ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

دۆلىتىمىزدىكى يەتتە چوڭ ھەربىي رايوننىڭ رەت تەرتىپى

ۋاقتى : 2014-05-12  مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

20140512124633294.jpg

جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى يەتتە چوڭ ھەربىي رايونى تۆۋەندىكىچە: بېيجىڭ ھەربىي رايونى، شېنياڭ ھەربىي رايونى، جىنەن ھەربىي رايونى، نەنجىڭ ھەربىي رايونى، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى، لەنجۇ ھەربىي رايونى ۋە چېڭدۇ ھەربىي رايونى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ھەربىي رايونىدىن باشقا ھەربىي رايونلارنىڭ ئېنىق ۋەزىپىسى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئوبېيكتى بار.
بېيجىڭ ھەربىي رايونى بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى پايتەخت بېيجىڭنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن. يەتتە چوڭ ھەربىي رايون ئىچىدە بېيجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئەسكىرى ئەڭ كۆپ، جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى ئىكەن. ئاۋانگارت قىسملاردىن جۇڭگو قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 38-قىسىمى بىلەن پاراشۇتچى 15-قىسىمى بۇ ھەربىي رايون تەركىبىدە ئىكەن.
شېنياڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش دائىرىسى لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىرى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. ئەسكىرىي كۈچى ئاساسلىقى چاڭچۈن، جىنجۇ ۋە لياۋياڭ قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش دائىرىسى گەنسۇ، چىڭخەي، سەنشى ئۆلكىلىرى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى لەنجۇ شەھىرىدە.
نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش دائىرىسى ئەنخۇي، جياڭسۇ، جياڭشى، فۇجيەن ئۆلكىلىرى ۋە شاڭخەي شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى نەنجىڭ شەھىرىدە.
چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش رايونى سىچۈەن، يۈننەن، گۈيجۇ ئۆلكىلىرى، چۇڭچېڭ شەھىرى ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى چېڭدۇ شەھىرىدە.
گۇاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش رايونى خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن ئۆلكىلىرى ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى گۇاڭجۇ شەھىرىدە.
جىنەن ھەربىي رايونىنىڭ قوغداش رايونى شەندۇڭ، خېنەن ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى جىنەن شەھىرىدە.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا