ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولدى

ۋاقتى : 2014-06-10  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا

20140610121515674.jpg

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلدىن باشلاپ ئىلغار ئىتتىپاق كادىرلىرى ۋە ئىلغار ئىتتىپاق ئەزالىرىغا، ئو ت م نىڭ مۇسابىقە رايونىدا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەرگە، مەملىكەت خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ كوللېكتىپ تۈرىدە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەرگە نومۇر قوشۇش تۈرى بىكار قىلىنىدىكەن. ئۆزى خىزمەت تاپىدىغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن: ۋەرىپە ئۆتەش مۇددىتىدە 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ياكى چوڭ ھەربىي رايوندىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلەرگە بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا 20 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن.
بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغانلار: مۇشۇ قاراردا پۈتكۈزىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئو ت م نىڭ مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 1-،2-،3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر: مۇشۇ قاراردا پۈتكۈزىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە مەملىكەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە «كېلەچەكتىكى كىچىك ئالىم» مۇكاپاتلىق پائالىيىتى ياكى مەملىكەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ كومپيۇتېر ياساش پائالىيىتىدە 1-،2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر: مۇشۇ قاراردا پۈتكۈزىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتلىك مۇسابىقىسى ياكى خەلقئارا مۇھىت پەن تەتقىقات تۈرى ئولمپىك مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتلارنغانلار: ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىر، مۇھاجىرلار پەرزەنتلىرى، تەيۋەنلىك ئىمتىھان بەرگۈچىلەر: خۇيزۇ ئىمتىھان بەرەۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا 20 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىغانلار: مۇشۇ قاراردا پۈتكۈزىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە خەلقئارا تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە كوللېكتىپ ياكى شەخس تۈرىدە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر، مەملىكەت خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنىڭ شەخسلەر تۈرىدە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر: ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى: خەنزۇچە ئوقۇغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، مۇڭغۇل، قىزغىز، تاجىك، شىبە، ئۆزبېك، تاتار، داغۇر، زاڭزۇ، رۇس قاتارلىق 11 مىللەتتىن بولغانلار ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ يۇقىرىدىكى مىللەتلەردىن بولغانلىرىغا 50 نومۇر، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرسى يۇقىرىدىكى مىللەتلەردىن بولغانلىرىغا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن: «يالغۇز پەرزەنتلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ياكى «پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان دېھقان، چارۋىچى ئائىلىلىرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسنىڭ 0-تۈركۈمىدىكى ھەربىر ئارزۇغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تولدۇرغانلار: تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسنىڭ 0-تۈركۈمىدىن باشقا تۈركۈملەردىكى 1-ئارزۇغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تولدۇرغانلار: ئاپتونوم رايونىمىز مۇستەقىل تەشكىللىگەن «تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ» ئىمتىھانىغا قاتناشقان ھەم ھەر بىر ئارزۇسىغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ كەسىپلىرىنى تولدۇرغانلارغىمۇ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا