ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:43:23 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى ئاساسەن ئۇچۇق بوغۇملاردىكى ”ئا“،“ئە“نىڭ سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇش“ئې“ۋە ئېگىز سوزۇق تاۋۇش ”ئى“غا نۆۋەتلىشىشىگە قارىتىلغان.

 بۇنداق نۆۋەتلىشىش ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن ئېتىبارەن كۆرىلىۋاتقان فونېتىكىلىق ھادىسە بولۇپ،بۇ ھادىسە ئۇ دەۋىردە سۆزلەردە كۆپرەك ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالغان ”ئە“نىڭ نۆۋەتلىشىشى بىلەن باشلانغان.

   ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىدا“ئا“،“ئە“ تاۋۇشى كەلگەن بوغۇمدىكى ئۇرغۇنىڭ سۆزنىڭ ئايىغىدىكى بوغۇملىرىغا يۆتكىلىشى بارا-بارا ”ئا“ تاۋۇشىنىڭمۇ نۆۋەتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.ھازىرقى دەۋىردە بۇ فونېتىكىلىق ھادىسە ئۇيغۇر تىلىنى باشقا تۈركىي تىللاردىن پەرقلەندۈردىغان ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدى.

  ئۇيغۇر تىلىغا باشقا تىللاردىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىلىرىگە بويسۇنۇپ كەتمىگەنلىرى،شۇنىڭدەك ئەسلىي ئۇيغۇر تىلىغان خاس سۆزلەر ئىچىدىكى ”ئا“ياكى“ئە“بىلەن كەلگەن بوغۇملىرىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمىگەن سۆزلەر سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي قائىدىگە بوي سۇنمايدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم ئىملاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر قايتا تەتقىق قىلىنىش ئارقىلىق سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە قائىدىلەر تۈزۈپ چىقىلدى:

   1 .ئاخىرقى بوغۇمى“ئە’بىلەن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە مەزكۇر ”ئە“ تاۋۇشىنىڭ“ئې“غا ياكى“ئى“غا نۆەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى

   1)ئۇچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە

(1) نۆۋەتلىشىدىغانلىرى:

”ئە“ تاۋۇشى بىلەن ئاياقلاشقان ئۇچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،“ئە“لىك بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قېلىپ،“ئە“تاۋۇشىغا چۈشكەن ئۇرغۇنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە“ئە“تاۋۇشى“ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

پارە+سى=پارىسى

 

پەدە+سى=پەدىسى،پەدىدە،پەدىگە،پەدىلەر،پەدىلىك

 

پەللە+سى=پەللىسى،پەللىدە،پەللىگە،پەللىلىك

 

ئاغىنە+سى=ئاغىنىسى،ئاغىنىلەر،ئاغىنىلىك،ئاغىنىدارچىلىق

 

ئاھالە+سى=ئاھالىسى،ئاھالىدە،ئاھالىگە،ئاھالىلەر،ئاھالىلىك

 

ئالاقە+سى=ئالاقىسى،ئالاقىدە،ئالاقىگە،ئالاقىچى

 

مۇسابىقە+سى=مۇسابىقىسى،مۇسابىقىدە،مۇسابىقىگە،مۇسابىقىلەر

 

مۇندەرىجە+سى=مۇندەرىجىسى،مۇندەرىجىدە،مۇندەرىجىگە،مۇندەرىجىلىك

 

(2)نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى

① ئاخىرقى بوغۇمى“ئە“بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،گەرچە مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسىمۇ،“ئە“تاۋۇشىنىڭ ئۇرغۇسى ئاخىرقى بوغۇمغا يۆتكەلمىسە،ئۇرغۇسى يۆتكەلمىگەن بوغۇملاردىكى ”ئە“تاۋۇشى نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ.كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىملاسىمۇ مۇشۇ قائىدە بويىچە يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

 

تەۋە+سى=تەۋەسى،تەۋەدە،تەۋەلىك

 

ساھە+سى=ساھەسى،ساھەدە،ساھەگە،ساھەلەر

 

قەھۋە+سى=قەھۋەسى،قەھۋەدە،قەھۋەگە،قەھۋەلىك

 

قۇرئە+سى=قۇرئەسى،قۇرئەگە،قۇرئەدە

 

شىرە+سى=شىرەسى،شىرەگە،شىرەدە،شىرەلەر،شىرەلىك

 

لەۋھە+سى=لەۋھەسى،لەۋھەدە،لەۋھەگە،لەۋھەلەر

 

قىتئە+سى=قىتئەسى،قىتئەگە،قىتئەلەر

 

كۈرە+سى=كۈرەسى،كۈرەگە،كۈرەدە

 

مەزە+سى=مەزەسى،مەزەدە،مەزەگە،مەزەلەر

 

مەۋقە+سى=مەۋقەسى،مەۋقەگە،مەۋقەدە

 

ۋەقە+سى=ۋەقەسى،ۋەقەگە،ۋەقەدە،ۋەقەلەر

 

جۈمە+سى=جۈمەسى،جۈمەدە،جۈمەگە

 

پاجىئە+سى=پاجىئەسى،پاجىئەدە،پاجىئەگە،پاجىئەلەر،پاجىئەلىك

 

ئەسلىھە+سى=ئەسلىھەسى،ئەسلىھەدە،ئەسلىھەگە،ئەسلىھەلەر،ئەسلىھەلىك

 

پاتىھە+سى=پاتىھەسى،پاتىھەدە،پاتىھەگە

 

جامائە+سى=جامائەسى،جامائەدە،جامائەگە،جامائەلىك

 

مەتبەئە+سى=مەتبەئەسى،مەبەئەدە،مەتبەئەگە،مەتنەئەلىك

 

مەدرىسە+سى=مەدرىسەسى،مەدرىسەدە،مەدرىسەگە،مەدرىسەلەر

 

گۈلقەقە+سى=گۈلقەقەسى،گۈلقەقەلىرى

 

ئېلىپبە+سى=ئېلىپبەسى،ئېلىپبەدە،ئېلىپبەگە،ئېلىپبەلىك

 

مەجمۇئە+سى=مەجمۇئەسى،مەجمۇئەگە،مەجمۇئەلەر،مەجمۇئەدە

 

مۇداپىئە+سى=مۇداپىئەسى،مۇداپىئەدە،مۇداپىئەگە،مۇداپىئەلەر

 

مۇئەسسەسە+سى=مۇئەسسەسەسى،مۇئەسسەسەدە،مۇئەسسەسەگە،مۇئەسسەسەلەر

 

خالىدە_ خالىدەگە_خالىدەدە_خالىدەلەر_خالىدەنى

 

جەمىلە_ جەمىلەدە_جەمىلەرگە_جەمىلەنى

 

راھىلە_راھىلەگە_راھىلەدە_ راھىلەلەر

 

زەھىدە_زاھىدەگە_زاھىدەدە_زاھىدەلەر

 

(2)ئاخىرقى بوغۇمى“-ىيە“شەكىلدە تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بوغۇم ئاخىرىدىكى“ئە“تاۋۇشى ”ئى“گە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ.مەسىلەن:

 

ئارمىيە_ئارمىيەسى_ئارمىيەگە_ئارمىيەدە

 

پارتىيە_پارتىيەسى_پارتىيەدە_پارتىيەگە

 

نەزەرىيە_نەزەرىيەسى_نەزەرىيەدە_نەزەرىيەگە_نەزەرىيەلەر

 

ياپۇنىيە_ياپۇنىيەدە_ياپۇنىيەگە_ياپۇنىيەلەر

 

ئالىيە_ئالىيەدە_ئالىيەگە،ئالىيەدە_ئالىيەلەر

 

رازىيە_رازىيەدە_رازىيەگە_رازىيەدىن_رازىيەلەر

مەشق

1.تۆۋەندىكى ئابزاس ئىچىدىن يۇقىردا سۆزلەنگەن قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزلەرنى تېپىپ چىقىڭ.

 

ئالىم بىر كىتاب ئالغان ئىدى.كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى يىرتىق چىقىپ قالدى.بۇ كىتاپ ياپۇنيىلىك بىر جۇغراپىيە ئالىمىنىڭ كىتابى بولۇپ،بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىتاب ئىدى. كىتابتىكى نەزىريىلەر ئۇنى بەكلا قىزىقتۇردى.لىكىن كىتاپنىڭ مۇندەرىجەسى يىرتىق بولغاچقا،بەك تىت-تىت بولۇپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتابنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن،يولنى يىراق كۆرمەي ناھىيەلىك كىتاپخانىغا بارماقچى بولدى.

 

  2 )يېپىق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە

(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى

     ① ”ئە“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،“ئە“تاۋۇشى“ئې“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

ئەپ+ى=ئېپى                       ئەت+ى=ئېتى           بەز+ى=بېزى

 

ئەس+ى=ئېسى                     تەگ+ى=تېگى           بەت+ى=بېتى

 

     ②ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“ بولغان،كۆپ بوغۇملۇق يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،“ئە“تاۋۇشى ”ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

دەرەخ+ى=دەرىخى                  ئەخلەت+ى=ئەخلىتى         تەلەپ+ى=تەلىپى

 

سۆڭگەچ+ى=سۆڭگىچى           شىكايەت+ى=شىكايىتى

 

   ③ پۇل مەنىسىدىكى“چەن“سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلىشىش جەريانى ئۇزۇن بولغاچقا،بۇ سۆز ئۇيغۇرتىلىدا خەنزۇ تىلىدىكى قوشما سوزۇق تاۋۇشلۇق ھالىتىنى يوقىتىپ،يەككە سوزۇق تاۋۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن،بۇ سۆز بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسى بويىچە ”ئە“تاۋۇشى ”ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ.مەسىلەن:

 

پۇڭچەن+ى=پۇڭچىنى          موچەن+ى=موچىنى      كويچەن+ى=كويچىنى

 

(2) نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى

    ① ”ئە“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،سۆز يىلتىزىدىكى ئۇرغۇ ساقلانغانلىقتىن ”ئە“ تاۋۇشى ‘ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

 

ۋەز+ى=ۋەزى                                      بەش+ى=بەشى

 

كەش+ى=كەشى                                  خەج+ى=خەجى

 

    ②  “ئە“بىلەن تۈزۈلگەن،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخرلاشقان بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،بوغۇم ئاخىرىدىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بوغۇمغا،كېيىنكىسى كېيىنكى بوغۇمغا تەۋە بولۇپ،“ئە“ لىك بوغۇم يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالغانلىقتىن،“ئە“تاۋۇشى ”ئى“ تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

 

كەنت+ى=كەنتى            دەرد+ى=دەردى                شەرت+ى=شەرتى

 

قەلب+ى=قەلبى              قەست+ى=قەستى                بەست+ى بەستى

 

     ③ئەرەپ_ پارس تىللىرىدىن كىرگەن ئاخىرقى بوغۇمى“ئە“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،“ئە“تاۋۇشى ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتمىسا،“ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

 

مىجەز+ى=مىجەزى            ئەرەب+ى=ئەرەبى             نەسەب+ى=نەسەبى

 

    ④ خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا قۇبۇل قىلىنغان ”ia,ua“قوش سوزۇق تاۋۇشلۇق بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە،بۇ سوزۇق تاۋۇشلار خەنزۇ تىلىدىكى قوش سوزۇق تاۋۇشلۇق خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن“ئە“تاۋۇشى ئىملادا“ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

ليەن+ى=ليەنى          لۇشيەن+ى=لۇشيەنى             يۈەن+ى=يۈەنى

 

    ⑤ ئاخىرقى بوغۇمى“ئە“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر قىسىم كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا، بەزىدە“ئە“تاۋۇشى ”ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرلۈپ،بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۈت.بۇنداق ئىككى خىللىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ”ئە“ تاۋۇشى ئىملادا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

مەسلىھەت+ى=مەسلىھەتى(مەسلىھىتى ئەمەس)   

 

  نەسىھەت+ى=نەسىھەتى(نەسىھىتى ئەمەس)

 

     2 .ئاخىرىقى بوغۇمى ”ئە“بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللاردا ”مەزكۇر ”ئە“تاۋۇشىنىڭ ”ئې“ ياكى ”ئى“غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى

   1 )ئۇچۇق بوغۇملۇق پېئىللاردا

(1)“ئە“تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللادىن پەقەت ”دە“ بىلەن ”يە“ پېئىلى بار بولۇپ،بۇ ئىككى پېئىلغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،“ئە“ تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا، ”ئې“غا  نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

دە_دېدى،دېسۇن،دېدۇق،دېگەن،دېگىلى،دېسە،دېمەك،دېگەي،دېگۈلۈك،…..

 

يە_ يېدى،يېسۇن،يېدۇق،يېگەن،يېگىلى،يېسە،يېمەك،يېگەي،يېگۈلۈك

 

ئەگەر بۇ ”ئە تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالمىسا،“ئې“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

دە-دەپ،دەڭ،دەڭلەر،دەيلى،دەيدىغان…..

 

يە_ يەپ،يەڭ،يەڭلەر،يەيلى،يەيدىغان….

 

(2) ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“ بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بۇ ”ئە“تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،“ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ.مەسىلەن:

 

چەيلە_چەيلىدى،چەيلىسۇن،چەيلىدۇق،چەيلىگەن،چەيلىسە

 

يۈكلە_يۈكلىدۇق،يۈكلىسۇن،يۈكلىدى،يۈكلىگەن،يۈكلىسە….

 

بېزە_بېزىدى،بېزىسۇن،بېزىدۇق،بېزىگەن،بېزىسە…..

 

بىلە_بىلىدى،بىلىسۇن،بىلىدۇق،بىلىگەن،بىلىسە….

 

ئەگەر بۇ خىلدىكى پېئىللاردا ”ئە“تاۋۇشى يېپىق بوغۇم ھالىتىدە بولسا“ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

 

چەيلە_ چەيلەپ،چەيلەڭلەر،چەيلەيلى،چەيلەكلىك

 

يۈكلە_يۈكلەپ،يۈكلەڭلەر،يۈكلەيلى،يۈكلەكلىك

 

بېزە_ بېزەپ،بېزەڭلەر،بېزەيلى،بېزەكلىك…

 

بىلە_بىلەپ،بىلەڭلەر،بىلەيلى،بىلەكلىك….

 

   2 ) يېپىق بوغۇملۇق پېئىللاردا

(1)“ئە“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ”ئە“تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،“ئې“ غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

كەل_ كېلىپ،كېلىڭ،كېلىڭلەر،كېلەيلى،كېلىدۇ،كېلىدىكەن…

 

يەش_ يېشىپ،يېشىڭ،يېشىڭلەر،يېشەيلى،يېشىدۇ،يېشىدىكەن….

 

ئەگەر ”ئە“تاۋۇشى يېپىق بوغۇم ھالىتىدە بولسا، ”ئې“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

كەل_ كەلسە،كەلسۇن،كەلدۇق،كەلگەن،كەلگەي،كەلتۈر،كەلگۈلۈك…

 

يەش_ يەشسە،يەشسۇن،يەشتۇق،يەشكەن،يەشكەي،يەشتۈر،يەشكۈلۈك…

 

(2)ئاخىرقى بوغۇمى ”ئە“بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ”ئە“تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،“ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

مىنگەش_مىنگىشىپ،مىنگىشىڭلەر….

 

مۈكچەي_مۈكچىيىپ،مۈكچىيىڭلەر….

 

ئەگەر“ئە“بىلەن تۈزۈلگەن بوغۇم يېپىق بوغۇم ھالىتىدە بولسا، ”ئە“تاۋۇشى ”ئى“ غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

 

مىنگەش_ مىنگەشسە،مىنگەشكەن،مىنگەشسۇن،مىنگەشتۇق،مىنگەشكەي…..

 

مۈكچەي_ مۈكچەيسە،مۈكچەيگەن،مۈكچەيسۇن،مۈكچەيدۇق،مۈكچەيگەك

 

    3.ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن تۇرغۇن سۆزلەردە مەزكۇر ”ئا“ تاۋۇشىنىڭ ”ئې“ ياكى ”ئى“غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى

   1 )ئۇچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە

(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى

① ”ئا“ تاۋۇشى بىلەن ئاياقلاشقان ئۇچۇق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا“ئا“تاۋۇشىغا چۈشكەن ئۇرغۇنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە“ئا“تاۋۇشى“ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

ئاتا_ئاتىسى،ئاتىلىق،ئاتىدا،ئاتىغا،ئاتىلار…

 

ياقا_ياقىسى،ياقىدا،ياقىغا،ياقىلار،ياقىلىق

 

ئارغامچا- ئارغامچىسى،ئارغامچىلىق،ئارغامچىغا،ئارغامچىدا،ئارغامچىلار

 

تاپانچا_تاپانچىسى،تاپانچىلىق،تاپانچىدا،تاپانچىغا،تاپانچىلار……..

 

شاقىراتما_ شاقىراتمىسى،شاقىراتمىلىق،شاقىراتمىلىق،شاقىراتمىغا،شاقىراتمىدا

 

   ② ئاخىرقى بوغۇمى“ئا“بىلەن تۈزۈلگەن ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى بەزى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار  قوشۇلغاندا، بۇ“ئا“تاۋۇشى  بەزىدە“ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرلسە،بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۈت.بۇنداق ئىككى خىللىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن،مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ”ئا“ تاۋۇشى ئىملادا ”ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

مولىكۇلا_ مولىكۇلاسى(مولىكۇلىسى ئەمەس)

 

پىلانىتا_ پىلانىتاسى(پىلانىتىسى ئەمەس)

 

راكېتا_راكېتاسى(راكېتىسى ئەمەس)

 

فورمۇلا_فورمۇلاسى(فورمىلىسى ئەمەس)

 

چېگرا_چېگىراسى(چېگرىسى ئەمەس)

 

(2)نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى

① ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن ”يا،جا“قاتارلىق بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،“ئا“تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكىلەلمىگەنلىكتىن، ”ئې“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

يا_ياسى،ياغا،ياغا،يادىن،يالار…

 

جا_ جاسى ،جاغا،جادىن،جالىرى

 

     ②ئەرەب_پارس تىللىرى،رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋرۇپا تىللىرىدىن كىرگەن ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق بەزى تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بۇ ”ئا“ تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمىگەچكە،“ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

ساپا_ساپاسى،ساپالىق…..

 

سادا_ساداسى،ساداغا….

 

ھاۋا_ھاۋاسى،ھاۋاغا…

 

ئەۋلىيا_ئاۋلىياسى،ئەۋلىيالىق،ئەۋلىيادا…

 

ئوپېرا_ئوپېراسى،ئوپېرادا،ئوپېرالىق…

 

ئىلتىجا_ ئىلتىجاسى،ئىلتىجالىق…

 

ئاتموسفېرا_ئاتموسفېراسى،ئاتموسفېراغا،ئاتموسفېرادا….

 

خىروموسوما_خىروموسوماسى،خىروموسۇمادا،خىروموسۇمالىق…..

 

     ③ تۆۋەندىكىدەك شەكىلداش سۆزلەرنىڭ ئىملاسى مۇنداق يېزىلىدۇ:

 

پاپا(رىم پاپاسى)_پاپاسى،پاپادا،پاپاغا،پاپالىق….

 

پاپا(پاكار)_ پاپىسى،پاپىدا،پاپىغا،پاپىلىق،پاپىلار….

 

بالا(بالايى ئاپەت)_بالاسى،بالادا،بالاغا،بالالىق….

 

بالا(پەرزەنت)_ بالىسى،بالىدا،بالىغا،بالىلىق،بالىلار….

مەشق

1.تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدىن ئىملاسى خاتا بولۇپ قالغان سۆزلەرنى تېپىڭلار.

(1)ئاخىرقى تىنىقىڭلار قالغۇچە تىركىشىڭلار.

(2)رىم پاپىسىنىڭ ھوقۇقى بەك چوڭ.

(3)ئىككى دۆلەتنىڭ چىگرىسى قوغدىلىدىغان رايۇن ھېساپلىنىدۇ.

(4)ئارغامچىنى دەرھال يېشىڭلار.

(5)ئۇ دادىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمايدۇ.

 

   2 )يېپىق بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەردە

(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى

     ① ”ئا“بىلەن تۈ زۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى،بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،“ئا“تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن، ”ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

داپ_ دېپى          ساپ_سېپى              قاپ_قېپى                 لاپ_لېپى

 

ئات_ئېتى           دات_دېتى                قات_قېتى                 يات_يېتى

 

شاخ_شېخى         ئاش_ئېشى                 باش_بېشى              تاش _ تېشى

 

تاغ_تېغى            ئاق _ ئېقى        ساق_سېقى                   قاق _ قېقى

 

ئاڭ_ئېڭى           ساڭ_ سېڭى         كاڭ _ كېڭى               ھاڭ_ھېڭى

 

     ② ئاخىرقى بوغۇمى  ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،“ئا“تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن، ”ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

قانات_قانىتى               كاچات_كاچىتى               خالات_خالىتى      ئامبار_ئامبىرى

 

ئاياغ_ئايىغى             چىراغ_چىرىغى               ئاتاق_ئاتىقى         دىماغ_دىمىغى

 

بۇلاق_بۇلىقى               قاپاق_قاپىقى               ساقال_ساقىلى           شامال_شامىلى

 

قوزغىلاڭ_قوزغىلىڭى                  قارىغاي_قارىغىيى                    مالىخاي_مالىخىيى

 

ئالىقان_ئالىقىنى                  جاۋىغاي_جاۋىغىيى                  ساۋاقداش_ساۋاقدىشى

 

(2)نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى

①  ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،“ئا“تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلمىگەچكە، ”ئې“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.(”ر“بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەر ئايرىم كۆرسىتىلدى.) مەسىلەن:

 

نال_نالى                          جاي_جايى              راي_رايى           خال_خالى

 

زات_زاتى                       ھال_ھالى                  ياد_يادى         يال_يالى

 

تاج_تاجى                        نام_نامى                ساز_سازى           سان_سانى

 

     ② ئاخىرقى بوغۇمى“ئا“بىلەن تۈزۈلگەن،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر ۋە كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،بوغۇم ئاخىردىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بۇغۇمنى،كىيىنكىسى قوشۇمچە بىلەن قوشۇلۇپ كىيىنكى بوغۇمنى تەشكىل قىلغاچقا،ئاخىرقى ”ئا“تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمەي،يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالغانلىقتىن ”ئې“ياكى“ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.  مەسىلەن:

 

ئاست_ئاستى                         ئانت_ئانتى                          ئالد_ئالدى

 

ئاسپىرانت_ئاسپىرانتى                          مۇزىكانت_مۇزىكانتى

 

   ③ ئاخىرقى بوغۇمى  ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىرقىسىم كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،گەرچە مەزكۇر ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسىمۇ،“ئا“تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ يۆتكەلمىگەچكە ”ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

ئەتىراپ_ئەتىراپى                 جاۋاب_جاۋابى               قۇياش_قۇياشى

 

قاياش_قاياشى                      قۇرام_قۇرامى                  ئامال_ئامالى

 

تەلىمات_تەلىماتى                ئىتتىپاق_ئىتتىپاقى             ئىشتىياق_ئىشتىياقى

 

خىيال_خىيالى                     مۇقام_مۇقامى                 قۇرال_قۇرالى

 

پىلان_پىلانى                       ئىستىھكام_ئىستىھكامى      پىراق_پىراقى

 

④ ئاخىرقى بۇغۇمى“ئا“بىلەن تۈزۈلۈپ،“ھ“بىلەن ئاخىرلاشقان بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋە ”ر“بىلەن ئاخىرلاشقان بىر ياكى كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئاخىرقى ”ئا“تۈۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كىيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلمىگەنلىكتىن ”ئې“ ياكى“ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

ئاھ _ ئاھى         گاھ _ گاھى                      شاھ _ شاھى

 

ئىلاھ _ ئىلاھى            گىياھ _ گىياھى            نىكاھ _نىكاھى     

 

ئارامگاھ _ئارامگاھى        قارارگاھ _ قارارگاھى           زىيارەتگاھ _ زىيارەتگاھى

 

قار_ قارى          بار_ بارى            شار _ شارى      تار_ تارى        كار_كارى

 

يار_ يارى           زار_ زارى                 نار_نارى               غار_غارى       گار_گارى

 

قارار_قارارى                   مادار_ مادارى

 

     ⑤ ”_ دار ،_زار،_ كار،_شۇناس“ قۇشۇمچىلىرى بىلەن ياسالغان كۆپ بوغۇملۇق تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،مەزكۇر قوشۇمچىلاردىكى ”ئا“ تاۋۇشى ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسىمۇ،“ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

ئەمەلدار_ئەمەلدارى         ھوقۇقدار_ھوقۇقدارى         مەنسەبدار_مەنسەبدارى

 

گۈلزار_گۈلزارى               چىمەنزار_چىمەنزارى           ئۈزۈمزار_ئۈزۈمزارى

 

گۇناھكار_گۇناھكارى        مەدەتكار_مەدەتكارى        ھەۋەسكار_ ھەۋەسكارى

 

تىلشۇناس_تىلشۇناسى       تارىخشۇناس_ تارىخشۇناش

 

       ⑥ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلۈپ ”ر“بىلەن ئاخىرلاشقان ”ئامبار،بىكار،چاكار، چاكار،خامار،قاڭشار،قوچقار“قاتارلىق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئاخىرقى ”ئا“تاۋۇشىدىكى ئۇرغۇ ئۆزىدىن كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكتىن ”ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ.  مەسىلەن:

 

ئامبار_ئامبىرى                        بىكار_بىكىرى                چاكار_چاكىرى

 

خامار_خامىرى                    قاڭشار_قاڭشىرى                قوچقار_قوچقىرى

 

     ⑦  ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلۈپ، ”_ ر ، _ س“ بىلەن ئاخىرلاشقان“ئانار،بازار ،تاغار،خۇمار،سونار،قاتار“ ۋە ”ئابزاس،ئاتلاس،زاپچاس،كومپاس،ماتراس“ قاتارلىق تۇرغۇن سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،بۇ ”ئا“تاۋۇشى بەزىدە ”ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلسە،بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي ئىككى خىل يېزىلىدىغان ئەھۋال تەڭلا مەۋجۈت.بۇ خىل ئەھۋالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن،مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ”ئا“تاۋۇشى ”ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرلۈپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

ئانار_ئانىرى          بازار_بازىرى             تاۋار_تاۋىرى           پانار_پانىرى

 

تاغار_تاغىرى          خۇمار_خۇمىرى          ئابزاس_ئابزىسى    ئاتلاس_ئاتلىسى

 

زاپچاس_زاپچىسى                كومپاس_كومپىسى

 

     ⑧ خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن ئاخىرقى بوغۇمى ”ang,iang“ قاتارلىق سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن تۈزۈلگەن ”بەنجاڭ، پەيجاڭ، جۈنجاڭ، دۈيجاڭ، دادۈيجاڭ،شىپاڭ،ماتاڭ، ليەنجاڭ، ماجاڭ،مەنجاڭ….“قاتارلىق تۇرغۇن سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا،ئىستىمالدا مەزكۇر“ئا“تاۋۇشى  بەزىدە“ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلسە،بەزىدە نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال تەڭلا مەۋجۈت.بۇ خىل ئەھۋالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى ”ئا“تاۋۇشى ئىملادا“ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

 

بەنجاڭ_بەنجاڭى                  پەيجاڭ_پەيجاڭى          جۈنجاڭ_جۈنجاڭى

 

دۈيجاڭ _دۈيجاڭى             دادۈيجاڭ_دادۈيجاڭى       شىپاڭ_شىپاڭى

 

ماتاڭ_ماتاڭى                  ليەنجاڭ_ليەنجاڭى              ماجاڭ_ماجاڭى

 

   4 .ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن پېئىللاردا، مەزكۇر ”ئا“ تاۋۇشىنىڭ ”ئې“ ياكى ”ئى“غا نۆۋەتلىشىش ۋە نۆۋەتلەشمەسلىك ئەھۋاللىرى

   1 )ئۇچۇق بوغۇملۇق پېئىللاردا

(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى:

ئاخىرقى بوغۇمى ”ئا“ بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا مەزكۇر بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،ئاخىرقى ”ئا“تاۋۇشى ”ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

ئاتا_ئاتىدى،ئاتىغان،ئاتىسا،ئاتىسۇن،ئاتىدۇق………

 

ئورۇنلا_ئورۇنلىدى،ئۇرۇنلىغان،ئۇرۇنلىسا،ئورۇنلىسۇن،ئورۇنلىدۇق،…….

 

(2) نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى

ئەگەر يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كىيىن مەزكۇر بوغۇم يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،ئاخىرقى ”ئا“تاۋۇشى“ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

ئاتا_ئاتالدى،ئاتالغان،ئاتالسا،ئاتالسۇن،ئاتالدۇق،ئاتاڭلار………

 

ئورۇنلا_ئورۇنلاندى،ئورۇنلانغان،ئورۇنلانسا،ئورۇنلانسۇن،ئورۇنلاڭلار…….

 

   2 )يېپىق بوغۇملۇق پېئىللاردا

(1)نۆۋەتلىشىدىغانلىرى:

① ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،مەزكۇر بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،“ئا“تاۋۇشى“ئې“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

ئات_ئېتىپ،ئېتىلغان،ئېتىلسا،ئېتىڭلار……..

 

چات_چېتىپ،چېتىلغان،چېتىلسا،چېتىڭلار……

 

② ئاخىرقى بوغۇمى“ئا“بىلەن تۈزۈلگەن يېپىق بوغۇم ھالىتىدىكى كۆپ بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،مەزكۇر بوغۇم ئۇچۇق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،“ئا“تاۋۇشى“ئى“غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

 

تاتار_تاتىرىپ،تاتىرىش،تاتىراڭغۇ…….

 

جانلان_جانلىنىش،جانلىنىپ………

 

(2)نۆۋەتلەشمەيدىغانلىرى

   ① يۇقىرىدا مىسالغا ئېلىنغان پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كىيىن “ ئا“بىلەن تۈزۈلگەن يىلتىز ياكى ئۆزەك يەنىلا يېپىق بوغۇم ھالىتىدە قالسا،يىلتىز ياكى ئۆزەكتىكى“ئا“ تاۋۇشى ”ئې“ياكى ”ئى“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ.مەسىلەن:

 

ئات_ئاتقان،ئاتسا،ئاتسۇن،ئاتتۇق،ئاتقۇر……..

 

چات_چاتقان،چاتسا،چاتسۇن.چاتتۇق،چاتقۇ……..

 

تاتار_تاتارغان،تاتارسا………

 

جانلان_جانلانغان،جانلانسا،جانلانسۇن،جانلاندۇق………..

 

② ”ئا“بىلەن تۈزۈلگەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللارغا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىنقىسى ئالدىنقى بوغۇمنى،كېيىنكىسى كېيىنكى بوغۇمنى تەشكىل قىلغانلىقتىن ”ئا“تاۋۇشى ”ئې“غا نۆۋەتلەشمەيدۇ. مەسىلەن:

 

تارت_تارتىپ،تارتىڭلار…………..

 

قايت_قايتىپ،قايتىڭلار……….


«سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ نۆۋەتلىشىشى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى