ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈرلىرى

يېڭىلانغان ۋاقىت : 2012-06-12 21:43:28 زىيارەت : قېتىم [ خەت رازمىرى چوڭ نورمال كىچىك ] ساقلىۋىلىش

ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈرلىرى


ھەممىمىزگە مەلۇم تىلىمىزدىكى سۆزلەر بوغۇملاردىن، بوغۇملار تىل تاۋۇشلىرىدىن (يېزىقتا ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) تۈزۈلىدۇ. ئۇيغۇر تىلدا سوزۇق تاۋۇش بوغۇم چوققىسى بولۇپ كېلىدۇ. بۇ قانۇنىيەتكە ئاساسلانغاندا بىر سوزۇق تاۋۇش بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ، ئا+ـلىم... ئۇيغۇر تىلىدا سوزۇق تاۋۇشسىز بوغۇم تۈزۈلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئاخىرىغا «ئې» سوزۇق تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا تىلىمىزدىكى تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن ئەڭ كىچىك قۇرۇلما بىرلىكى بولغان بوغۇمنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىپادىلىنىشىمۇ مەلۇم قانۇنىيەتكە بويسۇنغان ئاساستا چەكلىك بولىدۇ ۋە مەلۇم قائىدىگە بويسۇنغان ھالدا يېزىلىدۇ.

  ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈرلىرى

ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈزىلىش قانۇنىيىتىگە قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر تىلغا خاس بولغان سۆزلەردىكى بوغۇم تۈزۈلۈش قائىدىسى ئالتىسى، چەتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ بوغۇم تۈزۈلۈش قائىدىسى بەش خىل.

(تۆۋەندىكى شەكىلدە سوزۇق تاۋۇشلارغا « A » ھەرپى، ئۈزۈك تاۋۇشلارغا « B» ھەرپى شەرتلىك بەلگە قىلىنىدۇ.)

(1) بىرلا سوزۇق تاۋۇش بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: A
مەسىلەن: ئۇ،
ئا+ـتا،
ئا+ـدەم،
ئا+ـلىم...

(2) بىر سوزۇق تاۋۇش، بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىرىكىپ، بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: BA
مەسىلەن: سۇ،
ئات،
ئال+ دى،
ئەسـ+ـئەت ....

(3) بىر ئۈزۈك تاۋۇش، بىر سوزۇق تاۋۇش بىرىكىپ، بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: AB
مەسىلەن:
بۇ،
شۇ، قا+چا،
مېـ+ۋە،
ئو+قۇ+ـغۇ+ـچى ....

(4) بىر ئۈزۈك، بىر سوزۇق، يەنە بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىرىكىپ، بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: BAB
مەسىلەن:
مەكـ+ـتەپ،
تۇر+ـسۇن،
سۆز+ـلۈك،
كىم+لىك ...

(5) بىر سوزۇق، ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىرىكىپ، بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: BBA
مەسىلەن:
ئەرز،
ئېيت،
ئۈست...

(6) بىر ئۈزۈك تاۋۇش، بىر سوزۇق تاۋۇش، ئاخىرىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىرىكىپ، بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: BABB
مەسىلەن:
خەلق،
دەۋر،
قەلب،
دەرس...

تۆۋەندىكى بەش خىل بوغۇم شەكلى چەتتىن قوبۇل قىلغان سۆزلەرگە ماس كېلىدۇ.

(7) ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش، بىر سوزۇق تاۋۇش بىرىكىپ، بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: BBA
مەسىلەن:
گرا+ـدوست،
پلا+ـنېر،
ستا+ـلىن...

(8) ئىككى ئۈزۈك، بىر سوزۇق تاۋۇش، بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىرىكىپ، بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: BBAB
مەسىلەن:
گرامـ +ـما+تې+ـكا،
تراكـ+ـتۇر...

(9) ئىككى ئۈزۈك، بىر سوزۇق، يەنە ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بىرىكىپ بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: BBAABB
مەسىلەن:
فرونت،
ترانـ+ ـسپورت،
كرېست...

(10) بىر ئۈزۈك، بىر قوشما سوزۇق تاۋۇش بىرىكىپ بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: BAA
مەسىلەن:
جۇڭـ+ـخۇا،
خۇا+ لاۋ+شەن...

(11) بىر ئۈزۈك، بىر قوشما سوزۇق، يەنە بىر ئۈزۈك تاۋۇش بىرىكىپ بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بوغۇم شەكلىنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشى: BAAB
مەسىلەن:
بىڭـ + ـتۈەن،
سىـ +ـچۈەن،
گۇاڭـ +ـدۇڭ...

  بوغۇم چېگرىسىنى ئايرىش

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇم تۈرلىرى قانۇنىيەتلىك ھالدا ئون بىر تۈرگە بۆلۈندى. ئەمدى بوغۇملارنىڭ چېگرىسىنى ئايرىشمۇ مەلۇم قانۇنىيەتلىك بولىدۇ. ئەمما يەنە بىر قىسىم بوغۇملار سۆزدە كەلگەندە ئۇ قائىدىگە بويسۇنمايدۇ.  ئۇنداقتا بىز بۇ قانۇنىيەتنى كۆرۈپ باقايلى:

(1)        ئەگەر ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۈزۈك تاۋۇش كەلسە، بۇ ئۈزۈك تاۋۇش كېيىنكى سوزۇق تاۋۇشقا قوشۇلۇپ، بىر بوغۇم بولىدۇ.
مەسىلەن:
يۈ+رەك،
بۆ+رەك،
ئا+نا، ...

بۇ قانۇنىيەتكە چۈشمەيدىغان بوغۇملار ئاساسەن ئۇرغۇ چۈشكەن بوغۇمدا كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئالدىنقى سوزۇق تاۋۇشقا قوشۇلۇپ، بىر بوغۇم بولۇپ كېلىدىغان ئەھۋاللاردا كېيىنكىسى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ھەمزىلىك شەكلى يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

سەنـ+ـئەت،
ئەسـ+ـئەت،
چەتـ+ـئەل،....

(2) ئەگەر سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش بولسا، ئالدىنقى ئۈزۈك تاۋۇش ئالدىنقى سوزۇق تاۋۇشقا، كېيىنكى ئۈزۈك تاۋۇش كېيىنكى سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولىدۇ. مەسىلەن:
مەكـ+ـتەپ،
كەتـ+ـمەن،
پەر+ـھات...

(3) ئەگەر ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ ئۈزۈك تاۋۇش بولسا، ئالدىنقى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئالدىنقى سوزۇق تاۋۇشقا، كېيىنكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش كېيىكى سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولىدۇ. مەسىلەن:
غەربـ + ـتىن،
شەرقـ+ـشۇناس...

ئەمدىكى بۇ مەسىلە بوغۇملارغا بوغۇم ياكى سۆز قوشقاندا بولىدىغان تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى باش قاتتۇرىدۇ. چۈنكى يۇقىرىقى قائىدىدە بۇزۇلۇپ، كومپيۇتېردا بىر بۇيرۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىشى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

(4) يېپىق بوغۇم بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە ئوچۇق بوغۇملۇق قوشۇمچىلارنى ئۇلىغاندا شۇ سۆزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ئۈزۈك تاۋۇش كېيىنكى سوزۇق تاۋۇشقا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن:
كىتاب+ ى=كىـ+تا+بىـ،
كىتابـ+ ـىڭىز= كىـ+ـتا+بىـ+ـڭىز،
قادىر+ى= قا+دىـ+ـرى ...

ئەگەر ساندانغا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بوغۇم چېگرىسىنى ئايرىش بىلەن بوغۇملارنىڭ تۈرلىرى ئۆزئارا قوللامدۇ-يوق؟

3. بوغۇملاردىكى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ قوشۇمچە قوشقاندا ئۆزگىرىشى.

ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارغا بوغۇم ياكى سۆز قوشقاندا بوغۇملاردىكى تىل تاۋۇشلىرىنىڭ بوغۇمدا ئالدىنقى بوغۇمغا قوشۇلۇپ قېلىشى ۋە كېيىنكى قوشۇمچىغا قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسى كۆرۈلىدۇ.

3.1 يېپىق بوغۇم بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە، سوزۇق تاۋۇش قوشۇمچىسى، ياكى سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچە قوشۇلغاندا قوشۇمچە قوشۇلىدىغان سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى بوغۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش قوشۇمچە بېشىدىكى ياكى ئۆزىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
كىتاب+ـى= كىـ+ـتا+ـبى،
ئۈزۈم+ـى= ئۈ+زۈ+ـمى،
تەمـ+ـى= تە+ـمى...

3.2 ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە، ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان ( ياكى ئۈزۈك تاۋۇش قوشۇمچىسى) قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا قوشۇمچىنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش، ئالدىنقى بوغۇمنىڭ سوزۇق تاۋۇشىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن:
ئاچا+ـڭلار=ئا+چاڭـ+لار،
دادا+م= دا+دام

4. بوغۇملاردىكى تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە قېتىلىپ قېلىشى

4.1 يېپىق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى «ئى، ئۇ، ئۈ» تاۋۇشلىرى شۇ سۆزلەرگە شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا چۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن:
كۆڭۈلـ+ـى= كۆڭلى،
نەسىلـ+ـى= نەسلى،
جىسىمـ+ى= جىسمى...

4.2 بوغۇملارغا قۇشۇمچە قوشقاندا تاۋۇشنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى. تىلىمىزدا بوغۇملارغا (سۆز ئاخىرىدىكى بوغۇملارغا) قۇشۇمچە قوشقاندا چۈشۈپ قېلىش ھادىسى بولغان ئىكەن، قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بەزى سۆزلەردە بىر بوغۇم (بىر تىل تاۋۇشى)، يەنە بەزىلىرىدە بىر بوغۇم (ئاز دېگەندە ئىككى تىل تاۋۇشى) قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسى كۆرۈلىدۇ.

(1) ئوچۇق بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقان بەزى سۆزلەرگە بىرىنچى، ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا، قوشۇمچىنىڭ ئالدىغا بىر «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالىدۇ. مەسىلەن:
ئىملا+ـىم=ئىملايىم،
ئىملا+ــڭ= ئىملايىڭ،
پولۇ+ـۇم= پولۇيۇم...

(2)        بەزى ئوچۇق بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قۇشۇلغاندا، قوشۇمچىلار ئالدىدا «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە ئىملادا شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
يە+ـىش= يېيىش،
يۇ+ۇش= يۇيۇش،
دە+ـىش= دېيىش،
ئارزۇ+ۇم= ئارزۇيۇم...



«ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈرلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر


بۇ تېمىنى كۆرگەنلەر تۆۋەندىكى تىمىلارنىمۇ كۆردى