-
2009-06-28
ئىبرەت ۋە ھېكمەت - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41596345.html
ئىبرەت ۋە ھېكمەت
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن
ئەقىلسىز دوستۇڭدىن، دۈشمەن تاپ دەنا،
يېڭىلسەڭ بۇنىڭدا بىر ھېكمەت مەنا.
ناداننى يەڭمەكنى چاغلىما زەپەر،
ئەرزىمەس قىلماقلىق ئۇڭا تەمەننا.
چىن دوستنى تاشلىما ھەسرەت چېغىدا،
ئارتۇقچە ھەم يۈرمە شاتلىق بېغىدا.
دىل تۇرۇپ دىلدارسىز تۇتما دىلىڭنى،
ۋە ئۇنى رەنجىتمە ھەسرەت بېغىدا.
رەنامۇ مۇھتاجدۇر ئاۋام سۆزىگە،
ئەقىلمۇ كۈچ تاپار ئەلدىن ئۆزىگە.
ئۆزگىلەر سۆزىنى سىناپ پەرق ئەتكىن،
كۆز تۇرۇپ ئالدانما ئۆزگە كۆزىگە،
تەپەككۇر بايلىقىڭ چۈشەنسەڭ ئىبرەت ،
ئىبرەتسىز جۇلاسىن يوقىتار ھېكمەت.
- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىنيەنە بىر شېئىرى:
«تاڭ بۆشۈكىدە»
قايتا تۇغۇلدۇم تاڭ بىلەن
تاڭ بۆشۈكىگە بۆلۈنۈپ ،
كۈلدۈم
شەبنەم قۇچقان چېچەكتەك
شەپەق دۇنياسىغا چۆمۈلۈپ .
- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىنئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ «مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
历史上的今天:
بولمىسا 2010-06-28ئۇر توقماق چۆچىكىدىكى ھېكىمەتلەر... 2009-06-28قەشقىرىم 2009-06-28قارلىق تاغ شەجەرىسى 2009-06-28پرومىتى ۋە ئادەم 2009-06-28
收藏到:Del.icio.us