ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2011-01-10

    كىروران ئۇيغۇرلىرى - [ئۇيغۇرتارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/98272502.html

    تەكلىماكاننىڭ شەرقى تەرپىدە ، تارىم دەرياسى بىلەن چەرچەن دەرياسى ئوخشىمىغان يۆلىنىشتىن ئېقىپ كېلىپ لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلغىچە بولغان دائىرىدە ھىلال ئايدەك بىر يېشىل بەلباغ ھاسىل بولىدۇ . تەكلىماكاننىڭ جەبۇنى ۋە شىمالىدىكى يۇرتلار پەقەت مۇشۇ يېشىل بەلباغنى بويلاپ ئۆز ئارا قاتناش مۇئامىلىسى ئورناتقان . بۇ يېشىل بەلباغنىڭ شەرقى تەرپىدىكى قىسمى ، يەنى شىمالي پاراللىل 86.5 نىڭ شەرقى تەرپىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى چاقىلىق ناھىسىگە تەۋە .
       چاقىلىق ناھىسىنىڭ يەر كۆلىمى 195 مىڭ كۇۋادىرات كېلومىتېر . نۇپۇسى 20 مىڭغا يېقىن ، ئاھالىسى ئاساسەن ئۇيغۇرلار . ئۇلار ئاساسەن چاقىلىق ، ۋاشىشەرى ، مىرەندىن ئىبارەت ئۈچ تەبىئى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق رايونىغا جايلاشقان . تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاران 33 مىڭ مو ، سۇ مەنبەسى ئالتۇن تاغدىكى قارلىق - مۇزلۇقلاردىن كېلىدۇ . قالغان جايلىرى پۈتۈنلەر ئادەم ياشىيالمايدىغان تاغ ئېتىكىدىكى شېغىللار ، قۇملۇقلار . كۆللۈك - شورلۇقلار ۋە دەريا ۋادىللىرىدىكى قەدىمكى ئورمانلىق ، ئوتلاقلىقلاردىن ئىبارەت . ئىقلىمى كۆپ ئۆزگىرىشلىك ، ھۆل - يېغىنى ئىنتايىن ئاز ، ھاۋاسى قۇرغاق .
       قەدىمكى بۇ رايوندا كىرورەن دۆلىتى بار ئىدى . بۇنىڭدىن 4000 - 6000 يىل بۇرۇن بۇ رايوننىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل ، سۈيى مول ، مۇھىتى بوستانلىق ، يەرلىرى مۇنبەت ئىدى . بۇغداي تېرىلاتتى ، چارۋا بېقىللاتتى . كېگىز ، گىلەم ئىشلەپچىقىرىلاتتى ، يۇڭ رەخىت توقۇلاتتى ، تېرە ئاشلاپ كۆن - خروم ئىشلىنەتتى . ئاھاللىرى كۈن ئىلاھىغا چوقۇناتتى  . ئۈستىگە يۇڭ رەختىن تىكىلگەن كېيىم ، بېشىغا قۇش پەيلىرى قادالغان ئۇچلۇق تۇماق كېيەتتى . ياغاچ بەقىش - ئويمىچىلىق سەنئىتىمۇ ناھايىتى تەرەققى قىلغاندى . ئومۇمەن بۇ رايوندا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدىنيەت تارىخىدا ئۇلۇغ نامايەندە بولالايدىغان پارلاق ئىجادىيەتلەر يارىتىلغاندى .
       مىلادىدىن بۇرۇن 108 - يىلى خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ئۆز سودىگەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەتىنى قوغدايدىغان مەھكىمە تەسسس قىلغاندىن كېيىن ، بىر نەچچە ئەسىرگىچە يىپەك سودىسى ئاۋات بولدى ۋە مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش ناھايتى راۋاج تاپتى . لېكىن مىلاديى 3 - 4 - ئەسىرلەردە بۇ رايوننىڭ تەبىئى شارائىتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى : چوڭ قۇرغاقچىلىق يۈز بەردى ، ھۆل - يېغىن ئۆكسۈپ قالدى . دەريالاردا سۇ ئازلاپ كەتتى . تېرۇلغۇ يەرلەر قۇردى ، كۆل ساھىلىرى شورلاشتى . ئورمانلىق - ئوتلاقلار سارغايدى .شۇنىڭ بىلەن تەكلىماكاننىڭ قۇم - بورانلىرى ھېچبىر كۈچ سەرىپ قىلمايلا بۇ رايوننىڭ توسالغۇسى بولغان دەريا ۋە بوستانلىقلىرىغا بېسىپ كىرىشكە باشلىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە جەڭ - يېغىلىقلار كۆپ بولغانلىقتىن ، بۇ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپچۈلىكى ھار تەرەپكە كۆچۈشكە باشلىدى .
       تارىخى خاتىرىلەردە ئېيتىلىشچە ، بۇ رايوندىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر شۇ مەزگىللەردە تۇرپان ئويمانلىقىغا كۆچۈپ بارغان . يەرلىك رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە ، يەنە بىر مۇنچە ئاھالىلەر تارىم دەرياسىنى بويلاپ خوتەنگىچە كۆچۈپ بارغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ كۆلەتنىڭ شەھەر ۋە يۇرتلىرى ئازلا ئادەم بىلەن قالغان . دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ، مىلادى 5 - ئەسىردىن باشلاپ تۈركي قەبىلىلەر تۇرپان ئويمانلىقى ئارقىلىق بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان . ئۇلار بۇ رايونغا كەلگەندىن كېيىن ، بۇ جايدىن كۆچۈپ كەتمىگەن ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكاننىڭ قۇم - بورانلىرى تامامەن ئىگىلەپ بولالمىغان يېشىل بوستانلىقلارنى قوغداپ قالغان .
       بۇ كىروران رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن قەدىمكى تۈرۈك قوۋىملىرى ئېگىز چاقىلىق ھارۋا ئىشلىتىىدىغان قەبىلىلەر ئىدى . ئۇلارنىڭ نامى يەرلىك كىشىلار قوللىنىدىغان كاشتى تىلىدىكى < جاككا > ، < جاك > _ ھارۋا چاقى دېگەن مەننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن ئاتىلىپ ، بۇ يۇرتنىڭ نامىمۇ ئاخىر < چاقىلىق > دەپ ئاتىلىدىغان بولدى .
       ھازىرقى چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجداتلىرى دەل  شۇ زامانلاردىكى تۈركي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلىقلەر بىلەن كاروشتى تىلىدا سۆزلىىشىدىغان خەلىقنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن كىروران ئۇيغۇرلىرىدۇر .
       ئەگەر سىز كورلىدىن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىلەن چاقىلىق ناھىسىگە قاراپ يولغا چىقسىڭىز ، يول بويى سان - ساناقسىز پارچە - پارچە قۇم دۆۋىلىرى ۋە چۆلى - جەزىرىلىرى ؛ قۇمۇشلۇق - ياۋا كەندىرلىرىنى ؛ يۇلغۇنلارنى ، توغراقلىق ، چاتقاللىقلارنى ؛ تېتىز - شۇرلۇقلارنى ... بېسىپ ئۆتىمىز . چۆل - جەزىرىلەردىن ئۆتكەندە ئۇسساپ - چاڭقاپ گال - كاپپۇكلىرىڭىز قۇرۇپ ئازاپلانغىنىڭىزدا ، ئۆسۈملىك گىيا بار جايلاردىن ئۆتكەندە تەبىئى گىيا - چېچەكلەرنىڭ نەملىك - خۇش پۇراقلىق ھىدلىرى بىلەن كۆڭلى - كۆكسىڭىز راھەتلەنگەندە ، سىز چوقۇم يېشىل بوستانلىقلارنى ئاسىراشنىڭ تارىخى ئەھمىيتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىز . شۇنداقلا ، بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيانقى بۇستانلىقلارنى قوغداش تەجىربە - ساۋاقلىرىنى ئوبدان يەكۈنلەپ ، بۇ بوستانلىقلارنى تەكلىماكاننىڭ چاڭگىلىغا  تاشلاپ بەرمەي ، بەلكى داۋاملىق كېڭەيتىپ ، تەرەققى بىلدۇرۇش ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت سىتىراتىگىيىلىك تارىخى ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا تېخىمۇ زور باتۇرلۇق كۆرسىتىشكە ئىلھام بېرىش ۋە كۈچ قوشۇشنى ئويلىماي تۇرالمايسىز .
                                                                                                    1981 - يىلى 12 - ئاي ، بېيجىڭ
    ( بۇ ماقالە < مىللەتلەر > رەسىملىك ژورنىلىنىڭ 1982 - يىل 4 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ، ئاپتورى : قۇربان ۋەلى )


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • siz qandaq qilip blog'ngzni bunche chirayliq qilalidingz ma'ngmu ügütüp qoyghan bolsingz rehmet sizge
    ئەتتىرگۈل回复abdimijit说:
    bu blogim chirayliqmiken , menmu yaxshiraq qilalmay aware hezir amal bolmay mana mushu ang burunqi kona halitiga akilip qoydum ....
    2011-02-09 13:49:54
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.