
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، بېيجىڭ، يېقىندا قوللىرىغا ئويۇنچۇق مىلتىق كۆتۈرۈۋالغان بىر توپ بېيجىڭلىق ئاياللار دۇڭجىمىندىكى مەلۇم سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا «ياپون ئالۋاستىلىرىنى يوقىتىش» ئۇسسۇلى ئويناشتى. بۇ ئاياللارنىڭ ھەممىسى قوللىرىغا ئويۇنچۇق AK47 مىلتىقى كۆتۈرۈشكەن بولۇپ، ئۇلار گاھ سەپكە تىزىلسا، گاھ مىلتىق كۆتۈرۈپ «ئالغا ئىلگىرىلەپ»، گاھ ئۇسسۇل ئويناپ ماھارەت كۆرسەتتى. ئويۇن كۆرسىتىش تازا ئەۋجىگە چىققاندا، بېشىغا ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ شەپكىسىنى كىيىپ، ئاق رەڭلىك مايكا كىيىۋالغان بىر «ياپون ئالۋاستىسى» مەيدانغا چۈشكەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاياللار بىردەمنىڭ ئىچىدىلا «ياپون ئالۋاستىلىرىغا قارشى ئاياللار قوشۇنى» غا ئايلىنىپ، ھەممىسى قولىدىكى قوراللىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا بۇ « ياپون ئالۋاستىسى» نى قورشىۋالدى، ئاخىرىدا بۇ «ياپون ئالۋاستىسى» «قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى».













