-
2009-06-28
ئۇر توقماق چۆچىكىدىكى ھېكىمەتلەر... - [ھىكمەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41596835.html
1.جىگدە بىلەن جان بىقىش كۆرىنىشى ---نامراتلىقتا قالغىنىڭ بارلىقىڭنى ساتقىنىڭ.
2.قان سوۋۇپ قاغىنى تۇتۇۋېلىش---تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەغدىرىڭ شۇنداق بۇلار.
3.بىسمىللا دەپ قەدەم ئېلىش---ئەقىيدە ، ئېتىقاد ئاسايىشلىق ئىشلارنىڭ ئاساسى.
4. تۈگمەنچىگە ئىشىكىمنى ساڭقاڭ ئىشىكىم دىمەي ساقلاپ قويۇڭ---ئۆزەڭ ساقلىيالمىغان سىرنى ھىچ كىم ساقلىيالمايدۇ.
5. قايتا-قايتا سادىر قىلغان خاتالىق---تەجربە يەكۈنلىمىگەن خاتالىق بىھۇدە ئۆتۈلگەن دەرس.
6. پادىشاھ تېزەك ئاستىدا قالدى---ئىسىلزادە بولساڭمۇ ئاچ كۆزلۈك سېنى پوق قىلىدۇ.
7. ئۇر توقمىقىم ئۇر دىمەي ساقلاپ قويسىلا---بۇيرۇق يا بولسا ئوق! يا بولسا پوق!
8. پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بېسىپ كېلىشى---بايلىق زورلۇق كۈچى ئارقىلىق تارتىۋىلىنىدۇ، يەنىلا زور ئەمىلىي كۈچ ئارقىلىق قايتۇرۋىلىنىدۇ.
9. قېرى باغۋەننىڭ خەۋەر يەتكۈزىشى---ئۆزلۈك بىرلىكى شەكىللىنىش مۇۋاپپەقىيەتنىڭ ئاساسى.
10. لەشكەرلەرنىڭ ساي تىشىدەك قىرلىشى---مەلۇم ھاكىميەتنى قۇرۇش ،گۈللەندۈرۈشكە نۇرغۇن ئاۋامنىڭ قان-تەرىي سىڭگەن بولىدۇ . ئاۋامنىڭمۇ ھەسسىسى بارلىقىنى ئۇنتۇلغان ھاكىميەت چىرىكلەشكەن ھاكىميەتتۇر.
11.بوۋاينىڭ پادىشاھ بولۇشى ---تار دائىرىدە « تىك تۇرغان دىھقان تىز پۈككەن بايۋەتچىدىن ياخشى.» كەڭ دائىردىن ئالغاندا « ئىچىل داستىخان » دەك نۇرغۇن ئەمگەك مەھسۇلاتى يارىتالايدىغان روھ، « ئالتۇن ساڭقايدىغان ئىشەك » تەك ئىقتىسادىي كۈچ، «ئۇر توقماق»تەك قانۇننى توغرا ئىجرا قىلىدىغان ئورگان ۋە قانۇنىي كۈچ بولغاندىلا ھاكىميەت ھاكىميەت بولىدۇ....
مەنبە؛ قەلىمىم历史上的今天:
بولمىسا 2010-06-28قەشقىرىم 2009-06-28قارلىق تاغ شەجەرىسى 2009-06-28پرومىتى ۋە ئادەم 2009-06-28ئىبرەت ۋە ھېكمەت 2009-06-28
收藏到:Del.icio.us