ئارقا سۇپىغا كىرىش || يازما يوللاش|| يازما باشقۇرۇش || ئىنكاس باشقۇرۇش|| سەھىپە باشقۇرۇش || ھۆججەت باشقۇرۇش || ئۇلانما باشقۇرۇش || بلوگ تەڭشەش|| ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇش|| زىيارەت ستاتىستىكىسى

  • 2009-06-27

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ھېكمەت سۆزلىرى - [ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەسە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41557435.html

    * بىز يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن ، ئۈچ ئەڭگۈشتەرنى يوقىتىپ قويدۇق . بۇ ، بىزنىڭ « يۇلتۇز »ىمىزنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى . ئۇلار : مىللەتنىڭ تۈركۈم ئېڭى ۋە ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىدىن تۆرەلگەن بىرلىك - ھەمدەملىكى ، مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيەت تىپىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئەنئەنە ئىزچىلىقى ، ئەقىلنىڭ ھېسسىياتتىن ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى شەكلى بولغان نەزەرىيىۋىي تەپەككۇردىن ئىبارەت .

    *
    قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ ، مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ - ئۆي زىياپەت ، پۇل تاپسا مەككە - مەدىنىگە زىيارەت ، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا - پاقالچاق ، ئۆپكە - ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربى يەتمىگەن خەلقنىڭ ئەسىر ئالماشقان بىلەن رىسقى - نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ ؟

    *
    ئۇيۇشۇش كۈچىنى يوققا چىقىرىش مىللەتنى ھالاك قىلىش دېمەكتۇر .


    *
    كىتاب _ لوقمان ھەكىم ، كىتاب _ رۇستەم پالۋان ، كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا . بۇ ، ئاددىي تەسۋىر ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت !

    *
    بىز « ئېتنولوگىيىلىك مىللەت » كاتېگورىيىسىدىكى « ناخشا - ئۇسسۇل مىللىتى » ، « شېئىر مىللىتى » بولۇپ قېلىۋەردۇق . بوياقچىدىن ئارتۇق خىمىك ، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى .


    *
    سەنئەتتە داڭ چىقارغان ، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت - ماكانسىز جاھان كېزىپ ، تىلەپ - تېرىپ ياشاشقا چۈشكەن لاماكانلىقى بىلەن ، تارىخ بورانلىرىدا چېچىلىپ ، جەڭ - جېدەللەردە قىرىلىپ ھالى قالمىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقاد ، نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن « ئالىملار مىللىتى » ، « قۇدرەتلىك ، زامانىۋى مىللەت » كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمىدۇق .


    *
    مىللىتىمىز پارلاق مەدەنىيەت « ئەلئېھراملىرى »نىڭ بىناكارلىرى بولۇشى بىلەن بىللە ، ھازىرقى « ئېتنىك مەنىدىكى مىللەت »لىك كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ چىققىنى يوق . ئۇلار چەت ئەللەرگە تارقىلىشنى خالايدۇكى ، يەھۇدىيلاردەك چەت ئەللەردىن كېلىپ توپلىنىشنى خالىمايدۇ .


    *
    ھەسەتخورلۇق تەرىپىدىن چىرمىۋېلىنغان مىللەت گەرچە تىل بىرلىكى بىلەن بىرلىشىپ تۇرسىمۇ ، قەلبى پارچىلانغان مىللەتتىن ئىبارەت . قەلبى پارچىلانغان مىللەتنىڭ تىلى بۇ قەلبنى پارچىلاشقا خىزمەت قىلىشتىن باشلاپ ، بۇ مىللەتنى ھالاك قىلىش بىلەن ئۆزىنىمۇ ھالاك قىلىدىغان تىل بولماي نېمە ؟


    *
    ئېسىڭدىن چىقمىسۇنكى ، ھەقىقىي قەلب جەننىتىنىڭ شېرىن كەۋسىرىگە تەشنا ئىكەنسەن ، ئۇنى جەننەت ماقاملىق قەلبتىن ئىزدە ، كەۋسەر قاچىلانغان ئىدىشنىڭ شەكلى - پەكلى بىلەن كارىڭ نېمە ؟ ! چۈنكى ئويغـانغانلار تولىمۇ ئاز ۋە ئۇلار خېلى يول يۈرگەن ! بىلگىنكى ، ئىنساننىڭ يېتىلىش يولىنى سىزىپ بەرگەن دانىشمەننىڭ نۇرانە سىماسىنى ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىدىن ئىزدىمە ! ئۇنى سەن ئىزدە ، ئۇ ، ئات مىنگۈچىلەر بىلەن ئاتنى قانداق مىنىشنى ئۆگەتكۈچىلەر قاتارىدا !


    *
    ئىنسان گۆھەرسىزلىكتىن گاداي ئەمەس ! چارىسىزلىكتىن بىچارە ئەمەس ! ئۇ ، قۇل ، ئەمما بۇنىڭ ۋەجى دۇنيادا ئەركنىڭ مەۋجۇد بولمىغانلىقىدىن ئەمەسقۇ ، ئاخىر ! ! !

    *
    تىلەكلىرىڭنىڭ سەۋەبكارى _ ئاجىزلىقىڭدۇر .

    *
    كۆپ ئويلىدىم : بىر مىللەت ئومۇمىي ئويغىنىش دەۋرىدە بىر كۈن كېچىكىپ ئويغـانسا ، بىر يىل ئارقىدا قېلىشى تەبىئىي ! بىر مىللەت ئۈچۈن ئەڭ خۇرسۇندى ئىللەت _ ئۇنىڭ جاسارەتسىزلىكى ، ساختا ئىپتىخار ۋە بىكار تەلەپلىكى ! تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاسى ئۆلۈم ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك لەنەت تاختىسىغا مىخلىنىشتىن ئىبارەت ! ئارىف _ ئويغـانغان ئىنساننىڭ خىزمىتى ئويغىتىشتىن ئىبارەت . ئۇنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى ئۆز پاجىئەسى ئەمەس ، بەلكى مىللەتنىڭ ئومۇمىي تارىخىي پاجىئەسى !



    باش مەنبە:ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ھېكمەتلىرى ناملىق كىتاپ


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.