ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

فونېتىكا -سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:43:24 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش


سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى



ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ بۇغۇملۇق سۆزلەر تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىلدا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە شۇ تاۋۇشنىڭ تەلەپپۇز قىلىنىش ۋاقتىدىكى لەۋ ھالىتى بويىچە ئۆز ئارا ماسلىشىپ كېلىشى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى دېيىلىدۇ.
سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى كۆپ بۇغۇملۇق سۆزلەر تەركىبىدە ھەم بىر ۋە كۆپ بۇغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا كۆرۈلىدۇ.
1. سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى بويىچە ماسلىشىشى
تۈپ سۆزلەردىكى ھەم تۈپ سۆزلەرگە ئۇلىنىدىغان قوشۇمچىلارنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى بويىچە ئۆز ئارا ماسلىشىپ كېلىشى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ.
1) سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى بويىچە ماسلاشقاندا تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار ئۆز ئارا ماسلىشىدۇ.
مەسىلەن: 
ئازاب+لا+ن+ماق= ئازابلانماق 
ئاز+دۇر+ذش+قا = ئازدۇرۇشقا
تۇمار، تۇماق، بالدۇر، پالۋانلار،شاتۇت، شاد-خۇرام قوۋۇرغا...
2) سۆزلەر تەركىبىدىكى ھەم سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قۇشۇلغاندا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار ئۆز ئارا ماسلىشىپ كېلىدۇ.
مەسىلەن:
شەرەت+لة+ش+مەك= شەرەتلەشمەك   
كۆر+إش+ۈش = كۆرۈشۈش
كۆنۈكمە، دەپتەردە، ۋەتەن، ھەردەم، كۆكۈچ
3) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى بويىچە ماسلىشىشى يالغۇز تۈپ سۆزلەردىلا كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولماستىن، يەنە تۈپ سۆزلەرنىڭ ۋە تۈرلەنمە ھەم ياسالما سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىلارنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭمۇ ماسلىشىپ كېلىشىدە كۆرۈلىدۇ.
مەسىلەن:
 ۋەيران+لاش+ماق = ۋەيرانلاشماق
خەلق+ئارا+دا = خەلقئارادا
كۈيئوغۇل+غا = كۈيئوغۇلغا
4) ئارا سوزۇق تاۋۇش «ظص،ظئ» لارنىڭ ماسلىشىش خۇسۇسىيىتىدە ئىككى خىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ تەسىرىدە بەزىدە تىل ئالدى، بىزىدە تىل كەينى تەلەپپۇز قىلىنغاچقا، بۇ تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە ئۇلىنىدۇ.
(1)  ئارا سوزۇق «ظص،ظئ» لار بىلەنلا تۈزۈلگەن بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە  « ك، گ» تاۋۇشلىرى بولسا،تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ، « ك، گ » تاۋۇشلىرى بولمىسا، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلا ئۇلىنىدۇ.
مەسىلەن:
ئىككى+گە = ئىككىگە
يىلىك+كە = يىلىككە
تىل+غان = تىلغان
تىن+دۇر = تىندۇر
(2)تەركىبىدە «ظص،ئى » بولغان يەنە بەزى سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشقاندا يۇقىرىقى قائىدىگە بوي سۇنمايدۇ.
مەسىلەن:
 مىن+گەن = مىنگەن
بىرلەر، بىلىمگە، يىمىرگەن،بىزگە...

2. سۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى بويىچە ماسلىشىشى
لەۋ ھالىتى بويىچە ماسلىشىش پەقەت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تىل ئالدى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە  شۇنداقلا ئاخىرىقى بوغۇمى تىل ئالدى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە تىل ئالدى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ.
مەسىلەن:
كۆۋرۈكۈڭ، بىلدۈرۈش، بۆشۈكۈڭ، بۆلۈپ
تىل ئارقا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە شۇنداقلا ئاخىرىقى بوغۇمى تىل ئارقا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە تىل ئارقا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ.
مەسىلەن: بۇرۇتۇم، بۇرۇن-بۇرۇنۇڭ
ئوقۇتۇپ، بولۇشلۇق،بوغۇملۇق،
تاۋۇشلۇق، يوللۇقۇم، تۇزلۇقۇڭ...


«فونېتىكا -سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى