-
2010-06-28
بولمىسا - [ئەدەبى ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/67358191.html
كىم سېنى ئادەم دېگەي ئىنسانى خىسلەت بولمىسا،غۇنچىدەك ھۆسنۈڭگە خاس ئەخلاق پەزىلەت بولمىسا.قىپ-قىزىل بىر پارچە گۆشتۇر تەندىكى سوققان يۈرەك ،ئۇندا زەررە چىن مۇھەببەت ۋە ياكى نەپرەت بولمىسا .كىم دېگەي قەلبى گۈزەل، ۋىجدانى پاك،ئەخلاقى ساپ،ئەل ۋەتەن ئىشقى ئۇنىڭ قەلبىگەئۈلپەت بولمىسا .سايىسىز قاخشال دەرەققە قونمىغاي قۇشمۇ ئاسان ،يول بېسىپ كەلگەندە چاڭقاپ جانغا لەززەت بولمىسا .يەتسىمۇ ئاسمانغا بېشىڭ بولمىسا تۆھپەڭ ئەگەر،يەردە ياتقان خەس ئىرۇرسەن، ئەلدە ھۆرمەت بولمىسا .باي ئەمەس بىچارە قۇلسەن بولسىمۇ ئالتۇن تېغىڭ ،دىل غەزىنەڭ تۆرىدە مىسقالچە ھىكمەت بولمىسا .پەرق نىمە تۇپراق گىيادىن ئادىمى ئەۋلادىنىڭ،ئۆز-ئارا سۆيگۇ ساداقەت ، مېھرى-شەپقەت بولمىسا .ئەي! ئىنسان. سەن ئۆزۈڭنى يۈرمىگىن ئادەم ساناپ،سەندە ئادەمگە مۇناسىپ قەدرى قىممەت بولمىسا .历史上的今天:
ئۇر توقماق چۆچىكىدىكى ھېكىمەتلەر... 2009-06-28قەشقىرىم 2009-06-28قارلىق تاغ شەجەرىسى 2009-06-28پرومىتى ۋە ئادەم 2009-06-28ئىبرەت ۋە ھېكمەت 2009-06-28
收藏到:Del.icio.us
评论