مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ، 2014-يىللىق ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرىدە شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۇقىرىقى ئالتە ئۇنىۋېرسىتېتتىن خالىغانچە ئۈچىگە تىزىملاتسا بولىدىكەن.
توردا تىزىملاش ۋاقتى 15-دېكابىر ئاخىرلىشىدىكەن.
تور ئادرېسى:http://www.join-tsinghua.edu.cn
پىلان بۇيىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئاقسۇ، قۇمۇل، خوتەن، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ، ئىلى ئوبلاستىدىكى 32 ناھىيە(شەھەر) ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 22 تۈەن-مەيداندىكىلەر تىزىملاتسا بولىدىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ مەركىزى شەھەر گېزىتى