-
2009-06-28
قارلىق تاغ شەجەرىسى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41596358.html
(مۇقەددىمە قىسمىدىن پارچە)
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن
كۈن تاغقا چاپلاشتى چاچرىتىپ شەپەق،
قىزىل لاك سۈركىدى لىۋىگە ئۇپۇق.
بۇغدانىڭ ئالدىدا شۇدەم بولدى تەق،
ئالمىرۇق، ھالۋايى، سەبدەرەڭ يوپۇق.
نە قىسمەت چەكمىگەن قارلىق تاغ - دىيار،
ئەزىمەت پەرزەنتلەر قىسمىتىسىمان.
ئۇنىڭدا مىڭ - مىڭ يىل ھېكايىتى بار،
ھەر ئۆركەش مىسالى بىر قىسسە داستان.
ئوغۇزخان، ئۇرۇمقان، ئايچۈرەك - ماناس،
سۇغارغان خاكىڭنى تۆكۈپ ئىللىق قان.
قانچىلىك تەڭرىقۇت ، تېكىنلەر قىقاس -
كۆتۈرگەن جەڭلەرگە سەن شاھىت ماكان.
نۇزۇگۇم، گۈلەمخان قىسقىسى سەندە،
سەرگەردان مەشرەپكە سەن بولغان پاناھ،
سەن ماڭا ئىشتىياق سالغان نىكەمدە،
قارلىق تاغ ئۆزۈڭسەن ئىلھامغا دەرگاھ.بۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئىرىيەت تارىخىدىكى تۇنجى يىزىلغان شىئېرىي رومان -
«قارلىق تاغ شەجەرىسى» نىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىن پارچىدۇر.历史上的今天:
بولمىسا 2010-06-28ئۇر توقماق چۆچىكىدىكى ھېكىمەتلەر... 2009-06-28قەشقىرىم 2009-06-28پرومىتى ۋە ئادەم 2009-06-28ئىبرەت ۋە ھېكمەت 2009-06-28
收藏到:Del.icio.us