ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-27

    ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر - [ھىكمەتلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41573529.html


    ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ، پەقەت ئۇلار ئارقىلىقلا ئەرلەر ئۆزلىرىدىكى بارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلالايدۇ.
    ناۋادا ئاياللار دۇنيادا بولمىغان بولسا ، بۇ دۇنيا كەم دىگەندە ئوندىن بەش ئۈلۈش چىنلىقىنى، ئوندىن ئالتە ئۈلۈش ياخشىلىقنى ، ئوندىن يەتتە ئۈلۈش گۈزەللىكنى يوقىتىپ قويغان بولاتتى.
    ئىنسان ئىڭەلەپ يەرگە چۈشكەن ۋاقتىدىن باشلاپ، ئاياللارنىڭ كۆكسىدىن ھاياتلىق تەمىنى تېتىيدۇ، بۇۋاقلار گۇڭراشنىمۇ، ھەجىلەپ گەپ قىلىشنىمۇ ئاياللاردىن ئۇگىنىدۇ. بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يىغىمىزنىمۇ ئاياللار پەسلىتىدۇ، بىزنىڭ ئاخىرقى نەپسىمىزمۇ كۆپ ھاللاردا ئاياللارنىڭ يېنىدا توختايدۇ........
    پاجىئەلىك دۇنيا ،قۇرۇپ كەتكەن باغلار، تەركىدۇنيالىقتىكى ئەرنىڭ ئاھ ئۇرۇپ خۇرسىنىشلىرى-بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئايالنىڭ كۈلۈپ كېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ!
    ئەگەر ئاخىرقى ھېساپتا مېۋە بىرەلمىسەڭ ، بىر چېچەك بولۇپلا ئۆتكىن؛ ئەگەر ئاخىرقى ھېساپتا  پورەكلەپ ئېچىلالمىساڭ، يوپۇرماق بولۇپلا ئۆتكىن؛ ئەگەر يوپۇرماق بولۇپ قۇرۇپ سارغىيىپ  كەتسەڭ، دەرەخنىڭ يىلتىزى بولۇپ ئۆتكىن؛ ئەگەر يىلتىزمۇ بولالمىساڭ، بىراقلا بىر ئوچۇم لاي-توپا بولۇپ  كەتكىن !
    ئىشىكنى يېپىپ ئاياللارنىڭ ئىستىداتىنى سولاپ قويسىڭىز، ئۇ دەرىزىدىن چىقىپ كېتىدۇ؛ دەرىزىنى يېپىپ قويسىڭىز، ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قېچىپ چىقىدۇ؛ ئىشىكنىڭ يوچۇقىنى ئېتىپ قويسىڭىز، ئىس-تۈتۈن بولۇپ مورىدىن قېچىپ چىقىدۇ.
    ئاياللار چېكى يوق ئوي-خىياللار بىلەن مەڭگۇ چوكان پېتى تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن مەيلى ئۇنىڭغا قانچىلىك كۆنۈپ قالماڭ، سىز يەنىلا  ئاجايىپ يېڭىلىق ھېس قىلىسىز.
    ئايال دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ساھىپجاماللىقنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە گۇزەل ئەخلاقلىق، نازاكەتلىك ،ئىپپەتلىك بولۇشىنى ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىشىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
    بىر ئايال تۇغۇلۇشىدىنلا ساھىپجامال بولسا، مەغرۇرلىنىشقائەرزىيدۇ....؛ ئەگەر پەزىلەتلىك بولسا ، ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ...؛ ئەگەر ئۇ نازاكەتلىك، ئەدەپلىك، سىپايە بولسا، ئۇ ھالدا ئەخلاقلىق، سۆيۈملۇك كۆرۈنىدۇ...


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.