ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41596364.html



    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

    شەرق بىلەن مەغرىپ ئارا نامىڭ نۇر ئەفشان قەشقىرىم ،
    تارىخىڭ ، زاتىڭ سىماسى دىلدا ئايان ، قەشقىرىم .
    ئوق بىلەن يا ئىلكىدە ئارتۇچدا ئەۋلادىم ئىزى ،
    سەندە پامىردا تېپىلغان كونا گۈلخان قەشقىرىم .
    دەسلىبا تاش كەتمەننى بىرلەن بىنا ئەيلەپ ئېكىن ،
    تۇنجى بوز - چەكمەن بىلەن ئۈستىنى ياپقان ، قەشقىرىم .
    ئول ئوغۇزخان دۇلدۇلى باغرىڭدا كىشنەر تىك تۇرۇپ ،
    قوۋمى ئۇيغۇر بايرىمى سەندىن قۇتاتقان ، قەشقىرىم .
    كۈلدى لوپنۇردا مەلەك مىلادىدىن مىلاد بۇرۇن ،
    جامى جەمشىت ئەكسىدە ھۆسنۈڭ نامايان ، قەشقىرىم .
    بىر تۈمەن كىيىك تېرىگە «ئاۋستا» نى پۈتكەن چىغى ،
    ئۈچە ، ياقۇت ، قاشى بىرلەن نەقشى تاپقان ، قەشقىرىم .
    ئالدى ھەم ئارقىغا تەڭ ئوق ئۈزدى لاچىن لەشكىرىڭ ،
    قەي ئېلىنىڭ خۇسراۋى يانىڭدا ۋەيران ، قەشقىرىم .
    باشىڭدا بۈركۈت دوبۇلغۇ ، كۆكسى زەر ساۋۇت ئېگىن ،
    قەھرىمان ئەپراسىياپقا بارىگاھان ، قەشقىرىم .
    يۇمسا كۆز ئېفرات ، ئەجەم ، باش ئەگسە ھىندۇ قوشمۇ ھەم ،
    سەندە ئىسكەندەر چېكىندى ، شانى ئاسمان قەشقىرىم .
    رىم بىلەن تاكى يىراق چىنگىچە كارۋان مەنزىلى ،
    ئىستىقامەت ئەھلىگە ئالىپتا داسخان ، قەشقىرىم .
    مەستىكى رۇم ، چىن تاۋارى ، ھىندۇ ئەنبەرىن يېيىپ ،
    كۇللى ئالەم قىزلىرىنىڭ زەۋقىن ئالغان قەشقىرىم .
    تەڭرىتاغدا بارىگاھ قۇرغان سىياق تەڭرى - ئىلاھ ،
    چوڭ قۇرۇمدا قاش يەنە ئالتايدا زەركان ، قەشقىرىم .
    ساك ۋە يۇرچى كونا زەرگەر ، شاھىدى مىڭ - مىڭ لەھەت ،
    كۈن ، يورۇقلۇق ، پاكلىقتىن دىلدا ئىمان ، قەشقىرىم .
    تارمۇ باغراش ۋە ئورخۇنلاردا كۆپلەپ قالدى باغ ،
    باغۇ - بوستانلار ئارا شاھانە ئەدنان قەشقىرىم .
    پىرى شامان داپ ئۇرۇپ ئەلگە سەھەتلىك ئىزلىگەن ،
    ئاتەشى زەر دوشىت چىغى نۇردىن زەرەپشان قەشقىرىم .
    مىڭ ئەدەپ كەپتەرلىرىن ئاسمانغا قويدى بۇددىھا ،
    نەقشى سەنئەت بابىدا «مىڭ ئۆي» ياراتقان قەشقىرىم.
    ئىشقى دەرياسىدا ئۈزگەن مۇندا تاھىر - زۆھرە ھەم ،
    قىسسەسى مىڭ يىل بۇرۇن تىللاردا داستان قەشقىرىم .
    ئول گۈزەل ئەرمەن قىزىنى بەند ئىتىپ ئۆز قەلبىگە .
    پەرھادىڭدىن ئۆزگە كىم ئىشىق ئىچرە سۇلتان قەشقىرىم .
    سەندە قايتا ئالدى تەلىم خۇيلىن ھەم كومراجىۋا ،
    رەقىس - چالغۇ سازنى كەڭ ئالەمگە يايغان قەشقىرىم .
    نالە ئىزھارىم تالاي چۆل ئۈستىدە يىغلار بۇلۇت ،
    ئۇستىخانىم بىر  ئەمەس ، مىڭلارچە بارخان ، قەشقىرىم.
    قۇم دۆۋىسى قانچە ئىزگۈ يۇرت - ماكاننى قىلدى غەرق ،
    ئەگدى قەددىڭنى ئۆزۈڭدىن پىتنە - بوران ، قەشقىرىم .
    باشىدا پاك سەللىسى ساتۇق بۇغرا ئاتام ،
    قايتىدىن جىسمىڭنى يۇيدى نۇرى ئىرفان ، قەشقىرىم .
    ھىكمىتىڭ خارابىدا جەم قىلدى مەشرق غەربنى ھەم ،
    شۆھرىتىڭنى كۆكە يايدى تۈركىي دىۋان ، قەشقىرىم .
    «قۇت بىلىگ»جاۋاھىرىن ۋايىگە يەتكۈزدى يۈسۈپ ،
    يەسسەۋى ھېكمەتلىرىدەك دۇرى رەيھان قەشقىرى .
    بولدى ئۇستاز سەددىدىن قەشقەر مۇبارەك جامىگە ،
    مىر ئەلشىر نەزمىگە دۇرىنى چاچقان قەشقىرىم .
    مالىك ، ئەھمەت قەشقىرى تۈزدى سەمەرقەنت ھۆسنىنى ،
    مىرزا ھەيدەر قەلبىگە ئاتەشنى سالغان ، قەشقىرىم .
    تەمبۇرىدە «چەببىيات» ، قەلبى ناۋا ئاماننىسا.
    قۇتلۇق«ئون ئىككى مۇقام»دا مەڭگۈ مۇزگان ، قەشقىرىم.
    ئىككى كۈن - تۈن چالسىمۇ پۈتمەس ساتارىڭ نالىسى .
    ئىزگۈ ، كۆرك ، سۆيگۈ ، ناۋادا سەن جاھان خان ، قەشقىرىم .
    خرقىتى ، مەشرەئپ ، زەلىلى ، نۆۋبىتىدىن تا بۇ دەم ،
    ئەرشى ھەم خامۇشىنى باغرىغا باسقاب قەشقىرىم .
    قالدى خاكىڭ قوينىدا نىزارى تۇردۇم بۇلبۇلى ،
    سادىقىڭ يازمىشلىرى خۇنابى ئەبغان ، قەشقىرىم .
    قۇم بىسىپ يىپەك يولىن كەتتى ئەسىرلەپ قۇت قوشۇڭ ،
    كۆزلىرى ئۆچمەس ئۈمۈد كۆكىدە چولپان قەشقىرىم .
    بولدى يات قۇرداشلىرىڭ ، كەستى شېخىڭنى ئوت چىقىن ،
    ئۇنتۇدى شەجرەڭنى ھەم قوينىدا جانان ، قەشقىرىم .
    بىر رىۋايەتتەك بۇدەم نامىڭنى ئەسلەر كەڭ جاھان ،
    بىر زامان ئىقلىم كۆزىدە شاھى مارجان  قەشقىرىم .
    سەن گويا «ئەسھاب كەھەب» دە كۆپ ئەسىر ياتقان يىگىت ،
    نۇر پىشانەڭدە يەنە تەقدىرى جەۋلان قەشقىرىم .
    سەن قالۇرسەن بىز كىتەرمىز بۇنەپەس گويا رابات ،
    ئېتىبارىم تەختىدە تۇز ھەققى خاقان قەشقىرىم .
    مېھرى سۆيگۈڭ ئاتەشى قىلدى مىنى يۇرت ئاشىقى ،
    خاكىڭا بېشىم قويسام ، بۇ كاتا دەرمان ، قەشقىرىم .
    سۆزلە سوقرات ، ئەپلاتون ، كۇڭفۇزى ، سەكيامۇن يەنە ،
    سىز گۇناھ دەمسىز ماكانىن سۆيسە ئوغلان ، قەشقىرىم .
    مەن گۇناھ دەرمەن جېمى بەڭباشلىقىم ، بىخۇتلۇقۇم ،
    مەن ساۋاب دەرمەن تاۋاب ئىلماقنى ھەر ئان قەشقىرىم .
    روھى شەيدالىق تېشىپ شەيدائى يازدى ئىشقىنى ،
    قۇت ماڭا كۆكسىنى ئاچسا ئۆز قەردىردان قەشقىرىم .
    پىتنىلەر ھەريان ھۆرۈپ باغىم توزۇتسا ئەيىپ ئەمەس ،
    ئىشقىدىن دەرد تارتمىقىم پاك خەير - ئېھسان ، قەشقىرىم .
    قىل ھەزەر بىر جىننى گەر ئىشىقتىن پاسات سۆزلەر ساڭا ،
    ئەقىل - ھېكمەتسىز سانا - ئۇل لاپى شەيتان قەشقىرىم .
    ئاز ئەمەس پىرقە - نىزا ، پىتنە تۈپەيلى تارتقىنىڭ ،
    توختىماي ماتەم يېشىڭ بىرقانچە دەۋران قەشقىرىم .
    ئەندى جان باغىدا تۈزدۇم ئۇشبۇ ئىشقىڭ نامەسىن ،
    زەررە تۇپراقى شۇدەم تەختى سۇلايمان قەشقىرىم .

    ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ «مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر»  ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.