ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-27

    چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىن قېسقىچە بايان - [تارىخقا نەزەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/93309127.html

    گېڭ شىمىن


     

    تەرجىمان: ئىمىن تاجى تۈرگۈن

     


     

    18-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىلا، فرانسىيە ئالىملىرى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا تۆھپىلەرنى قوشقان. گوبىل  (R.P.Goubil) 1739-يىلى ئۇيغۇرلار تارىخى بىلەن چىتىشلىقى بولغان ‹‹مۇڭغۇل تارىخى›› ناملىق ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇرغان①، ئارقىدىنلا دېگويگىنېس (J.Deguinges)‹‹ ھونلار ۋە تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تەتقىقات›› ۋە تۆت توملۇق ‹‹ ھونلار، تۈركلەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ئومۇمىي تارىخى››②   ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. 1720-يىللاردىن كېيىن س. ۋىسدىلۇ (C.Visdelou)‹‹تاتارلار تارىخى››(بۇ يەردە تاتار دەپ ئاتالغانلار مۇڭغۇللارنى كۆرسىتىدۇ- تەرجىماندىن) ناملىق ئەسىرىنى نەشىر قىلدۇردى③ بۇ ساھەگە ئائىت يەنە دۇخالېد (Du Halde) تەرىپىدىن  فرانسۇز تىلىدا يېزىلغان ‹‹ جۇڭخۇا ئىمپىرىيىسى ۋە جۇڭگۇ تاتارلار (مۇڭغۇللىرىنىڭ) رايونىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، يىلنامىلىرى، سىياسى ۋە تەبىئىي ئەھۋاللىرى››  ناملىق كىتابمۇ نەشىر قىلىنغان④

    19-ئەسىرنىڭ بېشىدا پارىژدا كلاپرۇتنىڭ (Klaproth) مەشھۇر ئەسىرى ‹‹ ئۇيغۇر تىل-يېزىق تەتقىقاتى›› نېمىس تىلىدا نەشىر قىلىنغان⑤ پىتىربورگدا روسىيە پروسلاۋىيە دىنىنىڭ ئاتىسى بىچۇرىننىڭ (Bichurin)‹‹قەدىمكى ۋە ھازىرقى  جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى›› ۋە ‹‹ قەدىمكى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ماتېرياللىرى››⑥ ناملىق ئەسىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرېسچىناردىرنىڭ(Bretschneider) ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى مەشھۇر ئەسىرى ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى›› نەشىر قىلىنغان. دوسساننىڭ (D’Onsson)‹‹ مۇڭغۇل تارىخى --چىڭگىزخاندىن تىمۇرگىچە›› ناملىق كىتابتىمۇ ئۇيغۇرلار تارىخىغا چىتىشلىق بولغان مەزمۇنلار بار⑦

    19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىكى شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ سىياسى ۋەزىيىتى غەربتىكى ئالىملارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. گېرىگورىيىفنىڭ  (Grigor’ev) روس تىلىدا يازغان ئىككى توملۇق ئەسىرى ‹‹تەبىئىي جۇغراپىيە ئىلىمىي—شىنجاڭ›› ناملىق ئەسىرىدە 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مىللەتشۇناسلىىق ۋە جۇغراپىيىگە ئائىت ماتېرياللارمۇ كىرگۈزۈلگەن⑧.بۇ كىتاب تا ھازىرغىچە ئىلمىي قىممىتىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە.

    ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت مەخسۇس ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى تېخى ھەل قىلىنمىغان ئىدى. مۇڭغۇلشۇناسلاردىن يا.شىمىدىت (Ya .Shmitd) ۋە د.بانزاروۋلار (D.Banzarov) ھەتتا ئۇيغۇرلارنى تۈركلەردىن دەپ قارىمىغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا روسىيە ئالىملىرىدىن رادلوفنىڭ (W.Radloff)‹‹ ئۇيغۇر تارىخى ئوچرىكى››⑨ ۋە پوزدىنىۋنىڭ (D.pozdneev)‹‹ ئۇيغۇرلار تارىخىدىن قېسقىچە مەلۇمات››⑩ ناملىق ئەسەرلىرى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى مەسىلىسى ھەققىدە ھىچكىم گۇمانىي پىكىردە بولالمىغان. پوزدىنىيىۋنىڭ كىتابىنىڭ بىرىنجى قىسىمىدا ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە ۋە ئەسەرلەر تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.

    بارتولدنىڭ (W.W.Bartold)‹‹ يەتتە سۇ تارىخى ئوچرىكلىرى››(ئۇيغۇر سايرانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ 2000-يىلى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن)، ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتى›› ، ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا››، ‹‹ مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا خىرىستىئان دىنى››، ‹‹قىرغىزلار››، ‹‹ تۈرك-مۇڭغۇل خەلقلىرى تارىخى›› ( بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى بارتولد ئەسەرلىرىنىڭ 10-تومىغا كىرگۈزۈلگەن) قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر قاتار موھىم ئەسەرلىرى بار.

    بۇلاردىن باشقا 19-ئەسىردە نۇرغۇنلىغان روس سەيياھلىرى شەرقى تەڭرىتاغ رايونىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا نەزىرىنى ئاغدۇرغان. مەسىلەن، گىرىم-گىرژىمايلوفنىڭ (Grum. Grzhimaylo)‹‹ جۇڭگۇنىڭ غەربىگە قىلىنغان ساياھەت خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-بۆلىكىدە تەڭرىتاغنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا ئائىت مەخسۇس باپلار بايان قىلىنغان. ئۇمۇ گىرىگورىيىفقا ئوخشاش ئوخشىمىغان ئاپتۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ تارىخى ھەققىدىكى ماتېرياللارنى ئومۇملاشتۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    فرانسىيلىك خەنزۇشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى مۇتەخەسىسى شاۋان (Ed.Chavannes) ۋە پېللىئوت  (P.pelliot) شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. فرانسىيلىك يەنە بىر خەنزۇشۇناس خ. كوردېرنىڭ  (H.Cordier) تۆت توملۇق ‹‹ جۇڭگۇنىڭ ئومۇمىي تارىخى›› ناملىق يېرىك ئەمگىكىنىڭ 2-تومى پۈتۈنلەي تۈرك، مۇڭغۇل تارىخىغا بىغىشلانغان.

    فرانسىيلىك مەشھۇر ئالىم گىروسسىينىڭ (R.Grousset)‹‹يىراق شەرق تارىخى›› ۋە ‹‹ بوز قىر ئىمپىرىيىسى تارىخى›› ناملىق ئەسەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار رتارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار موھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.

    1934-يىلى روسىيلىك مەشھۇر مۇڭغۇلشۇناس ۋىلادىمىرسىتوف (B.Ya.Vladimirtsov)‹‹ مۇڭغۇللارنىڭ ئىجدىمائىي ئىگىلىكى—مۇڭغۇل كۆچمەن فېئودال تۈزۈمى›› (16)ناملىق كىتابمۇ ئۇيغۇرلار تارىخى تەتقىقاتىدا يىتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. كىتابتا كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى، قانۇنى ئورنى تەكىتلەنگەن ۋە ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئېكىسپىلاتسىيە ئۇسۇلى ۋە شەكلىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

    1947-يىلى ياكوبوۋېسكىي (A.Yu.Yakubovskiy)‹‹ ئەرەب، پارس مەنبەلىرىدىكى قۇچۇ خانلىقى(9-10-ئەسىرلەر)›› ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىدە ئاپتۇر ئەرەب، پارس يېزىقىدىكى تارىخى ماتېرياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ 9-10 ئەسىرلەردە تۇرپاندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان(17).

     گىرمانىيلىك ئاننا مارىيا فون گابائىن خانىم (Annemarie von Gabain) (1901-1993) بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، دىنى ۋە سەنئىتىنى تەتقىق قىلغان. پۈتۈن ئۆمرىدە 300 دىن كۆپرەك ماقالە ئېلان قىلغان. خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان، دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى ئالىم. ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇستازى  ۋېليام باڭ (W.Bang) بىلەن ئالتە توملۇق ‹‹تۈركچە تۇرپان تېكىستلىرى›› ، ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمالى› ھەققىدە تەتقىقات›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. 1941-يىلى ‹‹ قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى›› ناملىق ۋەكىللىك ئەسىرنى ئېلان قىلغان. 60-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنى ۋە سەنئەت تەتقىقاتى ساھەسىگە يۈزلەنگەن ۋە بۇ ساھەدىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

    40 -يىللارنىڭ ئاخىرى 50-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇ ‹‹ قەدىمكى تۈركلەر ھاياتىدا شەھەرنىڭ رولى››(1949-يىلى)، ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تارىخى››(1952-يىلى،‹‹ شەرقى ئاسىيا تەبئەت ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى خەۋەرلىرى›› گە بېسىلغان)،‹‹ تۈرك-ئۇيغۇرلاردا بۇددىزىم››(1954-يىلى، پروفىسسور مۇللىرنى خاتىرلەش ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن)، ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىلنامىچىلىكى››، ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇددىزىم››(1961-يىلى گوللاندىيىدە چىقىدىغان ‹‹ شەرقشۇناسلىق قوللانمىسى›› ناملىق ژورنالدا ئېلان قىلىنغان)، ‹‹ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى›› (1961-يىلى ماينېز پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشىر قىلغان، مەن بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى›› نىڭ 1980-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلدۇرغان)، ‹‹ تۇرپاندىن تېپىلغان بويۇملاردىكى مەتبەئە تېخنىكىسى››(1967-يىلى گىرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىللىق يىغىن دوكلاتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن قىسىمىغا بېسىلغان)، ‹‹ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا تۇرمۇش›› (2-قېسىم، 1973-يىلى، بۇ كىتابنى زۇرۇشەن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. كىتابنىڭ كېرىش سۆز قېسىمىدا  مېنىڭ گابائىن خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ماقالەم بېسىلغان)، ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىن ئومۇمىي بايان›› (1979-يىلى) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان موھىم ئىلمىي ماقالىلىرى بار.قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى تەتقىقاتى جەھەتتە ‹‹ ئۇيغۇرلاردا بۇددىزىم سەنئىتى›› (ئۇ بۇ ماقالىسىنى 1982-يىلى جۇڭگۇدا زىيارەتتە بولغاندا بەرگەن دوكلاتى ئاساسىدا يازغان،كېيىن بۇ ماقالە ‹‹تۈرك تىلى تەتقىقاتى خەۋەرلىرى›› نىڭ 1983-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان) ناملىق ئەسىرىدىن باشقا يەنە ‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹داساراجا سۇترا› دىكى ياغاچ ئويما قىستۇرما رەسىملەر تەتقىقاتى››⒅ ناملىق ئەسىرىمۇ بار.

    فرانسىيلىك ئۇيغۇر تارىخى مۇتەخەسىسى خامىلتۇن (J.Hamilton) 1954  -يىلى ‹‹ بەش دەۋر ئۇيغۇر تارىخى›› ناملىق دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملىغان، 1955-يىلى بۇ ئەسەر نەشىر قىلىنغان ( مەملىكېتىمىزدە بۇ ئەسەرنىڭ گېڭ شېڭ تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە نۇسخىسى بار، 1988-يىلى تۈزىتېلگەن نۇسىخىسى فرانسىيىدە قايتا  نەشىر قىلىنغان)، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1971-يىلى ئۇ ‹‹ دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىككى تېكىننىڭ ھىكايىسى›› ناملىق ماقالىسى بىلەن تۈرك ئەدەبىياتى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ( بۇ كىتابنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنغان)، 1983-يىلى ‹‹ دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان 9-10 ئەسىرلەردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يازمىلىرى ھەققىدە تەتقىقات›› (چوڭ ھەجىمدىكى ئىككى توملۇق ئەسەر) ناملىق ماقالىسى ئۇنى فرانسىيە دۆلەتلىك دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتۈرگەن. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىدە مەخسۇس ئەسەرلەردىن باشقا يەنە 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ موھىمى ‹‹ توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق ماقالىسىدۇر. ئۇ بۇ ماقالىسىدە : ئۇ تۈركشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئاتالمىش تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدا كۆرۈلىدىغان Toquz oghuz  (توققۇز ئوغۇز) نىڭ ئەمەلىيەتتە خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدىكى九姓  دېگەن سۆز ئىكەنلىكىنى، 九姓 دېگەن سۆزنىڭ Toquz oghush (توققۇز ئۇرۇق دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا oghush (فامىلە، ئۇرۇق ) دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدىكى Toquz (توققۇز) دېگەن سۆزدىكى z تاۋۇشىنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە oghuz دېگەن سۆزگە ئۆزگەرگەنلىكىنى، بۇ نوقتا خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەرگە ماس كىلىدىغانلىقىنى (خەنزۇچە مەنبەلەردە پەقەتلا九姓 ياكى 九姓 دەپ خاتىرلەنگەن 九姓乌古斯 دېگەن سۆز ئۇچرىمايدۇ). ئاتالمىش 九姓 (قەدىمكى تۈركچىدە توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىلىدۇ) دېگەن سۆزنىڭ ئەمەلىيەتتە九姓铁勒 ياكى铁勒九姓 دېگەن سۆزلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت توققۇز تېلى  九姓铁勒 نىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئون ئۇيغۇر (on uighur) دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

    1964-يىلى ئامرىكىلىق ئالىم سامولىننىڭ(W.samolin) ‹‹ 12-ئەسىردىن ئېلگىرىكى شىنجاڭ›› (بۇ كىتاب ئۇنىڭ 1961-يىلى يازغان ‹‹تارىم ئويمانلىقىنىڭ تۈركلىشىشى›› ناملىق دوكتۇرلۇق ماقالىسى ئاساسىدا يېزىلغان) ناملىق ئەسىرنى ئېلان قىلغان.

    1966-يىلى سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ئالىمى تىخىنوف (D.I.Tikhonov) ‹‹ 10-14 ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجدىمائىي، ئىقتىسادىي تۈزۈمى›› ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتاب (1) ئومۇمىي بايان، (2) 6-9 ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار، (3) شەرقى تەڭرىتاغدىكى ئۇيغۇر خانلىقى، (4) يېزا-ئىگىلىك، (5) شەھەر ۋە قول-سانائەت، (6) سودا ۋە جازانە قەرز، (7) ئىجارە ۋە ياللانما ئەمگەك، (8) يەرگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، (9) فېئوداللار ۋە ياللانما دىھقانلار، (10) يېزا-مەھەلىلەر، (11) مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت.⒆ (12) خاتىمە دىگەندەك باپلاردىن تۈزۈلگەن.

    1983-يىلى روس ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن ماليەۋكېننىڭ (A.G.Malyavkin)‹‹ 9-12 ئەسىرلاردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى›› ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان.

    1988-يىلى روس ئالىملىرى كوللىكتىپى) S.L.Tikhvinskiy ۋە B.A.Litvinskiy باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن) تەرىپىدىن تۈزۈلگەن كۆپ توملۇق (شۇ ۋاقىتتا تۆت تومى نەشىر قىلىنىپ بولغان) ئەسەر ‹‹ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا قەدىمكى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى شىنجاڭ تارىخى››⒇ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەر غەرب ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 1-تومىنىڭ 6-بابىدا قەدىمكى يۇنان، رىم مەنبەلىرىدىكى قەدىمكى شىنجاڭغا ئائىت ماتېرياللار كەڭ تۈردە پايدىلىنىلىپ، پەقەت خەنزۇ يېزىقىدىكى تارىخى ماتېرياللارغىلا تايىندىغانلارنى يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان. بۇ تومنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: (1) ئومۇمىي بايان، (2) تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، (3) تاش قوراللار دەۋرى، (4) مىس ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرى، (5) دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرى، (6) قەدىمكى رىم ۋە يۇنان تارىخى ماتېرياللىرىدىكى شىنجاڭ، (7) مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادى 6-ئەسىرگىچە بولغان شىنجاڭ، (8) 7-10 ئەسىرلەردىكى شىنجاڭ، (9) ئۇلۇغ يىپەك يولى، 2-تومى  ئاساسلىقى قەدىمكى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر، يازما مەنبەلەر ۋە دىنغا ئائىتتۇر، 3-تومى قەدىمكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، 4-تومى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ كېيىم-كىچەكلىرىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان.

    1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتىپاقىدىكى ئالىملار كوللىكتىپى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ قېسقىچە تارىخى›› ناملىق ئىلمىي ئەسەر خېلى ياخشى يېزىلغان بولۇپ ، بۇ ئەسەر تۆۋەندىكىدەك

    يەتتە باپتىن تۈزۈلگەن: (1) ئومۇمىي بايان، (2) ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمى دەۋرىدىكى شىنجاڭ، (3) مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنجى مېڭ يىلنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن مىلادىدىن كېيىنكى بىرىنجى مېڭ يىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى، (4) مىلادى 5-10 ئەسىرلەردىكى دەسلەپكى فېئوداللىق دۆلەتلەر ،(5) ھەر قايسى فېئوداللىق دۆلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى، (6) مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلار، (7) 9-13 ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى.

           2001-يىلى كامالوف ‹‹8-9 ئەسىرلەردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار›› ناملىق ئەسىرنى ئالمۇتادا نەشىر قىلدۇرغان.

    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ مەھكىمىسى 20-ئەسىرنىڭ 80-90 يىللىرى كۆپ توملۇق ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى›› نى يېزىشقا تەشكىللەپ نەشىر قىلدۇرغان (ھازىرغىچە بۇ كىتابنىڭ 5-توم 6-بابى نەشىر قىلىندى). بۇ كىتابنىڭ 4-بابىغا پروفىسسور دېنىس سىنور     (D.Sinor)يازغان ‹‹ئۇيغۇر خانلىقى›› ۋە مەن يازغان ‹‹ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى›› ناملىق ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن.

    1990-يىلى پروفىسسور دېنىس سىنور باشچىلىق قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇلغان‹‹كامبېرىج دەسلەپكى دەۋرلەردىكى مەركىزى ئاسىيا تارىخى›› ناملىق ئەسەردە ئاۋېسترالىيلىك ئۇيغۇرشۇناس كولىن ماكېرراس (Colin Mackerras)يازغان ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت مەخسۇس باپلارمۇ كىرگۈزۈلگەن (بۇ ئادەم 1972-يىلى ‹‹كونا تاڭنامە›› ۋە ‹‹ يېڭى تاڭنامە›› قاتارلىق تارىخى ماتېرياللارغا ئاساسەن ‹‹ئۇيغۇر خانلىقى›› ناملىق بىر كىتابنى يازغان)

    1992-يىلى ئامرىكا ئالىمى پېتىر گولدىن(Peter Golden) ‹‹ تۈركىي تىللىق خەلقلەر تارىخىدىن ئومۇمىي بايان›› ناملىق مەخسۇس ئەسەرنى يازغان، بۇ ئەسەرنىڭ 6-بابى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىتتۇر.

    1992-يىلى گىرمانىيلىك ئالىم ۋ. سىكالىپ (W.Schalipp)‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادا دەسلەپكى تۈركلەر›› ناملىق ئەسەرنى يازغان. ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى، (2) ئۇيغۇر خانلىقى، (3) شىنجاڭ ۋە گەنسۇدىكى ئۇيغۇر خانلىقى، (4) ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلار، ئۆرپ-ئادەتكە ئائىت كىتابلار ۋە دىنىي يادىكارلىقلار.

    ياپۇنىيىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربى يۇرت تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مەسىلەن، پىشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالىملاردىن خانىدا تورۇنىڭ ‹‹ غەربى يۇرت مەدەنىيەت تارىخى››، ‹‹ غەربى يۇرت كۈلتۇر تارىخى››، ‹‹دوكتۇر  يۈتىيەنخېڭ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى››، كوئۇئى گاۋامىنىڭ  ‹‹ تۈرك تارىخى›› (‹‹جۇڭگۇ چېگرا رايونلار تارىخى›› غا بېسىلغان)،‹‹ قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى تەرجىمە ئېزاھاتى›› ، يامادا نوبۇنىڭ ‹‹ يايلاق ۋە بوستانلىق››، ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى توختامنامىلەر توپلىمى››، خانىدا تورۇ ئاكارىنىڭ  ‹‹غەربى يۇرت ›› ‹‹مەركىزى ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتى››، مورى ماساۋنىڭ ‹‹ قەدىمكى كۆچمەن ئىمپىرىيە››،‹‹ قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتى›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.يىقىنقى يىللاردا شاۋگاتو ماساخىرو، ئۇمىمۇرا خىروشى، مورىياسۇ تاكىئو قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناسلار يىتىشىپ چىقماقتا.

    2000-يىلى خەلقئارا شەرقشۇناسلىق جەمئىيىتى تەشكىللەپ نەشىر قىلدۇرغان ‹‹ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈركىي مىللەتلەر تارىخى ›› (21) ناملىق كىتابقا مېنىڭ ئۇزۇن ھەجىملىك ئىلمىي ماقالەم ‹‹قەدىمكى تۈرك يايلاق خانلىقلىرى ››(نېمىسچە)، دېنىس سىنورنىڭ ‹‹شىمالىي چۆللۈك ئۇيغۇر خانلىقى(ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى دېمەكچى تەرجىماندىن››، پروفىسسور پېتىر زىمىينىڭ ‹‹قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ›› (نېمىسچە) ۋە خامىلتوننىڭ ‹‹گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ›› (فرانسۇزچە) ناملىق  ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.

    يۇقىرىدا غەرب ئالىملىرىنىڭ يىقىنقى 200 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئەھۋاللار قېسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. مېنىڭچە بىز ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىدا غەربتىكى  ۋە ياپۇنىيدىكى  ئالىملارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىگە نەزەر ئاغدۇرۇشىمىز يىتەرلىك بولمىدى.بۇنىڭدا كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبلەر بار. بۇنىڭ بىرى، مەملىكىتىمىز ئالىملىرىنىڭ  چەتئەل تىلى سەۋىيىسى ياخشى بولماسلىق، چەتئەلدىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماتېرياللارغا دىققەت-ئېتىبارىنى بۆلمەسلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.خەنزۇ يېزىقىدىكى ماتېرياللار شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ھەقىقەتەن موھىم، ئەمما بىردىنبىر مەنبە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈز يىلدىن بىرى، شىنجاڭدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپ قېسىمى چەتئەللەرگە ئەكېتىلگەن. ئۇلار بۇ جەھەتتە سۇ بېشىدىكى يەر بالدۇر سۇ ئېچىپتۇ دېگەندەك  قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ بۇ ساھەگە ئائىت مەخسۇس، يېڭى ئەسەرلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي نەشىر قىلدۇرماقتا.مەن جۇڭگۇدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللە ئۆرلەپ،  بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كىتىپتۇ دېگەن ماقال بويىچە جۇڭگۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا تىلەكداشمەن.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئىنكاس يېزىش كۆزنىكىڭىزنىڭ خەت سانى بەك قىسقا ئىكەن. مەقسىتىم سىز يۇقىرىقى ماقالىنى قايسى ژورنالدىن ئالغان؟
    ئەتتىرگۈل回复كروران说:
    man adatta maqalilarni tordin uchrighanda saqliwalimen .
    2010-12-31 02:10:44
  • گېڭ شىمىننىڭ "قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى مۇڭغۇل ئىگىزلىكى دەۋرىدىكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى' ناملىق ماقالىسىنى تەرجىمە قىلغانىدىم. بىرەر ژورنالغا بېرەي دىگەن، ماقالىنى بىرەر ژورنالدىن كۆچۈرگەنمۇ؟
    ئەتتىرگۈل回复كروران说:
    jawabim yoqarkidek . man adatta xinjinag madinyiti bilen , Jongguo millatliri zornilinimu daim korup turiman .
    2010-12-31 02:11:56
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.