ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

فونىما (تىل تاۋۇشى ) ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:43:23 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

 فونىما (تىل تاۋۇشى ) ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى

سۆزلەرنىڭ فونىتىكىلىق شەكلىنى ، مەنىسىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك فونىتىكىلىق  بىرلىك فونىما دەپ ئاتىلىدۇ .

   تەبىرنى يېشىپ چۈشەندۈرسەك ، فونىما سۆزلەرنىڭ فونىتىكىلىق شەكلى ۋە مەنىسىنى پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە ، دىدۇق .مەسىلەن :1.كۆپ ، كۆز ، كۆر  2. ئات ، ئوت ، ئۆت ، ئىت

  1-مىسالدا ئالدىدىكى ئىككى تاۋۇش ئوخشاش، كېيىنكى بىر تاۋۇش ئوخشىمايدۇ .2-مىسالدا ئاخىرقى تاۋۇش ئوخشاش ، ئالدىدىكى تاۋۇش ئوخشىمايدۇ . شۇڭا بۇ سۆزلەرنىڭ شەكلى ئوخشاش بولمايلا قالماستىن بىلدۈرگەن مەنىلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ .

  فونىما ئەڭ كىچىك فونىتىكىلىق بىرلىك .”ئەڭ كىچىك“دىگەنلىك ئۇنى قايتا پارچىلاشقا بولمايدۇ ،دىگەنلىك . مەسىلەن : ئا ، ئە ، ب ، پ ، ش .....

بۇلارنىڭ ھەربىرىنى يەنە پارچىلاشقا بولمايدۇ .

   تىل تاۋۇشى تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى ، تىلنىڭ ماددىي پوستى ، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ماددىي ئاساسى .

   تىل تاۋۇشلىرى فىزىكىلىق ، فىزىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە .

   تىل تاۋۇشلىرىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى قانداق ؟

   تەبىئەت ،جەمىيەتتىكى ئاۋازلار مەلۇم ھەركەت ۋە كۈچنىڭ تەسىرىدە چىقىدۇ . تاۋۇشمۇ ھەم شۇنداق ،ئۇ بىرخىل كۈچنىڭ  تەسىرىدە تاۋۇش دولقۇنىنى ھاسىل قىلىدۇ-دە ئادەمنىڭ ئاڭلاش نېرۋىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

   فىزىكىنىڭ تاۋۇشلارنى ،ئاۋازلارنى تەتقىق قىلىدىغان بۆلىكى ئاكوستىكا دەپ ئاتىلىدۇ .

 ئاكوستىكىلىق نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا تىتىرىگۈچى ماددىنىڭ مەلۇم تاشقى كۈچ تەسىرىدە تتىرىشىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز تاۋۇش دىيىلىدۇ .تىتىرىگۈچى نەرسە ھاۋا بىلەن بىرىكىپ دولقۇن ھاسىل قىلىدۇ . بۇتاۋۇش دولقۇنى دىيىلىدۇ . ئاكوستىكا جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا ھەر بىر تاۋۇشنىڭ 4ئامىلى بۇلىدۇ يەنى تاۋۇش ئىگىزلىكى ، تاۋۇش كۈچى ، تاۋۇش ئۇزۇنلۇقى ، تاۋۇش تۈسى (تېمبىرى) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

     تىل تاۋۇشلىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى قانداق؟                
            تىل تاۋۇشلىرى ئىنسانلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ بىر تۇتاش ھەركىتىدىن چىقىدىغان بولغاچقا فىزىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە بولىدۇ .     تىل تاۋۇشلىرىنىڭ پەيدا بولىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدىغان ئەزالار تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى دېيىلىدۇ .

    ئىنسانلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ۋە بۇلارنىڭ ھەركىتى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاساسى . تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ بۇلار :
 
1.نەپەس ئەزالىرى ء
             2.بوغۇز ۋە تاۋۇش پەردىسى ء
                                                3.ئېغىز بوشلۇقى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ۋە دىماغ بوشلۇقى .                                     

     نىمە ئۈچۈن تىل تاۋۇشىنى ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە دەيمىز ؟

ئىنسانلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تۈزىلىشى ئاساسەن ئوخشاش . ئەمما ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ سېستىمىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ . بىر تىلدا سۆزلەشكۈچى ئىجتىمائىي كوللىكتىپنىڭ تىلىدا قانداق تاۋۇشلارنىڭ بۇلىشى ۋە قانداق تاۋۇشلارنىڭ بولماسلىقى ، قانداق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزئارا بىرىكىش بىرىكمەسلىكى شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى كىشىلەرنىڭ ئۇزاق تارىخى جەريان ئىچىدىكى ئىجتىمائى ئالاقە ئادىتىگە باغلىق . يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئىجتىمائى ئالاقە ئادىتى داۋامىدا مەلۇم بىر تاۋۇش ياكى تاۋۇش توپى مۇئەييەن مەنە بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ بولغاندىن كېيىن ، شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى  ھەر قانداق بىر شەخىس بۇ ئىجتىمائىي ئادەتكە بويسۇنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى كېرەككى ، ئۇنى ھەرگىز خالىغانچە ئۆزگەرتىۋىتىشكە بولمايدۇ . مانا بۇلار تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئىجتىمائى خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .


«فونىما (تىل تاۋۇشى ) ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى