ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇر تىلىدىكى فونىمىلار ۋە تۈرلىرى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:43:23 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

 ئۇيغۇر تىلىدىكى فونىمىلار ۋە تۈرلىرى


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا فونىمىلىق رولغا ئىگە بولغان تىل تاۋۇشى 32. بۇ فونىمىلار سوزۇق ۋە ئۈزۈك فونىمىلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ .
ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچۇرماي ئەركىن ھالدا چىقىشىدىن ھاسىل بولغان فونىمىلار – سوزوق فونىمىلار دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان فونىمىلار – ئۈزۈك فونىمىلار دېيىلىدۇ .
سوزوق فونىمىلار قانداق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ ؟
1 .تاۋۇشلارنىڭ ئېغىز بوشلىقىدىكى ئورنى ۋە رولىغا قاراپ   :
تىل ئالدى سوزوق فونىمىلار – ئە ، ئۆ ، ئۈ
تىل ئارقا سوزوق فونىمىلار – ئا ، ئو ، ئۇ
تىل ئارا سوزوق فونىمىلار – ئې ، ئى  غا بۆلىنىدۇ .
1.    لەۋنىڭ دۈگىلەك شەكىلگە كېلىش – كەلمەسلىكىگە قاراپ :
لەۋلەشكەن سوزۇق فونىمىلار – ئو ، ئۆ ، ئۇ ، ئۈ
لەۋلەشمىگەن سوزوق فونىمىلار – ئا ، ئە ، ئې ، ئى   غا بۆلىنىدۇ .
2.    ئېغىزنىڭ ئېچىلىش دەرىجىسىگە قاراپ :
يېپىق ياكى سەل سوزوق فونىما – ئۇ ، ئۈ ، ئى
يېرىم يېپىق ياكى سەل يۇقۇرى – ئو ، ئۆ ، ئې
يېرىم ئوچۇق ياكى سەل تۆۋەن – ئە
ئوچۇق ياكى تۆۋەن سوزۇق فونىما – ئا     لارغا بۆلىنىدۇ .
ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ھەرخىل ئېيتىلىشى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى ھەم تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش – تىتىرىمەسلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
تاۋۇش چىقىرىش ئورنى دىگىنىمىز – ئۈزۈك تاۋۇشلارنى چىقارغاندا ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ توسالغان ئەزاسى ياكى توسالغۇغا ئۇچۇرىغان جايى .
تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى دېگىنىمىز – ھاۋا ئېقىمى ئۇچۇرىغان توسالغۇنىڭ قانداق يېمىرىلىشى .
ئۈزۈك فونىمىلار چىقىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ 8 تۈرگە بۆلىنىدۇ .
ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى پەيدا قىلغان توسالغۇلارنى يېڭىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ 6 تۈرگە بۆلىنىدۇ .
ئۈزۈك فونىمىلار تەلەپپۇز قىلىنغاندا تاۋۇش پەردىسىنىڭ قاتتىق تىتىرەش ياكى بوش تىتىرىشىگە قاراپ جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
3 . تىلدىكى فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر
تىلدىكى فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش تارىخى فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ۋە نۇتۇق ئېقىمىدىكى فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
تىلنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا يۈز بەرگەن ھەر خىل فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر – تارىخى فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش دېيىلىدۇ .
تىل تاۋۇشلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلغاندا ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش – نۇتۇق ئېقىمىدىكى فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش دەپ ئاتىلىدۇ .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نۇتۇق ئېقىمىدا يۈز بېرىدىغان مۇھىم فونىتىكىلىق ئۆزگىرىش ھادىسىلىرى – ئاسسىمىلاتسىيە ، دېسسىملاتسىيە ، جاراڭلىقلىشىش ،جاراڭسىزلىشىش ، تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ، چۈشۈپ قېلىشى ، قوشۇلۇپ قېلىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
تاۋۇش چىقىرىش ئورنى بىلەن تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان ئىككى فونىمىنى ئارقىمۇ-ئارقا تەلەپپۇز قىلغاندا بىر فونىما ئۆزگىرىپ يەنە بىر فونىمىغا ئوخشاپ قالىدۇ . نۇتۇق ئېقىمىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش ئاسسىمىلاتسىيە دېيىلىدۇ .
ئاسسىملاتسىيىنىڭ تۈرلىرى :
ئاسسىملاتسىيە ئۆزىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ تولۇق ئاسسىملاتسىيە ،  قىسمەن ئاسسىملاتسىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
نۇتۇق جەريانىدا ئوخشىمايدىغان ئىككى تاۋۇشنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرى نەتىجىسىدە بىرىنىڭ يەنە بىرىنى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە ئۇسۇلى جەھەتتە ئۆزىگە ئوخشاش قىلىۋېلىشى – تولۇق ئاسسىملاتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ .
مەسىلەن : 1.مەنمۇ بارىمەن ،  سەنمۇ بارغىن . ( يېزىقتا )
مەممۇ بارىمەن ، سەممۇ بارغىن .  ( جانلىق تىلدا)
2 .كۆرۈپباق—كۆرۈپپاق
3 .ئونيەتتە –ئوييەتتە
تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى قوشما تاۋۇشنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىنى قىسمەن ئوخشىتىۋىلىشى – قىسمەن ئاسىملاتسىيە دېيىلىدۇ .
مەسىلەن : ئونبىر  (يېزىقتا) – ئومبىر (نۇتۇقتا )
يانغىچە(يېزىقتا)—ياڭغىچە (نۇتۇقتا)
ئاسسىملاتسىيە ئۆزىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئوڭ ئاسسىملاتسىيە ۋە تەتۈر ئاسسىملاتسىيە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
نۇتۇقتا ئاۋۋال ئېيتىلغان تاۋۇشنىڭ كېيىن ئېيتىلغان تاۋۇشنى ئۆزىگە ئوخشىتىۋىلىشى ئوڭ ئاسسىملاتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ .
مەسىلەن : 1. دەپباق –دەپپاق ؛
2. كۆرۈپباق – كۆرۈپپاق....
نۇتۇقتا كېيىن ئېيتىلغان تاۋۇشنىڭ ئاۋۋال ئېيتىلغان تاۋۇشنى ئۆزىگە ئوخشاش قېلىۋىلىشى –تەتۈر ئاسسىملاتسىيە دېيىلىدۇ .
مەسىلەن : 1    . تەمىنلەش—تەمىللەش
2. ئونيەتتە—ئوييەتتە....
نۇتۇق ئېقىمىدا بىر فونىما بىلەن شۇ فونىمىغا مۇناسىپ يەنە بىر فونىمىنىڭ تەلەپپۇز جەھەتتىن ئۆز-ئارا ماسلىشىپ كېلىشى فونىمىلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى (ئاجىزلىشىشى) دەپ ئاتىلىدۇ .
سۆز تەركىبىدىكى بەزى فونىمىلارنىڭ سۆزلەرنى ئايرىم- ئايرىم تەلەپپۇز قىلغاندا ئېيتىلسىمۇ ، ئەمما نۇتۇق ئېقىمىدا ئېيتىلماي قېلىشى فونىمىلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى دېيىلىدۇ .
بەزى سۆزلەرنىڭ يىلتىزىدا ئەسلىدە يوق فونىما شۇ سۆز نۇتۇق ئېقىمىدا كەلگەندە ياكى تۈرلەنگەندە پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ . بۇنداق ھادىسە فونىمىلارنىڭ كۆپىيىپ قېلىش ھادىسىسى دېيىلىدۇ .
جاراڭلىق فونىمىنىڭ نۇتۇق ئېقىمىدا جاراڭسىز تەلەپپۇز قىلىنىشى فونىمىلارنىڭ جاراڭسىزلىشىشى دېيىلىدۇ .
جاراڭسىز فونىمىنىڭ نۇتۇق ئېقىمىدا جاراڭلىق تەلەپپۇز قىلىنىشى فونىمىلارنىڭ جاراڭلىقلىشىشى دېيىلىدۇ .



«ئۇيغۇر تىلىدىكى فونىمىلار ۋە تۈرلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى