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېين ھەرقايسىسىنى ئۆز يۇرتلىرىغا يولغا سالدى ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىندى. بۇ مۇھاجىر ئۇيغۇرلار ئاساسەن قومۇل ، تۇرپان، گۇچۇڭ، غۇلجا، كورلا، كۇچا، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەنلىك ئادەملەر ئىدى.
       دادامنىڭ ئەسلىي يۇرتى كاتايلاق بولغاچقا، 1955 ـ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ھۆكۈمەت كىرا قىلىپ بەرگەن بىر گاز ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ 12 كۈندە كاتايلاققا يېتىپ بارغانىدى.
      موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئىككىنچى تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاقخرلارنى ئالتاي چېگراسىدىن بىۋاسىتە شىنجاڭغا ئۇزىتىپ قويدى. 1956 ـ يىلى 28 ـ سېنتەبىردە تاشقى موڭغۇلىيە خوبدا شەھىرىدىن 50 ئائىلە، 537 شى يولغا چىقىپ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ بۇلغۇن دېگەن ئېغىزدىن شىنجاڭغا كىردى. بۇلار ئىچىدە بەش نەپەر خەنزۇ مۇھاجىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى موڭغۇل ئىدى. بۇ مۇھاجىرلارغا موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى بىر نوپۇسقا ئۆزىنىڭ بىر ئات، بىر تۆگىسى بىلەن چىقىپ كېتىشىگە يول قويغان. قالغان قورۇ ـ جاي، مال ـ ۋارانلىرىنى موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى باھالاپ ئالغان ياكى ئۆزلىرى ساتقان. ئۇلار ئېلىپ مېڭىشقا بولىدىغان بارلىق مۈلۈكىنى ئات ـ تۆگىرىلىگە ئارتىپ يېنىپ چىققانىدى. ئۈچىنچى تۈركۈمدە موڭغۇلىيە ئۆلگەي شەھىرىدىن يولغا چىققان يەتتە مۇھا


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.