بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان شىنجاڭ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي، سىچۈەن ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 9-ئىيۇن ئۆز جايلىرىدا زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە، چاۋشيەنزۇچە، يىزۇچە مىللىي يېزىقلاردىكى ئىمتىھانغا قاتناشتى. شىزاڭدا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى تۇتاش كەتكەن نامرات جايلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا پۈتۈنلەي زاڭزۇلار رايونىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ يىل ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭدىن قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىدىن مىڭنى كۆپەيتتى. بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلار ئاچقان ئىچكىرىدىكى شىزاڭ سىنىپى، شىنجاڭ سىنىپىدىن ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز جايلىرىنىڭ ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.