ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2010-12-25

    ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا «خوتەن» نى تەخەللۇس قىلغان ئەدىبلەر - [ئۇيغۇر مەدىنيىتى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/92858934.html

     

     


    ئىمىن تاجى تۈرگۈن



    ئاساسىي مەزمۇنى : ھەممىزگە مەلۇمكى، خوتەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى جۈملىدىن شىنجاڭ تارىخىدا ئالاھىدە موھىم ئورۇن تۇتىدىغان قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆز تارىخىدا كۆپ خىل دىن، يېزىق ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش جەريانى بولغان ھەمدە يىپىك يولىنىڭ جەنۇبىي بەلبىغىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورنى بىلەن جوڭگۇ-چەتئەل ئالىملىرى، سەيياھلىرى، دىنى تارقاتقۇچىلىرى ۋە ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىكى ئاتەش ماكانغا ئايلانغان. بۇ دىياردا ياشاپ ئۆتكەن ئەدىب، شائىر، يازغۇچى ۋە ئەللەمىلەر ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق خاسىيەتلىك ماكاندا تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ يىتىلگەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن ھەمدە ئۆزىگە بۇ نامنى تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇ ئارقىلىق ئانا يۇرتىغا بولغان بىر خىل مېھرى-مۇھەببىتىنى، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىجادىيەت ئىشلىرىغا بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ماقالىدە قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ «خوتەن» نى تەخەللۇس قىلغان ئەدىبلەرنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى ۋە ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرىلىدۇ.   ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : خوتەن، ئەدىبلەر، ئەسەر، تەخەللۇس.

     



      خوتەن-تارىختا قاشتېشى دىيارى، شايى-ئەتلەس ماكانى ۋە گىلەم يۇرتى دېگەندەك ناملار بىلەن مەشھۇر. بۇنىڭدىن ئالتە-يەتتە مىڭ يىللار ئىلگىرى قەدىمكى خوتەنلىكلەر يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويغان، بۇنىڭدىن بەش-ئالتە مىڭ يىللار ئىلگىرى بولسا خوتەن قاشتېشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە ئوتتۇرا دىڭىز رايونى بويلىرىغا كۆپلەپ كىرگۈزۈلۈپ «يىپەك يولى»دىن ئىلگىرىلا «قاشتېشى يولى» شەكىللەنگەن.                       

     خوتەن مەدھىيىسى-كىلاسسىكلاردىكى بىر خىل ئىجادىيەت خاسلىقىدىن ئىبارەت.خەنزۇ شائىرلىرىدىن سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان نامەلۇم شائىرنىڭ «خوتەندە گۈل سەيلىسى» ناملىق شېئىرىدىن باشلاپ تىيەن جىيەن، فاڭ جىمىن، پارس شائىرلىرىدىن ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، شەيخ سەئىدىن، ھاپىز شىرازى، سابىر تېرمىزى، نادىرە قاتارلىقلار، تۈركىي شائىرلاردىن لۇتفى، ئەلشىر نەۋائي،سەككاكى، ئاتايى، ئابدۇرەھىم ھاپىز خارەزمى، ھۈۋەيدا، ھەيدەر خارازەمى، فۇرقەت، شاھ مەشرەپ، موللا نىياز قارى سابىر، مۇھەممەت رەھىم راغىبى، سەدائىي، ئابدۇراززاق ئەندىجانى، موللا بىلال نازىمى ،زەلىلى، نەۋبەتى قاتارلىقلار، زامانىمىزدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىقلارمۇ خوتەن ھەققىدە مەدھىيە ناخشىلىرىنى ياڭراتتى. بەزىلىرى خوتەنگە بىر بېرىپ كېلىش ئارزۇسىدا ئارماندا كەتتى. 

    20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىر « تارىخى ئەمىنىيە» ۋە بۇ كىتاب ئاساسىدا تولۇقلاپ يېزىپ چىققان ئەسىرى «تارىخى ھەمىدىيە» دە خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پىسخېكىسىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەپ چىققان. خوتەن ـ ناھايىتى قەدىمىي شەھەردۇر، ئاداملىرى گېپىدە چىڭ تۇرىدىغان، مۇستەھكەم ئىتىپاق خەلقتۇر. ئۇلار پىششىقلىقتا ۋە بېخىللىقتا تەڭدىشى يوق بولۇپ، تەقۋەدار، پەرھىزكارلىرى تولا، يامانلىرى ئاندىن تولا، ھەممە ئادەملىرى ھۈنەرۋەن ۋە كاسىپ، ئەقىل ۋە ئىدراكى زىيادە، تەدبىرلىك ۋە پاراسەتلىك ، ھۈنەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ خىرىدارغا ئوبدان كۆرسىتىپ قولىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولىدىن ئۆتكۈزۈشكە ماھىر خەلقتۇر.①. بىز بۇنىڭدىن خوتەن خەلقىنىڭ ناھايىتى ئەمگەكچان، ھۈنەرۋەن ۋە ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەيدىغان روھىنى كۆرۈۋالالايمىز. مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ زېمىن ۋە جاسارەتلىك، مېھرى ئېسسىق خەلقنىڭ قوينىدا چوڭ بولۇپ ئۆسكەن خوتەن دىيارىدىكى ئەدىبلەر بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرىلىنىپ « خوتەن» دىن ئىبارەت يۇرت نامىنى ئۆزىنىڭ تەخەللۇسى قىلغان. بۇ خوتەندىكى پارلاق مەدەنىيەت ۋە خوتەن خەلقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئەدىب – شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا بىر مەنىۋىي كۈچ بىغىشلىغان.

         خوتەندە يارىتىلغان پارلاق مەدەنىيەت ۋە مۇقەددەس ئىنسان خاراكتېرى (باش مۇھەررىردىن تولۇقلىما) كلاسسىكلارنى بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە دالالەت قىلغان ئەڭ موھىم ئىلھام بۇلېقىدىن ئىبارەت. ئىجتىھاتلىق پروفېسسور ئابدۇللا سۇلايمان باش تۈزگۈچىلىكىدە تۈزۈپ چىقىلغان «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلار بىر پۈتۈن خوتەن ئىنىسكېلوپىدىيىسىنى تەشكىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ مەدھىيە ناخشىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ توختاپ قالماي تېخىمۇ ياڭراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان موھىم ئىسپالارنىڭ بىرىدۇر.

       ئۇيغۇرلاردا تەخەللۇس ۋە فامىلە قوللىنىش ئەنئەنىسى خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . تەخەللۇس- ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئۇ يازغۇچى ، شائىرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدىن باشقا، ئۆزلىرىگە نام قىلىپ ئالغان ۋە ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن سۆزدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، شۇ كىشىنىڭ ئەدەبىي لەقىمىدۇر.

    ئۇيغۇر ئەدىب ـ شائىرىلىرى ئۆز ئىسمى ، ئاتىسىنىڭ ئىسمىدىن كېيىن ئۈچىنچى بىر ئىسىم ئورنىدا تەخەللۇس قوللىنىدۇ. ئەمما ئۇنى قەلەمكەشلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىدۇ. يەنى شائىرلار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ خۇلاسە مىسرالىرىدا

    خاس ئىسىمنىڭ ئورنىدا تەخەللۇسنى يالغۇز قوللىنىدۇ. شۇڭا بۇ كېيىنچە كىشىلەرگە ئەسلى ئىسىمدەكلا تونۇش بولۇپ كەتكەن. ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تەخەللۇسلار ئومۇمەن« مەشرەپ، زۇلپىقار » دېگەندەك ئىسىملاردىن، « لۇتفى، سەبۇرى، تەجەللى، سۈزۈك، ئۆتكۈر» دېگەندەك سۈپەت سۆزلىرىدىن، شۇنىڭدەك ئاخىرىغا « ئى » قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ سۈپەتلەشتۈرۈلگەن « قەشقەرى، خوتەنى، يېڭىسارى، سايرامى » دېگەندەك يەر-جاي ناملىرىدىن، ئۇنىڭدىن باشقا سۈپەتلەشتۈرۈلگەن باشقا ئىسىملاردىن تەشكىل تاپقان. نۆۋەتتە سۈپەتلەشتۈرۈلمىگەن نۇرغۇن ئورۇن ـ جاي ئىسىملىرىمۇ ئەينەن قوللىنىلىپ تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلە : « باغراش، كرورەن، بوغدا، كەلپىن» دېگەندەك.

    تەخەللۇسمۇ فامىلىگە ئوخشاش ئۆز ئىگىسى تەرىپىدىن قويۇلۇپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر مەنىلىك، ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە سىمۋۇللۇق سۆزلەر تاللىنىدۇ. بەزى تەىەللۇسلاردا شۇ ئەدەب ۋە شائىرىنىڭ مەقسەت –ئارزۇسى، شۇ ۋاقىتتىكى رىئال تۇرمۇشى ، جەمئىيەت قارىشى ئەكس ئەتتۈرلگەن بولىدۇ؛ بەزىلىرىدە ئۆزىنى كەمسىتىش، تۆۋەن كۆرۈش،  جەمئىيەتتىن نارازى بولۇش ئېڭى ئىپادىلەنسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭدا شۇ ئەدىب ۋە شائىرىنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋردىكى زامان شۇملۇقلىرىدىن نەپرەتلىنىش، بىزار بولۇش، ئۆز ھالىغا ئېچىنىش ، مەلۇم مۇددانى يوشۇرۇش ھىسياتى نامايەن قىلىنىدۇ. مەسىلەن : زەلىلى (خار)، گۇمنام (نامى ئۆچكەن)، مەھزۇن ( كۆڭلى پەرىشان)، ناقىس ( يىتەرسىز، كەم ) دېگەندەك.

    نۇرغۇن شائىرلار قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆز تەخەللۇسلىرىنى ئەستايىدىل تاللاپ، ئىزچىل قوللانغانلىقتىن ، ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا شۇ كىشىنىڭ ئەسلى ئىسمىدەكلا كەڭ ئومۇملىشىپ ۋە ئەسلى ئىسىمنىڭ ئورنىنى بېسىپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. مەسىلەن : ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى، نەۋائى قاتارلىق كلاسسىك شائىرىلىرىمىزنىڭ نامى ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلمەكتە. تارىخىمىزدا « خوتەن » نامىمۇ نۇرغۇنلىغان ئەدىب، شائىر ۋە باشقا ساھەدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن تەخەللۇس قىلىنىپ بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە ئەدەبىيات تارخىمىزدا «خوتەن» نى تەخەللۇس قىلغان ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى، ئەسەرلىرى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

        1. ئەلالىدىن مۇھەممەت خوتەنى : ئۇ مىلادى 1160-يىلى ھازىرقى خوتەن ناھىيىسىگە قاراشلىق بۇرزات رايونى (ھازىرقى باغچا يېزىسى) خەلىچە كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ دەل خوتەن خەلقى بۇددا دىنىدىن قايتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى ئومۇملىشىۋاتقان دەۋر ئىدى، كېيىن ئۇ قەشقەردىكى داڭلىق بىلىم يۇرتى بولغان ساجىيە مەدرىسىگە ئوقۇشقا كېرىپ ئەرەب، پارس تىللىرىنىلا ئىگەللەپ قالماستىن، دىنىي ئىلىم ۋە تېبابەتچىلىك ئىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ، ئۇ بۇ يەردە ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن خوتەنگە قايتىپ مۇدەررىسلىككە تەيىنلىنلەنگەن. بۇ ۋاقىتتا خوتەنگە قېلىچخان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى، بۇ جەرياندا تېبابەتچىلىك مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ۋە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلارنى توپلاپ «زەبدەتۇل قەۋانىل ئىلاج»(داۋالاش دەستۇرلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى) ئەسەرنى ۋە يالغان تېۋىپلارغا زەربە بىرىدىغان كىتاب «ئەلفىقىسۇن تېببىيە» ( تېببىي ئىلىم ھەقىقەتلىرى ) ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىت خوتەندە ئىلىم-مەرىپەت تازا تەرەققى تېپىپ، خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان شۇنداقلا يەنە نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك 1212-1214-يىللىرى خوتەنگە باستۇرۇپ كېرىپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلار ئىدى. ئۇ خوتەن خەلقىگە ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ بۇددا دىنىغا ياكى نىستۇرىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا زورلىغان . لېكىن ئاۋام خەلق ھەر ۋاقىت قارشىلىق قىلغان ۋە ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ دىنىي بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ خوتەندىكى   3000 دىن ئارتۇق دىنىي ئۆلىما قاتارىدا ئەلالىدىن مۇھەممەت خوتەنىمۇ بۇ مۇنازىرىگە قاتنىشىپ ئۇتۇپ چىققان . شەرمەندە بولغان كۈچلۈك مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي مۇنازىرىگە قاتناشقان ئاشۇ 3000 دىن ئارتۇق دىني ئۆلىمانى قەتىلى قىلىۋەتكەن ، ئۇنىڭ جەسىتى ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلغان مەدرىسىنىڭ ئالدىدىكى قەبرىستانلىققا قويۇلغان . كېيىن بۇ جاي خەلقنىڭ تاۋاپگاھىغا ئايلىنىپ «ئەللامە بۇزرۇكۋار مازىرى» نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بولىدۇ. خوتەن خەلقى ھازىرمۇ ئاشۇ جايغا بىرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ.

         2. موللا ئارىپ خوتەنى : ئۇ 14-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تېبابەتچىلىكىدە مول نەتىجە ياراتقان ئەدىب ۋە تېبابەت ئالىمىدۇر. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قانداق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق .  لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ بۇ جەھەتتىمۇ بەلگىلىك ئەمگەكلەرنى قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان «تۈركىي دەستۇرۇل ئىلاج»( تۈركىيلەرنىڭ داۋالاش دەستۇرى  ياكى جەۋھەرلىرى دېگەن مەنىدە،  بۇ دەۋردە تۈركىي دېگىنى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ ) ناملىق تېبابەتچىلىككە ئائىت ئەسىرى خىلى زور بولغان ئىلمىي قىممىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا، بۇ ئەسەر شۇ دەۋردىكى تېبابەتچىلىككە ئائىت ئەڭ موھىم بايانلار، دورا ياساش ئۇسۇللىرى، ھەر خىل دورىلارنىڭ شىپالىق رولى، ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ يېزىلىش بىلەنلا قالماستىن، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تىبابەتچىلىكتە موھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە رول ئوينىماقتا. بۇ ئەسەر 14-ئەسىر تۈركى مىللەتلەر تىبابەتچىلىك نەمۇنىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا يېزىلغاچقا، شۇ دەۋر پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدرىسلىرىدىمۇ دەرسلىك ماتېرىيالى سۈپېتىدە قوللىنىلغان.

        3 . ئەمىر خوتەنى : ئۇ تىمۇر كوراگان ئەۋلادىدىن بولۇپ، يەكەن خانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدىخان ۋە «تارىخى رەشىدىي» نىڭ ئاپتۇرى نىرزا ھەيدەر كوراگان بىلەن ئانا تەرەپتىن بىر نەۋرە بولۇپ ، زەھۇرىددىن مۇھەممەد بابورنىڭ نەسەبلىرىدىندۇر. يەنى 16-ئەسىردە ياشاپ، ئىجادى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىر دۆلەت ئەربابى سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ تۇغقانلىرىدىندۇر.

    ئۇنىڭ قاچان ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ۋە ھەقىقىي ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بۈگۈنگىچە سىر، لېكىن ئۇ خوتەندە تۇغۇلۇپ بالىلىق دەۋرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. كېينكى ۋاقىلاردا بەدەخشان ۋە خوجەند قاتارلىق جايلارغا ئەمىرلىككە تەيىنلىنىپ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئۆز يۇرتى خوتەننى تەشنالىق بىلەن سىغىنىپ تۇرغان ۋە ھەر بىر غەزىلىدە خوتەننى تېلغا ئالماي قالمىغان.

    ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسى ئورنىنى ئىلمىي ئىجادىيەت ئالدىدا ھىچقانچە كۆرمەي مەنسەپ نامىنىڭ ئاخىرىغا «خوتەن» نى تەخەللۇس قىلغان. ئۇ ئۆز دەۋرىدە مەملىكىتىنى (ئادەتتە ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان ۋىلايەت) ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپلا قالماستىن مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىلىم ئەھلى ئۈچۈن ئىلمىي پائالىيەت شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئۇنىڭ غەزەللىرى ناخشا تېكىستى قىلىنىپ، سورۇنلاردا ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇشى بىلەنمۇ مەشھۇر بولغان.ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا پارس تىلىدا يېزىلغان شېئىرلىرىمۇ ئۇنى شېئىرىيەت ساھەسىدە تونۇتقان. ئۇنىڭ«دىۋان ئىرفان ئەمىر فەرغانە» ( پەرغانە ئەمرىنىڭ دىۋانى ) ناملىق بىر كىتابى دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن. ئەسەرنىڭ يىرىمى پارسچە، يىرىمى چاغاتايچە بولۇپ ئاپتۇرنىڭ سۆزىدە ئۇنىڭ ھاياتىدىن قېسقىچە مەلۇمات بىرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بۈگۈنكى شېئىرىيەت تەتقىقاتچىلىرى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەزمۇنلار بار.

         4. موللا نىياز خوتەنى :  ئۇ 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1777-يىلى تۇغۇلغان ۋە  20 نەچچە يېشىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجاىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە فېئودالىزىمغا قارشى روھ جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ، ئۇ ئۆمرىدە كۆپلىگەن نەزمە، تارىخ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ،دەۋرىمىزگىچە يېتپ كەلگەن 2080 مىسرالىق تارىخى داستانى «تەزكىرەئى ئىمام زەبىبۇللا»، «ئەرزنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن باشقا «قىسەسۇل غەرايىپ» ناملىق ئەسىرى بار.

    شائىرنىڭ «قىسەسۇل غەرايىپ» ناملىق ئەسىرى خوتەن خانى ئابدۇلئەزىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ بىرىنجى قېسىمىدا، نوھ ئەلەيھىسالامدىن باشلاپ چىڭگىزخانغىچە، ئىككىنجى قىسىمىدا، چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى نەسەبى، تۇغۇلۇشى ۋە جەڭ قىرغىنچىلىقى، ئۈچىنجى قېسىمىدا، ھومايۇن پادىشاھنىڭ نەسەبى توغرىسىدىكى ۋەقەلەر، قىسسەلەر ۋە رىۋايەتلەر بايان قىلىنىغان. بۇ كىتابنىڭ ئەسلى قوليازمىسى گۈيجۇ ئۆلكىلىك كۈتۈپخانىدا ساقلانغان بولۇپ، بەزى جايلىرى ئۆچۈپ كەتكەچكە ئوقۇش بىر قەدەر قىيىن.

    5 .مەھزۇن خوتەنى :  شائىرنڭ ھاياتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بىز شائىرنىڭ ھاياتى ۋە يۇرتىغا دائىر پاكىتلارنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن بىلەلەيمىز. شائىرنىڭ يۇرت كېزىپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا :


    تۇت ئەي ساقى، ماڭا بىر جامى قاتىل،

    مەلال ئەتتى ئەجەپ رەنجى خۇمارىم.

    ‹‹مەنى مەھزۇن نېتەي بۇ غۇربەت ئىچرە،

    خوتەن مۈلكى مېنىڭ ئېردى دىيارىم.

     

    دەپ يازغان مىسرالىرىدىن ۋە بىر قېسىم شېئىرلىرىدا 18-ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن خوجا ئىسھاقنى تىلغا ئىلىشىغا ئاساسلىنىپ ، مەھزۇن خوتەنى ئىسىملىك بۇ شائىرنىڭ خوتەنلىك ئىكەنلىكىنى ، 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىرىمىدا ياشاپ ئىجاد قىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ⑤

    شائىر قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان ۋە كۇچا قاتارلىق جايلارنى كېزىپ يۈرگىنىدە جەننەت سۈپەت دىيارى خوتەننى كېچە-كۈندۈز سىغىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ بارغانلىقى ۋە ئالتە شەھەرنىڭ بىرەرسىدە ۋپات بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. شائىرنىڭ بىزگىچە يتىپ كەلگەن ھەر خىل تېمىدىكى لېرىك شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «دىۋان ماھزۇن» ناملىق ئەسەر ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرىدۇر. شائىر دىۋاندا ئۆزىنىڭ يۇرتىغا بولغان سىغىنىش مۇھەببىتىنى، سۆيگۈگە بولغان ساداقىتى ۋە يار ۋىسالىغا يېتىش يولىدىكى ئارزۇ-تىلەك، ئىنتىزارلىق كەيپىياتلىرىنى، زۇلۇمغا بولغان نارازىلىقىنى، ھايات لەززەتلىرىنى ئەزەل بىلىشتەك پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى، كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

    «دىۋان مەھزۇن» 215 غەزەل ۋە مۇنازىرە تېمىسىدىكى بىر ئىبرەتلىك شېئىردىن تۈزۈلگەن.«قوغۇنلار ئۆز-ئارا ھۆرمەت تالاشتى» دېگەن مىسرا بىلەن باشلانغان مۇنازىرە ژانىرىدىكى ئىپىك شېئىرى ئەسەر تېپىگە كىرىدىغان ئاخىرقى شېئىرىدا شائىر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىيىاتىمىزدا كۆزگە چىلىقىدىغان «مىۋىلەر مۇنازىرىسى» تېمىسىغا مۇراجەت قىلىپ قوغۇنلارنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق خوتەن جەمئىيىتىدىكى چوڭ-كىچىك فىئودال ھۆكۈمران ، ئەمەلدارارنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇملىرىنى، نەپسانىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈك قاتارلىق رەزىل قىلمىشلىرىنى قاتتىق ھەجىۋى قىلغان.

           6.ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خوتەنى : 1980يىلى خوتەن دىيارىدىن «دىۋان بىلال» ناملىق قوليازمىنىڭ تېپىلىشى بىلەن شائىر ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خوتەنىنىڭ نامى ئەدەبىياتىمىزغا مەلۇم بولدى. بۇ قوليازما شائىر ۋاپاتىدىن تەخمىنەن بىر ئەسىر كېيىن خەتتات موللا نىياز تەرىپىدن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى بىر قىسىم پاكىتلىق ماتېرىياللار ۋە ئۇنىڭ ئىشلەتكەن تىل، ئەدەبىي ئۇسلۇبتىكى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۇنى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئىجاد ئەتكەن شائىرلارنىڭ بىرى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

    ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خوتەنىدىن ئىلگىرى مەشھۇر كېلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن ئەلىشىر نەۋائى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران ئەدەبىياتى تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتقان ۋە ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە بولغان مەشھۇر شائىرلاردىن شەيخ پەرىددىن مۇھەممەد ئەتتارىنىڭ «مەنتىقۇت تەير» ناملىق ئەسىردىن ئىلھام ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن خەلقمىز ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان «لىسانۇت تەير» (قۇشلار تىلى) ناملىق يېرىك پەلسەپىۋىي داستانىنى يېزىپ چىققانىدى. 18-ئەسىرگە كەلگەندە، يەنى نەۋائىدىن تەخمىنەن ئۈچ ئەسىر كېيىن ئىبراھىم ئىبنى يۈسۈپ خوتەنى خۇددى ئەلىشىر نەۋائىغا ئوخشاش پەرىدىدىن ئەتتارىنىڭ ئەسەرلىرىدىن زوق ئېلىپ ئەينى دەۋر خوتەن لەھجىسى بىلەن 157 بۆلۈم، 4670 مىسرادىن تەركىب تاپقان «مەنتىقۇت تەير» ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان ئىدى.

    شائىر بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ جانلاندۇرۇش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، سىمىۋۇللۇق خارەكتىرلىك بىر نەچچە قۇشنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق ئىجتىمائىيەت، ئەخلاق، ھايات ھەققىدىكى پەلسەپىۋىي سىمۋۇلىستىك ئوبرازلار تەسۋىرى ۋە ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسسۇل ئاقىلىق ئىخچام بايان قىلىپ، تەمەخورلۇق، ئاچكۆزلۈك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان نەپسانىيەتچى ، تويماس ئادەملەرنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن رىئاللىققا يانداشقان ھالدا ئادالەتپەرۋەر ئادىل شاھ، ئەمەلدارلارنى قىزغىن مەدھىيلەيدۇ.

          7. موللا نىياز مۇھەممەد ئوشۇر ئوغلى خوتەنى : ئۇنىڭ خوتەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بار، لېكىن قاچان ۋاپات بولغانلىقى ۋە قانداق ئىجادىي ئەسەرلەرنى يازغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر ئەسىرى «تارىخى شاھرۇخى» بولۇپ، 1855-يىلى قازاندا نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەردە ئۆزبىك مىللىتىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققى قىلىشى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئۆزبىك جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى سەھنىسىگە چىقىش ، سىرتقا كېڭىيىش ۋە ئەتراپتىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان سىياسى، ئېقتىساد ، مەدەنىيەت  مۇناسىۋەتلىرى ۋە شۇ دەۋر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئۇرۇشلارنى، قېسقىسى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۆزبىكلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە خېلى كۆپ، ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنى بىرەلەيدىغانلىقى بىلەن موھىم ئەسەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.⑥

          8. مۇھەممەت سىدىق خوتەنى :  ئۇ خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمى خوتەندە ئۆتكەن ۋە خوتەن ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇماتلارنى قالدۇرغانلىقى مەلۇم، ئۇ 18-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇرىدۇ.ئۇنىڭ بىزگە يىتىپ كەلگەن بىردىنبىر قوليازمىسى «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» دۇر. بۇ ئەسەر 624 بەت بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە خېلى مۇكەممەل ساقلانغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى، بۇ ئەسەردە ئىسلام دۇنياسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 93 ئەۋلىيانىڭ تەرجىمھالى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى پائالىيىتى، ھېكمەتلىك سۆزلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

           9. مۇھەممەت يۈسۈپ خوتەنى :  ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ھازىرغىچە تېپىلمىدى، ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر داستان «غېرىپ-سەنەم» داستانىنى 1924-1925-يىللىرى قەلەمگە ئېلىپ، قايتىدىن  رەتلەپ ئىش قوشۇپ ئىجادىي خارەكتىردىكى ئەسەرگە ئايلاندۇرغان .ئاپتۇر ئەسەردە  ئىلگىرىكىگە قىسمەن ئوخشمىىغان ھالدا غىرىپ ۋە سەنەمدىن ئىبارەت بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنىڭ سۆيگۈ ساداقىتى يولىدا ئاجايىپ كەچمىش، سەرگۈزەشتىلىرىنى ۋە نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كۆچۈرۈپ، ئاخىرى ۋىسال تاپقانلىقىدەك ئەگرى-توقاي ھاياتىنى ناھايىتى ئوستىلىق بىلەن يېزىپ  چىققان.

    10. موللا تۇردى خوتەنى : ئۇنىڭ قەيەردە تۇغۇلۇپ، قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. يىقىندا خوتەن ناھىيىسىنىڭ باغچا يېزىسى تەۋەسىدە موللا تۇردى خوتەنىنىڭ بىر قوليازما دىۋانى تېپىلدى، خوتەن قەغىزىگە 12×18 سانتېمىتېر ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكتە چىرايلىق قىلىپ كۆچۈرۈلگەن بۇ كىىتابنىڭ باش-ئاخىرى تولۇق بولۇپ، 2240 مىسرادىن تەركىب تاپقان، شائىر بۇ كتابىنى مىلادى 1878-يىلى يېزىپ تاماملىغان. ئۇنىڭدا 17 چوڭ ماۋزۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا پاساھەتلىك تىل ئارقىلىق ئىخچام ۋە چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن. ئالدىنقى تېمىلاردا قويۇق دىني ئەھكاملار بايان قىلىنسا، كېيىنكى تېمىلار، مەسىلەن، «ھازىرقى جاھان ۋاقىئاتلىرى»،«ئىنساپلىق ۋە دىيانەتلىكنىڭ بايانلىرى»، «جامائەتكە قوشۇلماقلىقنىڭ پەزىلەتلىرى» قاتارلىق دەۋر رىئاللىقىغا زىچ ياندىشىپ، ئاپتۇرنىڭ لېرىك ھىسياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. ھازىر بۇ دىۋاننىڭ قوليازمىسى خوتەندىكى ئۇستاز يازغۇچى مەتقاسىم ئابدۇرخماننىڭ قولىدا ساقلانماقتا.

    11. مۆمىن ئىبنى سابىت خوتەنى : ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. پەقەت ئۇنىڭ 19-ئەسىردە «ئادا بول مۇتەئەللىم» ناملىق مائارىپچىلىق ئىدىيىسى تەرغىپ قىلىنغان ئەسەرگە شەرھ يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەر 169 بەت بولۇپ، ئەسەرگە «شەرھى ئادا بول مۇتەئەللىم» دەپ نام قويغان، بۇ ئەسەر شۇ دەۋر تارىخىغا نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويغان مائارىپ مەسىلىلىرى ، مەدرىسلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، مەدرىسە مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە مائارىپتا قانداق قىلغاندا مۇۋەپپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە خېلى  مۇپەسسەل بايانلارنىڭ بارلىقى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

    12. ئابدۇرېھىم ئىبنى ئىسلام خوتەنى :  ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان ۋە  ئىجادىيەت، تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دەپلا مەلۇمات بار. باشقا مەلۇماتلار نىسبەتەن كەم، ئۇ مىرزا فازىل جورراسنىڭ «ئانسەتتالبىن» (كېيىنكىلەر بۇ كىتابقا «تارىخ» دەپ ئات قويغان، ئاپتۇر ئۆزى « تارىخى رەشىدىينىڭ داۋامى» دېگەن نامدا يازغان، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى بۇ كىتابنى 1988-يىلى « سەئىدىيە خانلىقىغا ئائىت تارىخى ماتېرىياللار» دېگەن نامدا نەشىر قىلغان) ناملىق ئەسىرىنى 1914-1915-يىللىرى  خوتەندە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان، ئەمما ، ئەسەرنىڭ بەت سانى ئېنىق ئەمەس.

    بۇ ئەسەر بىر مۇقەددىمە، 61 باپ ۋە بىر خاتىمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ نەسەبنامىسىنى، مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خوجىلارنىڭ (ئەمەلىيەتتە ئۇلار پەيغەمبەر ئەۋلادىدىن ئەمەس، ئەينى دەۋردە پەقەت خەلقنى ئالداش ئۈچۈنلا ئۇلار شۇنداق سالاھىيەت بىلەن مەيدانغا چىققان)كېلىپ چىقىشى، كاسان خوجىلىرىنىڭ شىنجاڭغا پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان.ئەسەرنىڭ قوليازمىسى ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستېتوتىدا 137-نۇمۇر بىلەن ساقلانماقتا.

    13.مۇسا خوتەنى :  ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا خوتەن شەھىرنىڭ گۈلباغ مەھەلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرلىرىدە خوتەندىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان ۋە بۇ جەرياندا ئەرەب، پارس تىللىرىنى ۋە خەتتاتلىقنى قىتىرقىنىپ ئۈگەنگەن. 1920-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇ ئۆز دەۋرىدە زور تەسىرگە ئىگە ئەدىبلەردىن موللا نازىم موللا  نىيازى ۋە نەۋرۇز يۈسۈپلەر بىلەن قەشقەرگە كېلىپ قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر ئەدىبلەر بىلەن چەتئەل ئەكسىيەتچى كۈچلىرى ۋە چىرىك ياڭ زىڭشىن ھۆكۈمىتىنىڭ بېسمىدا ئىزىلىۋاتقان خەلقىمىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندەيدىغان جەڭگىىۋار شېئىرلارنى ۋە باشقا ئەسەرلەرنى يېزىپ 1920-1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ بۇ جەرياندا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرى نورۇز يۈسۈپى، قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئىززەت قەشقەرى قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 1923-1924-يىللىرى «ئويغان ۋە ئىنقىلاب ئەشئارلىرى»، «ئاسارەت ۋە زالالەتكە ئوق ئات» دىگەن ناملار بىلەن كىتاب قىلىپ باستۇرۇلۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىغا قارقىتىلىپ زور تەسىر قوزغىغان.

    14. ئەمىر نۇرئەخمەتخان خوتەنى :  ئۇ 19-ئەسىرنىڭ 20 -ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇر دىمۇكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ موھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، 1911-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەن قاراقاش ناھىيىسىدە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەلۇماتنى قاراقاشتا ئالغاندىن كېيىن 1925-1926-يىللىرى قەشقەرگە كېلىپ خانلىق مەدرىسنىڭ مۇدەررىسلىرىدىن بىرى، قەشقەرنىڭ قازى كالانى  ھامىد مەھمۇدمنىڭ ئوغلى ئەخەت قارى كاشىغەرىدە ئوقۇغان  ۋە بىر مەزگىل بۇ يەردە تۇرۇپ قالغان.

    ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ ھەرپ-نەھۋىلىرىنى، تەجۋىد قائىدىسىنى، ئىلمىي مەنتىق، ئىلمىي فىقىھ قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈپلا قالماستىن، ھۈۋەيدا، سوپى ئاللا يار ۋە نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلغان.

    شائىرنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئۈگۈنۈپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت قاينىمىدا غۇلاچ تاشلاۋاتقان مەزگىلى دەل 1931-يىلى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىڭىنىڭ ئوت يالقۇنى پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتاشقان ، تۇرپان، كۇچا، قەشقەر ۋە خوتەن خەلق قوزغىلاڭلىرىمۇ پارتىلاپ، جىن شۇرىننىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە شىددەت بىلەن ئوت ئېچىۋاتقان دەۋرگە توغرا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن شائىر قەشقەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنى تاشلاپ، ئۆز يۇرتى قاراقاشقا كېلىپ دىھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە يەكەن، خوتەندىكى ئەكسىيەتچىلەرنى تارمار قىلىشتا زور كۈچ كۆرسەتكەن. كېيىن ئەمىر ساھىب مەرتىۋېسىگە ئىگە بولۇپ، 500 ئەسكەرگە باشچىلىق قىلىپ ، خوجىنىياز ھاجى رەھبەرلىكىدىكى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە قەشقەر يېڭىسارنى مۇداپىئە قىلىش جېڭىگە قاتناشقان، بىراق بۇ مۇداپىئە جېڭىدىن خوجا نىياز  ھاجىنىڭ قوشۇنلىرى يەكەنگە چىكىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، ئەمىر نۇرئەخمەتخان خوتەنى ماجوڭيىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن يېڭىسار قەلئەسى ئىچگە قورشىلىپ 23 كۈن قورشىلىپ شىددەتلىك جەڭ قىلىپ 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى پۈتكۈل ئەسكەرلىرى بىلەن باتۇرلارچە قۇربان بولغان.⑩

    شائىرنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەسىرى- ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق كۈنەس ناھىيە قاراسۇ يېزا مەسچىتىنىڭ ئىمامى نىياز  ساقلاپ كەلگەن   18  فورمات، 16 بەتلىك «ئەمىر نۇئەخمەتخان خوتەنىنىڭ ئەسىردىن بىر ئاز نىشانە» ناملىق ئەسىرىدۇر، شائىرنىڭ باشقا ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بار. لېكىن ھازىرغىچە تېپىلمىدى.

    قېسقىسى ، خوتەن تېمىسى كلاسسىكلاردىكى بىر خىل ئىجادىيەت خاسلىقى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتىدا ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلگەن. كلاسسىكلار بولسا خوتەن تېمىسىنى ياخشى يۇرۇتۇپ بىرىش بىلەن بىللە يەنە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەنلىكىدىن بىر خىل  پەخىرلىك ھىسياتتا بولغان. خوتەن مەدھىيىسى يەنە بۈگۈنكى كۈندىمۇ توختاپ قالمىدى ھەم توختاپ قالمىغۇسى. 

     


    ئىزاھاتلار :

    ① موللا مۇسا سايرامى : « تارىخى ئەمىنىيە»【M】،(مۇھەممەت زۇنۇن نەشىرگە تەييارلىغان)، ئۈرۈمچى : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003،2،401.

    رەجەپ يۈسۈپ : «ئەللامە مۇھەممەت ئەلالىدىن خوتەنى ھەققىدە»J،«يېڭى قاشتېىشى» ژورنىلى، 1997- 4

    مەمتىمىن يۈسۈپ : « باياز» (2-قىسىم)M،بېيجىڭ:  مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995، 1، 17 .

    ⑤ مۇھەممەت روزى مەھمۇت : « ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا»【J】، «خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تىخنىكومى ئىلمى ژورنىلى»، خوتەن : 2004- 2.

    مۇھەممەت توختى ئەھمەد : «خوتەن دىيارىدىن چىققان بىر قىسىم كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى نامايەندىلىرىنىڭ ئىجادىيەت مىۋىلىرى&r


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.