ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئانا تىلغا قىلماي خىيانەت

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2013-07-17 15:26:54 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


ئانا تىلغا قىلماي خىيانەت



ئېلى نىياز دەرمانى

ئانا تىلىم -مۇقەددەس ۋەتەن ،
«ئىڭڭە»بىلەن تىكلىگەنبايراق.
شۇڭا سۆيگۈم چەكسىزدۇر ئاڭا،
تىلدىن ھايات تاپىدۇ قوۋناق.
مەھمۇدتىلى -ناۋايى تىلى
شاھنىڭ تىلى گاداينىڭ تىلى.
تالاي ئىجاد -ئىختىرا بىلەن،
ئاتالغاندۇر :شەرق گۆھىرى.
ئەرەپ پارىس رۇس ۋە ئېنگىلىس،
روي بەرگەنغۇ قىلالماي قامال.
ساپلىقىنى قوغداپ ئەجدادىم،
ئامانەت دەپ بەرگەن بىمالال.
سېنىڭ چەكسىز سېھرى كۈچۈڭدىن ،
بارچە مەنا تاپار  قۇت -ۋىسال.
يەنە كىملەر دىسۇن گاداي تىل ؟
پەخىرلەنمەي-سۈيۈنمەي خۇشھال؟
گاچا بولسام رازىمەن ئەمما ،
ئەبجەش تىلدا قىلىمايمەن نىدا .
ئانا تىلغا قىلما خىيانەت ،
ساپلىقىڭغا ئەزىزجان پىدا .
‹‹مۇقام››‹‹دىۋان››پۈتۈلگەن سەندە ،
شاھ تىلىمسەن جاھاندا بىرلا .
سېنى بۇزغان دەپسەندە قىلغان ،
قەۋمىم ئەمەس بەلكى تۇز كورلار …


«ئانا تىلغا قىلماي خىيانەت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر