ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

فونىما ۋە ۋارىيانت

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:43:19 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

فونىما ۋە ۋارىيانت


فىزىكىلىق ،فىزىئولوگىيلىك نوقتىدىن ،مەلۇم بىر تىلدا سۆز لەشكۈچى كىشىلەرنىڭ نوتۇقىدىن تەھلىل قىلىشقا بولىدىغان تاۋۇش ئىلمىنىتلىرىنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ.لىكىن تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئىجتىمائى خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا،مەلۇم بىر تىلدىكى تاۋۇشلارنىڭ سانى چەكلىك بولىدۇ.ئادەتتە بىر تاۋۇش بىر ياكى بىر قانچە تاۋۇش ئىلمىنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دىمەك سۆزىنىڭ مەنسى ىە فونىتىكىلىق شەكلىنى پەرقلەندۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك فونىتكىلىق بىرلىك فونىما دىيلىدۇ.

فونىما تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە:

1)فونىما تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي خۇسۇسىيەتكە (مەنە پەرقلەندۇرۇش رولغا)ئاساسەن ئىنىقلانغان ئەڭ كىچىك فپنىتىكلىق بىرلىك بولغاچقا («ئەڭ كىچىك »دىگەنلىك ئۇنى يەنە قايتا پارچىلاشقا، تەھىلى قىلشقا بولمايدۇ دىگەنلىك)، ئۇ ھامان مالۇم بىر تىلغا مەنسۇپ بولىدۇ. ھەرخىل تىللاردا كۆرۈلىدىغان تاۋۇش ئىلىمنتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رولى ئوخشىمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەر بىر تلدىكى فونىمىلار ۋە ھەر بىر فونىمىىنڭ رولى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ.

2)فونىما سۆزىنىڭ مەنىسنى ۋە فونىتىكلىق شەكلىنى پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بذ،فونىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسيىتى  بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مەسىلەن،«تار، تەر، تور، تۆر، تۇر، تۈر»قاتارلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە فونىتىكىلىق شەكلى سوزۇق تاۋۇش فونىمىلىرى« عا، عة، و، ۆ، ۈ، ۈ،» لەر ئارقىلىق پەرقلەنگەن.««قال، تال، گال، زال، سال، شال، مال، پال، بال، چال، ھال...» قاتارلىق سۆزلەرنى مەنىسى ۋە فونىتىكلىق شەكلى بولسا، سۆز بىشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش فونىمىلىرى ئارقىلىق پەرقلەنگەن. مەنە پەرقلەندۇرۇش رولىغا ئىگە فونىما ھىسابلىنىدۇ.

3)فونىما مەنە ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا تىلدىكى ئەڭ كىچىك فونىتىكلىق بىرلىك ھىسابلىندۇ، گەرچە تاۋۇش تۈسى (تىمىبىرى)جەھەتتىن ئالغاندا، بىر فونىما بىر ياكى بىر قانچە تاۋۇش ئىلىمنتلىرى (ۋارىيانىتلار)نى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ (مەسىلەن،ئۇيغۇر تىلدىكى «ظع» فونىمىسى[i] .{l}، [i] قاتارلىق تاۋۇش ئىلىمنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىغا ئوخشاش)،لىكىن ئۇلارنى مەنە ئىپادىلەش ۋە مەنە ئۆزگەرتىش رولى جەھەتتىن بىر فونىمىغا يىغىنچاقلىنىدۇ.

2.ۋارىيانت

بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى بولماي بىر-بىرىنى تولۇقلاپ كىلىدىغان، تىلغا مەنە پەرقلەندۇرۇش رولىغا ئىگە بولمىغان مەلۇم بىر فونىمىنىڭ بىر قانچە كونكرىت ئىپادە شەكلى ۋارىيانت دىيىلىدۇ.

ۋارىيانتلار ئادەتتە مەلۇم بىر فونىمىنىڭ باشقا فونىمىلارغا ياندىشىپ (قوشۇلۇپ)كەلگەندە شۇ فونىمىلارنىڭ تەسىرى نەتىجسىدە پەيدا بولىدۇ، ياكى فونىمىلار بوغۇم ۋە سۆزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورىندا كەلگەندىمۇ پەيدا بولىدۇ.

شەرتلىك ۋارىيانت ئادەتتە شەتلىك ۋارىيانتۋە ئەركىن ۋارىيانت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

شەتلىك ۋارىيانت. بىر-بىرىنى تولۇقلاش مۇناسىۋىتىدە كىلىپ، ئەينى بىر فونىمىنى ھاسىل قىلدىغان تاۋۇش ئىلىمنتلىرى شەرتلىك ۋارىيانت دىيلىدۇ. شەرتلىك ۋارىيانتلار ئۆزلىرىگە خاس فونىتىكىلىق شارائىتتا كىلىدۇ.

ئەركىن ۋارىيانت. بىر فونىمىنڭ ئەينى بىر فونىتىكىلىق شارائىتتا ئۆز ئارا ئالمىشالايدىغان، لىكىن سۆزىنىڭ مەنىسنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان ۋارىيانتلار ئەركىن ۋارىيانت دەپ دىيلىدۇ. بۇ خىل ۋارىيانتلار تاۋۇش تىمبىرى جەھەتتىن خىلى پەرقلىق بولشىمۇ، لىكىن شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچىلەر ئۇنىڭ پەرقىگە ئانچە دىققەت قىلمايدۇ.

ئەركىن ۋارىيانت قىسمەن ئەركىن ۋارىيانت ۋە تولۇق ئەركىن ۋارىيانت دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

بەزى فونىتكىلىق شارائىتتا ئالمىشالايدىغان بەزى فونىتىكلىق شارائىتتا ئالمىشالمايدىغان تاۋۇش ئىلىمنتلىرى قىسمەن ئەركىن ۋارىيانىت دىيلىدۇ. مەسىلەن ، ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا سۆز بىشىدا يىپىق سوزوق تاۋۇشلارنىڭ «ي» بىلەن «ژ»نىڭ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشى ، بەزى بوغوملارنىڭ ئاخىرىدا «ج» بىلەن «ف»نىڭ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشى ، بەزى بوغوملارنىڭ ئاخىرىدا«ج» بىلەن «ژ» نىڭ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشى مۇشۇ خىلدىكى ھادىستۇر. ئالايلۇق ، يىل –ژىل ،يىپ-ژىپ، يۈرەك- ژۈرەك ، يۇلتۇز –ژۇلتۇز ؛باجخانا- باژخانا ،ئۈجمە –ئۈژمە ؛ قەشقەر شىۋىسىدىكى بىر – بىژ ، گىردە- گىژدە، كىر- كىژ دىگەنلەرگە ئوخشاش.

ھەرقانداق فۇنتىكىلىق شارائىتتا ئالماشتۇرۇش تەلەپپۇز قىلىشقا بولىدىغان تاۋۇش ئىلىمىنىتلىرى شارائىتتتا ئالماشتۇرۇپ تەلەپبۇز قىلىشقا بولىدىغان تاۋوش ئىلمىنىتلىرى تولوق ئەركىن ۋاريانىت دىيىلىدۇ. ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا« پ» بىلەن «ف» خالىغانچە ئالماشتۇرۇلسىمۇ ، سۆز مەنىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مەسىلەن، فاكۇلتىت –پاكۇلتىت فىزىكا – پىزىكا ، تىلىفۇن – تىلىپۇن ، تىلگىراف–تىلگىراپ دىگەنلەرگە ئوخشاش .

ئەركىن ۋاريانىتلارنى بەزى فۇنتىكىلىق شارائىتلاردائالماشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىشقا بولسىمۇ ،لىكىن قايسى سۆزنىڭ ياكى بوغومنىڭ قايسى تاۋۇشىنى قايسى ۋاريانىت بويىچە تەلەپپۇز قىلىش مەسىلىسى ئەدەبىي تىلنىڭ تەلەپپۇز لۇغەتلىرىدە ئىنىق بىكىتلگەن بولىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي تىلدا فونىما ۋارىياتنىڭ تەلەپپۇزىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.



«فونىما ۋە ۋارىيانت»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى